ئەركىنلىككە ئېرىشكەن سۈرىيەنىڭ قايتا قەد كۆتۈرۈشىنى قوللاش سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.
باكۇ سۈرىيەگە ئەۋەتكەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى ئارتۋىندىكى سارپ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق تۈركىيەگە كىردى.
كىلىس شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان ۋە 10 يۈك ماشىنىسىدىن تەركىب تاپقان ياردەم كارۋىنى چوبانبەي چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئىدلىبقا يېتىپ بارىدۇ.
200 توننىلىق ئوزۇق-تۈلۈك ياردىمى تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
ئەزەربەيجان سۈرىيەنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلماقتا.
ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئايخان ھاجىزادە سۈرىيەگە ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.