ئەسەد تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن رايون ئىشەنچ ۋە دېموكراتىيەنى قايتا بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى قىيىنچىلىقلار ۋە پۇرسەتلەر بىلەن يۈزلەشمەكتە.
«تامنىڭمۇ قۇلىقى بار.» ئوتتۇرا ياشلىق نۇرغۇن لىۋانلىقلار ئۈچۈن بۇ ئادەمنى قاتتىق چۆچىتىدىغان ماقال، سۈرىيە تۈزۈمى ئاستىدىكى ئومۇميۈزلۈك قورقۇنچلۇق ھاياتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، سىياسىي جەھەتتىن قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ يوقاپ كېتىشى ۋە داۋاملىق زوراۋانلىق تەھدىتى، لىۋاندا قوشنا دۆلەت سۈرىيە ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن قورقۇنچ ئەنئەنىسىنى پەيدا قىلدى.
سۈرىيە كۈچلىرى 1976-يىلى 1-ئىيۇن كۈنى لىۋان ئىچكى ئۇرۇشىغا تىنچلىق كۈچى سۈپىتىدە ئارىلاشقانلىقىنى دەۋا قىلىپ لىۋانغا كىردى. ئەمما ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتى ۋە سۈرىيە تەخمىنەن 30 يىل داۋامىدا لىۋاندا مۇھىم ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى.
سۈرىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى لىۋان بويىچە ئومۇملاشقان ئىدى، چەكلىمىلەر كەڭ تارقالغان ۋە سۈرىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن قىلىشلار، كۆپىنچە قاماققا ئېلىنغان خىرىستىيان رەھبەر سامىر گېئاگېئا، سۈرگۈندىكى ئارمىيە گېنېرالى مىشېل ئەۋن ۋە تىرابلۇس قاتارلىق سۈننىي قورغانلىرىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلاتتى.
تائىف كېلىشىمى
لىۋان ئىچكى ئۇرۇشى 1989-يىلى ئىمزالانغان تائىف كېلىشىمىدىن كېيىن، 1990-يىلى رەسمىي ئاخىرلاشتى. كېلىشىم تىنچلىق ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سۈرىيەنىڭ لىۋان ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتتى.
كېلىشىم مارۇنى پىرېزىدېنتنىڭ ھوقۇقلىرىنى سۈننىي باش مىنىستىرغا يۆتكەپ، ھوقۇقنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ تارقىتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان مۇھىم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ كەلدى. لىۋاننىڭ مەزھەپچىلىك سىياسىي سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇپ چىقىپ، خىرىستىيانلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا باراۋەر ۋەكىللىك ھوقۇقى پەيدا قىلدى. شۇنداقلا قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشىنى شەرت قىلدى، ئەمما ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى قارشىلىق كۆرسىتىش دەۋاسىدا بولغانلىقتىن بۇنىڭدىن مۇستەسنا تۇتۇلدى.
كېلىشىم تەخمىنەن 14 مىڭ سۈرىيە كۈچلىرىنىڭ باسقۇچلۇق ھالدا چېكىنىشىنى كۆزدە تۇتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا ۋاقىتلىق ھوقۇق بەردى. سۈرىيە بۇنىڭدىن لىۋاندىكى كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن پايدىلاندى.
ئىسرائىلىيە جەنۇبنى ئىشغال قىلغاندا، سۈرىيە لىۋاننىڭ قالغان قىسمى ۋە ئىقتىسادى ئۈستىدە ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىدى. ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇلۇش سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بايلىقنىڭ ئۇرۇش ئەمىرلىرى ۋە سىياسىي كۈچلەر ئارىسىدا تەقسىم قىلىنىشى بىلەن نەتىجىلەندى.
رەفىق ھەرىرىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشى
1990-يىللاردا سودا مىنىستىرى ۋە باش مىنىستىر بولغان رەفىق ھەرىرى لىۋاننى كۈچلۈك، مۇستەقىل بىر دۆلەت سۈپىتىدە قايتا قۇرۇپ چىقىشنى ۋە ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى نىشان قىلدى.
ئەمما بۇ غايە ئۇنى سۈرىيە بىلەن قارشىلاشتۇردى. ھەرىرىنىڭ بارلىق چەت ئەل قوشۇنلىرىنىڭ لىۋاندىن چېكىنىشىنى ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان ب د ت نىڭ 1559 – نومۇرلۇق قارارىنى قوللىشى، ئاخىرىدا ئۇنىڭ سۇيىقەست بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.
ھەرىرىنىڭ ھىزبۇللاھ ئەزاسى سەلىم ئەيياش تەرىپىدىن 2005-يىلى 14-فېۋرال كۈنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشى دۆلەتنى چۆچۈتتى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى تەلەپ قىلغان 14-مارت ھەرىكىتىنى قوزغىدى. 2005-يىلى 26-ئاپرېل كۈنى كۈچلۈك يەرلىك ۋە خەلقئارالىق بېسىم ئاستىدا سۈرىيە ئارمىيەسى لىۋاندىن چېكىندى.
بۇ غەلىبە پەيتى ھەممە تەرىپىدىن ئوخشاش شەكىلدە تەبرىكلەنمىدى. بولۇپمۇ سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئاستىدا تەرەققىي قىلغان بەزى لىۋانلىقلار ئۈچۈن بۇ چېكىنىش بىر تاشلىۋېتىلگەنلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلدى.
سۈرىيەنىڭ لىۋاندىكى تەخمىنەن ئوتتۇز يىللىق مەۋجۇتلۇقى جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەر تەمىنلەنگەن مۇقىملىق ۋە ھىمايە تورلىرىدىن مەنپەئەتلەندى. بۇ تورلار تىجارەتتىكى ئىلگىرىلەشنى، سىياسىي ئىتتىپاقلارنى ۋە ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنى ئاسانلاشتۇردى — ئەمما ئاساسەن سۈرىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن بولغانلار تاللاندى.
2005-يىلى سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىشى بىلەن شەكىللەنگەن كۈچ بوشلۇقى تېزلىكتە ھىزبۇللاھ تەرىپىدىن تولدۇرۇلدى. ھىزبۇللاھ 1982-يىلى دەسلەپتە جەنۇبىي لىۋاندىكى ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى بىر قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى سۈپىتىدە قۇرۇلغان تەشكىلات ئىدى.
ئەمما ھىزبۇللاھ لىۋاننىڭ رەسمىي سىياسىي سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا قالدى ۋە 1992-يىلى پارلامېنت سايلىمىغىچە ھۆكۈمەتكە كىرمىدى. بۇ سايلاملار خىرىستىيانلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك بايقۇت قىلىشى ۋە سىياسىي رەھبەرلىرىنىڭ سۈرگۈن ياكى تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبىدىن چەتكە قېقىلىشى بىلەن نەتىجىلەندى.
ھىزبۇللاھ سىياسەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق پەقەتلا بىر قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بولۇشتىن ھالقىپ مۇھىم بىر سىياسىي كۈچكە ئايلاندى.
سۈرىيە ئىنقىلابى
2004- 2013-يىللار ئارىسىدا مۇخبىر سامىر كاسىر ۋە گىبران تۇئېنى قاتارلىق شەخىسلەردىن باشقا پىيېر جەمايىل ۋە مۇھەممەد چاتاھ قاتارلىق سىياسەتچىلەر ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان بىر قاتار سىياسىي سۇيىقەستلەر لىۋاننى زىلزىلىگە سالدى.
2011-يىلىغا كەلگەندە سۈرىيە ئىنقىلابى باشلانغان ئىدى. 14-مارت ھەرىكىتى سۈرىيەدىكى قارشى تۇرغۇچى گۇرۇپپىلار بىلەن بىرلىشىپ بەششار ئەسەد تۈزۈمىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.
داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىك مۇساپىر لىۋانغا قاچتى. بۇ ئەھۋال لىۋاننىڭ ئاللىقاچان ئاجىز بولغان ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئۈستىدە چوڭ بېسىم پەيدا قىلدى. 2012-يىلى سۈرىيە تۈزۈمىنىڭ ئاجىزلىشىشى جەريانىدا ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن ھىزبۇللاھ تۈزۈمنىڭ ھايات قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن لىۋانغا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشتى.
بۇ ئەھۋال لىۋاننىڭ رايونلۇق توقۇنۇشلار قاينىمىغا تېخىمۇ كۆپ ئىتتىرىلىشىگە يول ئاچتى ۋە ھىزبۇللاھنىڭ لىۋان سىياسىتىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتتى.
لىۋان پرېزىدېنتلىقى
بۇ ئەھۋال ئەسەد تۈزۈمىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقان بولسىمۇ، 12 يىلدىن كېيىن، 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر كۈنى ھاماس رەھبەرلىكىدىكى ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھىزبۇللاھ، «سەپلەرنىڭ بىرلىكى» نامى ئاستىدا پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىسىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما بۇ قارار پاجىئە بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۆتكەن يىل بويىچە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ھىزبۇللاھنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنى يوق قىلىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەسىرىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردى.
بۇ ئۆزگىرىشلەردىن جاسارەتلەنگەن سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئىدلىبتىن ھەلەبكە قەدەر ئاز قارشىلىق بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئاخىرىدا ئالدىنقى ئايدا ئەسەد تۈزۈمىنى ئاغدۇردى.
لىۋاندا بۇرۇلۇش نۇقتىسى
بۇ ئۆزگىرىشلەر لىۋان ئۈچۈن تارىخىي بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. 2025-يىلى 9-يانۋار كۈنى، لىۋان ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن بۇيان سۈرىيەنىڭ سىياسىي ئارىلىشىشى بولمىغان تۇنجى پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەييارلانماقتا.
ئون يىللار بويىچە لىۋان پىرېزىدېنتلىرى ئاساسلىقى سۈرىيەنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن سايلانغان، ھەتتا ئاساسىي قانۇن دەپسەندە قىلىنىپ ۋەزىپە مۇددەتلىرى ئۇزارتىلغان ئىدى. بۇ يېقىنلىشىۋاتقان سايلام لىۋاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىك ۋەكىللىك جەھەتتە قازىنىلغان غەلىبسىگە سىمۋوللۇق قىلىدۇ.
ئۆتمۈش بىلەن يۈزلىشىش
ئەسەد تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلىشى لىۋانلىقلار ئۈچۈن پەقەت سىياسىي بىر ئەركىنلىك دېگەنلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆتمۈشنىڭ جاراھەتلىرىنىمۇ قايتا ئاچىدۇ. مىڭلىغان ئائىلە يوقاپ كەتكەن يېقىنلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېلىھەم جاۋاب ئىزدەۋاتىدۇ. قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلار تۈزۈمنىڭ رەھىمسىزلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈردى ۋە بەزىلەر ئۈچۈن بىر خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلگەن بولسا، يەنە بەزىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.
ھىزبۇللاھنىڭ يىمىرىلىشى
ھىزبۇللاھنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى لىۋاندىكى دېموكراتىك ئىلگىرىلەشنىڭ يولىنى ئاچتى. 2022-يىلى ئۆكتەبىردە مىشېل ئەۋننىڭ پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن بۇيان، ھىزبۇللاھ ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ئەركىن ۋەتەنپەرۋەرلەر ھەرىكىتى ھەم ئامال ھەرىكىتى يېڭى بىر پىرېزىدېنتنىڭ سايلىنىشىنى توسۇپ سىياسىي سىستېمىنى پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
ئەمما ھىزبۇللاھنىڭ ھەربىي تەسىرى سۈرىيەدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرى ۋە لىۋاندىكى بازىلىرىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن مۇھىم دەرىجىدە ئازايدى. بۇ ئۆزگىرىش لىۋاندىكى سۈرىيە تەرەپدارى ئىنقىلاب كۈچلىرى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ ھەقىقىي ئورگانلىرى ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئازايتىش پۇرسىتى دەپ قارالماقتا.
ئەگەر سۈرىيەدىكى يېڭى ھاكىمىيەت بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇنلىيالىسا لىۋان-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىدە تارىخىي بىر ئۆزگىرىش ئۈچۈن زېمىن ھازىرلانغان بولىدۇ. بۇ ئۆتكۈچى باسقۇچ ھەم لىۋان ھەم سۈرىيە ئۈچۈن يىللارچە داۋاملاشقان دۈشمەنلىكلەردىن كېيىن ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچنى قايتا تىكلەش پۇرسىتىنى سۇنىدۇ.
تىنچلىق ۋە ئادالەت يولىدا ئىزدىنىش
يەنىلا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئۆتكۈنچى باسقۇچ ئادالىتى ۋە جاۋابكارلىققا دىققەت قىلىش كېرەك. ھەر ئىككى دۆلەت ئۆتمۈشنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئۇنتۇلمىغان، ئەكسىچە تېخىمۇ ئادىل ۋە ئومۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلەچىكى ئۈچۈن ئاساس بولىدىغان بىر دەۋرنى يارىتىشى كېرەك.