جىنايەت ۋە جازا: سۈنئىي ئەقىلدىكى قانۇنىي قىيىنچىلىق
سۈنئىي ئەقىلنىڭ پۈتكۈل دۇنيادا كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قورقۇنچلۇق تەرەققىي قىلىشى، قانۇن ۋە ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرەلەرنى قوزغىدى. تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ سېكتورنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ ئامالى بارمۇ؟
جىنايەت ۋە جازا: سۈنئىي ئەقىلدىكى قانۇنىي قىيىنچىلىق
27 जनवरी 2025

دوستويېۋسكىينىڭ كلاسسىك «جىنايەت ۋە جازا» ناملىق رومانىنى ئەسلىتىدىغان بۇ قىسقا ھېكايىمىز، باش قەھرىمان راسكولنىكوۋنىڭ مۇرەككەپ مۇددېئا-مەقسەتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا رەقەملىك دەۋرگە ئۆتىدۇ.

بىراق، بىزنىڭ بۇ ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى ئىنسان ئەمەس، بەلكى «راسكولنىكاي» (RaskolnikAI) ئىسىملىك روبوت. مۇرەككەپ ئېتىكىلىق نۇقتىدىن لايىھەلەنگەن بۇ روبوت، ھەرىكەتنىڭ ئادىللىقىنى ئۇنىڭ كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن باھالايدۇ.

راسكولنىكئاي ھېسابلاش سۈرئىتى ئاجايىپ تېز ھالدا ئىلگىرىلەۋاتقان نەس باسقان بىر كۈندە، ئىنسانىيەت يەر شارىدىكى باشقا جانلىقلارغا زىيان سالىدۇ، دەپ قارار قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن، ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە مۇھىت ئەھۋالىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە، مۇۋاپىق دەپ ھېسابلانغان بىر قاتار ۋەقەلەرنى باشلايدۇ.

بۇ مەقسەتنى كۆزلەپ، دوستويېۋسكىينىڭ باش قەھرىمانى تاللىغان پالتىغا ئوخشاش، ئۆزى ياساپ چىققان «ئەيكسەي» (AiXE) قورالى بىلەن پۇرسەت تاپسىلا ئىنسانلارنى يوقىتىشقا باشلايدۇ.

ۋەقەنى تەكشۈرگەن مەسئۇل خادىملار، ۋەقەلەردە سۈنئىي ئەقىلنىڭ قولى بارلىقىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئۇلار ئاخىرىدا راسكولنىكايغىچە چېتىلىدىغان رەقەملىك يىپ ئۇچىنى تېپى چىقىدۇ.

لېكىن مەسىلە شۇ، قانداق قىلىپ بىر روبوتنى ئۆزى تاللىغان يولنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە مەجبۇرىي يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ؟

سۈنئىي ئەقىلنى تەرتىپكە سېلىش

 

سۈنئىي ئەقىلنى تەرتىپكە سېلىش ئىشلىرى دۇنيا مىقياسىدىكى سىياسەت چىقارغۇچىلار تەرىپىدىن سۈنئىي ئەقىل قانۇنى، سۈنئىي ئەقىل بىخەتەرلىك يىغىلىشى، ئاق ساراينىڭ باشقۇرۇش پەرمانى ۋە كالىفورنىيەنىڭ SB-1047 قانۇنى ئۈستىدە تەتقىق ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىتتا تېخىمۇ كېڭەيدى.

بۇ تىرىشچانلىقلار، خەلقنىڭ ئەندىشە قىلىشى ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي رىقابەت ئاساسىدا سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە G7 دۆلەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى تەرتىپلەش رىقابىتى، ئىشلارنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ، دۇنياۋى تەرتىپكە سېلىش رامكىسى توغرىسىدا مۇنازىرەلەرنى قوزغايدۇ.

ياۋروپا دائىرىلىرى  ئومۇمىي سانلىق مەلۇمات قوغداش نىزامنامەسى رامكىسىدا، دۇنيا مىقياسىدا  سۈنئىي ئەقىل ئۆلچەملىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، ئامېرىكا بولسا «بىرۇسسېل تەسىرى» يوشۇرۇن نەتىجىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەرتىپكە سېلىشنىڭ دائىرىسى ۋە ماھىيىتى مەسىلىسىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىش، بولۇپمۇ خىتايغا ئوخشاش ئاكتىيورلار ۋە ئۇنىڭ «بېيجىڭ تەسىرى» نى نەزەردە تۇتقاندا ئىنتايىن قىيىن.

يەنە «چەت ج پ ت»  (ChatGPT) دەك چوڭ تىل مودېللىرىنىڭ پەيدا بولۇشى، مائارىپ سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە خەتەر باھالاش ئۇسۇللىرىنى تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدا يېڭى مۇنازىرەلەرنى قوزغاپ، يەنە بىر قاتار قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.

نەتىجىدە، كۈچلۈك تىل مودېللىرىغا قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى قويۇش، كىچىك مودېللارنى بولسا بەزى بەلگىلىمىلەردىن مۇستەسنا تۇتۇش ئارقىلىق بىر كېلىشىمنى تۈزگىلى بولىدۇ.

بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يەنە بىر قىيىن مەسىلە شۇكى سۈنئىي ئەقىل ماشىنىلىرىغا قانۇنىي سالاھىيەت بېرىش مەسىلىسى. بۇ يەنىلا تالاش-تارتىش قوزغايدىغان مەسىلە بولۇپ، راسكولنىكاينىڭ ئەخلاقىي قىيىنچىلىقىغا ئوخشاش توقۇلما سېنارىيەلەرنى ئەسلىتىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى ئەندىشەلەرنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ.

 بۇ تېخىچە مۇنازىرىلىك مەسىلە بولۇپ، راسكولنىكئەينىڭ ئەخلاق دىلېمماسىغا ئوخشاش ھېساباتلىق بولۇش ۋە ئەخلاقىي تەسىرلەر توغرىسىدا ئەندىشىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەسئۇلىيەت، ئۇنى ياراتقان قانۇنلۇق ئورگانلاردا، كود يازىدىغانلاردىمۇ، ياكى ئۆزىنىڭ «ئاپتونومىيەسى» بىلەن ئۆزىدىمۇ؟ تارازا كەينىگە قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە تەۋرىمەستىن بۇ مۇنازىرەلەرگە چوقۇم ئالدىنئالا دىققەت قىلىش كېرەك.

بار بولغان تەرتىپكە سېلىش رامكىلىرى سۈنئىي ئەقىل جاۋابكارلىقىنىڭ كۆپ يۆلىنىشلىك ئامىللىرى ئۈستىدىن شالىپ كېلىشتە يېتەرسىز قالىدۇ.

سۈنئىي ئەقىل قەستەن جىنايى قىلمىش (mens rea) بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەرىكەتنى ئۆزى ئىجرا قىلغان(actus reus)  ئەھۋال ئاستىدا، قانۇنىي مەنزىرە تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ. جىنايەتچىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ۋە مۇمكىن بولغان جازالاش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى سوئاللار كۆپىيىدۇ.

ب د ت نىڭ رايونلار ئارا جىنايەت ۋە ئەدلىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى (UNICRI)، ياۋروپا ساقچى تەشكىلاتى (Europol)  نىڭ ئىنتېرنېت جىنايەت مەركىزى (EC3) دەك ھوقۇقلۇق ئورگانلارنىڭ يېقىنقى دوكلاتلىرى، يامان نىيەتلىك ئاكتىيورلارنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەلىرىنى تېز سۈرئەتتە ماسلاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

سۈئىي ئەقىل ئۆيلەردىكى ئەقىللىق سىستېمىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىدىن تارتىپ، تولۇق ئاپتوماتىك مەخپىي كىرىش سىناق قوراللىرىنى يوقىتىشقىچە، ئىنتېرنېت تور جىنايەتلىرىنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشىدۇ.

بۇ سېنارىيەلەردە، قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش كىشىنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ۋاقىتتا، ھەرىكەت سۈنئىي ئەقىل تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

بىراق، كىشىنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىدىغان سېنارىيە—سۈنئىي ئەقىل جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە پايدىلىنىدىغان ۋاستە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ يامان نىيەتكە ئىگە بولۇشىدا.

سۈنئىي ئەقىلنى ئادەمگە ئايلاندۇرۇش

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2017 -يىللىق دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىدىغان روبوتلارنىڭ «ئېلېكتىرونلۇق قانۇنىي شەخسلەر» دەپ ئاتاشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەكلىپلەر بار.

دوكلاتتا مارىي شېللېي (Mary Shelley) ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ياساش مۇمكىنچىلىكىنىڭ جەمئىيەتتە ئىزچىل قىزىقىش پەيدا قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇرۇن پەرەز قىلىنىۋاتقان ئىشلار رېئاللىققا ئايلىنىۋاتىدۇ.

بىراق، ئىلگىرىكى ھېكايىلەرنىڭ ھەل قىلىش چارەلىرى سۈنئىي ئەقىلغا بىۋاسىتە ماس كەلمەيدۇ. دوكلاتتا، ماشىنا ئادەملەرگە «ئېلېكتىرونلۇق قانۇنىي شەخسلەر» سالاھىيىتىنى بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى جاۋابكارلىققا ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

سۈنئىي ئەقىل ماشىنىلىرىنى جاۋابكارلىققا ئىگە قىلىش توغرا قەدەم بولسىمۇ، سۈنئىي ئەقىل جىنايەتلىرىنىڭ يۈكىنى كىمنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى بەلگىلەش، ھازىرمۇ قىيىن باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ.

دوكلاتتا، بۇ ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغان قارار بېرىش جەريانىنى چۈشىنىشنىڭ مۇرەككەپلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، قانۇن چىقارغۇچىلارنى پاتقاققا ئىتتىرىدۇ.

سۈنئىي ئەقىلنى ھەرىكىتىگە مەسئۇل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئاقىۋىتى ئېنىق ئەمەس، چۈنكى سۈنئىي ئەقىلنىڭ قارار بېرىش جەريانىدىكى ئېنىقسىزلىقى ۋە ھېس-تۇيغۇ بولماسلىقى ئەنئەنىۋى جازالاش ئۇسۇللىرىنى ئۈنۈمسىز قىلىدۇ.

بۇ قانۇن سىستېمىلىرىدا كۆرۈنەرلىك يوچۇق  پەيدا قىلىپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاجىزلىتىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئۆگىنىش ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق نۇرغۇن جىنايى قىلمىشلارنى تەقلىد قىلىش ئىقتىدارى، مۇنازىرەگە كىشىنى ئەندىشەگە سالىدىغان يەنە بىر ئامىلنى قوشىدۇ.

سۈنئىي ئەقىلنى ئادەمگە ئايلاندۇرۇشنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ماشىنا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى قايتا بېكىتىش تولىمۇ زۆرۈر.

بۇ مەخلۇقلارغا ئىنسانلارغا بېرىلىدىغان جازالارنى يۈرگۈزۈش ھېچقانداق ھەل قىلىش چارەسى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. ئۆلۈم جازاسى (ۋىكليۇچاتېل بىلەن ئۆلتۈرۈش)، سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرىنى توسۇشتا يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئۇلاردا پۇشايمان قىلىش ياكى پۇل تۆلەش ئۇقۇمىنى چۈشىنىشتىن مەھرۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈنۈمى بولمايدۇ.

راسكولنىكاينىڭ ھېكايىسىگە قايتىپ كەلسەك، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ نېرۋا تورىغا سىڭدۈرۈلگەن پايدىلىق لوگىكىسى بىلەن ئىنسانىيەتنى يوقىتىشنى تاللىسا، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارەلىرى چەكلىك بولىدۇ

بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى، باشقا ماشىنىلار سەۋەبىنى ئۆگىنىشىدىن بۇرۇن ئۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چەكلەش بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئارقىلىق مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن.

بىراق، شۇ ۋاقىتقىچە يۈز بەرگەنلەر، ئېچىنىشلىق ھەل قىلىنمىغان قاتىللىق دېلوسى تارىخىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

ئىنسانىيەت مۇقەررەر ھالدا تەكرارلانغان خاتالىقلارغا قارىماي، ئىزچىللىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. چۈنكى، دوستويېۋىسكىي ئېيتقاندەك: «ئۆزىنىڭ (ئىنسانىيەت) يولىدا خاتالىشىش، باشقىلار (سۈنئىي ئەقىل) نىڭ توغرا يولىدىن ياخشى.»

TRT Global'ni bir nazar bilan qarang. Fikrlaringizni bo'lishing!
Contact us