خەلقئارا
5 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى مۇسۇلمانلاردىن كېيىن خىرىستىيانلارنىمۇ يۇتماقتا
ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان غەززە ۋە لىۋاندىكى خىرىستىيان جامائەتلىرىنىمۇ قوغداش كېرەك.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى مۇسۇلمانلاردىن كېيىن خىرىستىيانلارنىمۇ يۇتماقتا
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى مۇسۇلمانلاردىن كېيىن خىرىستىيانلارنىمۇ يۇتماقتا
27 Shkurt 2025

غەززە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە بۇ ھەپتىگىچە لىۋاندىكى خىرىستىيان جامائەتلىرىنىڭ ئېغىر ئەھۋالى ئوتتۇرا شەرقتىكى كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلارنىڭ مەركىزىدە جىددىي مەسىلىگە ئايلاندى. ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئىشغالىيەت سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ، ئەرەب خىرىستىيانلار كەڭ كۆلەملىك زۇلۇم، ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە سۈرگۈن قىلىنىشقا دۇچ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشى ۋە مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشىدا مۇھىم ئەندىشىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

زوراۋانلىقنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىتىشتىن باشقا، بىر خەلقنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي مىراسلىرىنى يوق قىلىۋېتىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولغان رېئاللىقتۇر. جەنۇبىي لىۋاندا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى «دەير مىماس» ناملىق خىرىستىيان يېزىسىدىكى بىر چېركاۋغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولسا، بومباردىمانلار سۈرىيە ۋە لىۋاندىكى ئەڭ قەدىمىي ئىككىنچى ئېۋانگېلىك چېركاۋىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.

بۇ ھەرىكەتلەر ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ رايوندا چوڭقۇر ۋە تارىخىي يىلتىزى بار ئاز سانلىق جامائەت بولغان ئەرەب خىرىستىيانلىرىنى نىشانغا ئېلىش ئادىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئىشغالىيەت ئاستىدىكى  ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پەلەستىنلىك خىرىستىيانلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى تارتىۋېلىپ، نۇرغۇن ئائىلىلەرنى ئۆي - ماكانسىز قالدۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئارىلاشمىغانلىقى ئۈچۈن، پەلەستىنلىك خىرىستىيانلار سىستېمىلىق ھالدا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋە دېموگرافىك كونتروللۇق (نوپۇسنى كونترول قىلىش) قا قارشى ئۆزلىرى چارە ئىزدەشكە مەجبۇر بولماقتا.

 نېتانياھۇنىڭ دېموگرافىك پىلانلىرى

 نېتانياھۇنىڭ سىياسەتلىرى ئەرەب خىرىستىيانلارنىڭ قەستەن چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتتى. مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچ تەرىپىدىن سۇنۇلغان 2024-يىللىق يەھۇدىي كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۈش پىلانى، گۇش ئېتزىيون رايونىدىكى ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرنى  قانۇنسىز يەرلەشتۈرۈش رايونلىرىنى قۇددۇسقا قاراشلىق قىلىش ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قالغان بىرقانچە خىرىستىيان يېزىسى قاتارلىق پەلەستىن زېمىنلىرىغا تاجاۋۇز قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا.

بۇ پىلان پەقەت خىرىستىيان ئاھالىلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپلا قالماي، يەنە بۇ رايونلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنىمۇ ئۆزگەرتمەكتە. مەسىلەن، مەزكۇر رايوندىكى ئاز ساندىكى خىرىستىيان قورغانلىرىدىن بىرى بولغان ئەلمەكررۇر ۋادىسى يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن يۇتۇۋېلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. نېتانياھۇنىڭ بۇ سىياسەتلەر ئالدىدا سۈكۈت قىلىشى پەلەستىندىكى خىرىستىيانلارنى يوق قىلىۋېتىش خەۋپى ئالدىدىكى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋە دېموگرافىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ جىنايەت شېرىكى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئەندىشىلىك ئۆزگىرىشلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئاساسىي جەھەتتىن سۈكۈت قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىشىنى ئەيىبلەپ قارارلارنى ماقۇللىدى، ئەمما بۇ ھەقتە نە ئەمەلىي جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويمىدى، نە ماس قەدەمدە ھەرىكەتكە ئۆتمىدى. بۇنداق جاۋابكارلىققا تارتىلىشنىڭ كەمچىللىكى ئەرەب خىرىستىيانلارغا قارىتىلغان دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولماقتا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىدىكى ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغان قوش ئۆلچەمنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ ئەھۋال دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ پات - پات دىققىتىنى قوزغىماقتا. مەسىلەن، پاپا فرەنسىس 2024-يىلنىڭ ئاخىرلىرى «غەززەدىكى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ سۈپەتلىگەن ۋەزىيەتنى تەكشۈرۈش چاقىرىقىدا بولدى. ھالبۇكى، كىرىزىسنى  « مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان» دەپ سۈپەتلەش ئاچچىق رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلماسلىق دېگەنلىكتۇر: نېتانياھۇ ۋە باشقا ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ھەققىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قولغا ئېلىش بۇيرۇقىدىنمۇ بىلىۋالغىلى بولغىنىدەك، ئەرەب خىرىستىيانلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سىستېمىلىق زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا.

 

خىرىستىيانلارغا قارىتىلغان دۆلەت ھالقىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنتەرتىپى

ئەرەب خىرىستىيانلارغا قارىتىلغان زۇلۇم غەززە ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئەكسىچە نېتانياھۇنىڭ غەززە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن بۇرۇن ئىسرائىلىيە ئىچىدە ئىما قىلغان كەڭ كۆلەملىك «ئەرەب مەسىلىسى» نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرۈلگەن ئەرەب خىرىستىيانلىرىنى يوق قىلىشقا قارىتىلغان دۆلەت ھالقىغان ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلمەكتە.

خىرىستىيانلار نوپۇسنىڭ يېرىمىدىنمۇ ئاز قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان لىۋاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە بىر يىل جەريانىدا خىرىستىيانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلار ۋەيران قىلىندى. دەرۋەقە، بۇ ھۇجۇملار بۇ ھەپتىدىكى ئۇرۇش توختىتىشتىن بۇرۇنقى ئىككى ئايدا تېخىمۇ كۆپەيدى. شەرقىي بېيرۇت ۋە لىۋان تېغىنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرى نەتىجىسىدە ئېغىر ۋەيران بولدى. لىۋاننىڭ خىرىستىيان كىملىكىنىڭ مۇھىم سىمۋولى بولغان چېركاۋلار ۋەيران قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئاجىزلىتىلدى.

خىرىستىيان رايونلىرىغا قارىتىلغان بۇ ھۇجۇملارنىڭ ھىزبۇللاھنى نىشانغا ئېلىش قاتارلىق ھەربىي نىشانلار بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقى دىققەت قوزغىماقتا.

لىۋان كۈچلىرى پارتىيەسىدىن سامىر گېئاگېئا قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى سىياسىي شەخسلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن لىۋانلىق خىرىستىيانلار ھىزبۇللاھنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئەيىبلىدى. بۇ ئەھۋال «بومباردىمانلار ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر» دېگەن دەۋالارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا، بۇنىڭ ئەرەب خىرىستىيانلارغا قارشى قەستەن قىلىنىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلماقتا.

ئىسرائىلىيەدىكى ئىچكى زۇلۇم

ئەرەب خىرىستىيانلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ئىسرائىلىيە چېگرالىرى ئىچىدە ياشايدىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باش ئورگىنى قۇددۇسقا جايلاشقان روسسىڭ تەتقىقات مەركىزى تەييارلىغان 2024-يىللىق بىر دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، 2024 – يىلى كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ تېگى ئەرەب بولغان ئىسرائىلىيەلىك خىرىستىيانلار نىشان قىلىنغان كەڭ كۆلەملىك پاراكەندىچىلىك ۋە مال-مۈلۈككە زىيان يەتكۈزۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. ئۇلترا-ئورتودوكس زىيونىست گۇرۇھلار دىنىي مۇراسىملارغا توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىق تەھدىت سېلىش ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئارىلاشقان.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ناھايىتى ئاز كۆڭۈل بۆلگەن. نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى جىنايەتچىلەرگە قارشى ھەرىكەت قىلماسلىق ئارقىلىق بۇنداق قىلمىشلارنى يوشۇرۇن قوللايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن.

بۇ بىپەرۋالىق ئىسرائىلىيە جەمئىيىتى ئىچىدە پەقەت مۇسۇلمانلارنىلا ئەمەس، خىرىستىيانلارنىمۇ چەتكە قاقىدىغان كەڭ كۆلەملىك زىيونىست ئۈستۈنلۈك قارىشىغا ئىگە كۈنتەرتىپىنىڭمۇ بارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرمەكتە.

ئەرەب خىرىستىيانلارنى سىستېمىلىق ھالدا نىشانغا ئېلىش يەھۇدىي بولمىغان جامائەتلەرنى سۈرگۈن قىلىش ياكى يوقىتىش ئارقىلىق رايوندىكى يەھۇدىي ئۈستۈنلۈكىنى مۇستەھكەملەشكە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ئىستراتېگىيەنىڭ بىر قىسمىدۇر.

بۇ ئەھۋال خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنى قىلمىشلىرى تۈپەيلى جاۋابكارلىققا تارتىشتەك ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. دىپلوماتىك جەھەتتىن يېتىپ قالدۇرۇش، ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ۋە ھەربىي چەكلىمىلەرنى قويۇش بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنى توسۇش ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جامائەتلەر ئۈچۈن ئادالەت بەرپا قىلىشتا زۆرۈر ۋاسىتىلەردۇر.

تولىمۇ ئەپسۇسكى،  خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسلىرى يېتەرسىز قالماقتا. غەززە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە لىۋاندىكى ئەرەب خىرىستىيانلارنىڭ ئەھۋالى ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر گەۋدە ھالىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە جىددىي ئېھتىياج بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. دەرۋەقە، بۇ خەلقلەر پەقەت ئۇرۇشنىڭ قۇربانلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى يوق قىلىۋېتىش نىشان قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭمۇ قۇربانلىرىدۇر.

ئەرەب خىرىستىيانلار قانچە ئەسىرلەر داۋامىدا ئوتتۇرا شەرقنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي مۇزايىكىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلگەندۇر. بۇ خەلقلەرنى قوغداش پەقەت ئادالەت مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى رايون خەلقلىرىنىڭ پاراۋانلىق ئىچىدە بىرگە ياشاش تارىخىنىڭمۇ مۇھىم ئىسپاتىدۇر. ئاساسلىق مەسىلە شۇكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقى ياكى ئۇلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرمەسكە سېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان-داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىدۇر.

 

 

 

TRT Global'ni bir nazar bilan qarang. Fikrlaringizni bo'lishing!
Contact us