ئانالىزچىلار مۇستەقىل ئاۋازلارنىڭ چەتكە قېقىلىشىنىڭ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا.
رومىنىيە 24-نويابىردىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن كېيىن سىياسىي بوران – چاپقۇننىڭ مەركىزىدە تۇرماقتا. مۇستەقىل مىللەتچى نامزات كالىن گېئورگېسكۇ ئاۋازلارنىڭ 22.94 پىرسەنتىنى ئېلىپ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان ئىدى.
گېئورگېسكۇنىڭ ئىسلاھاتچى «رومىنىيەنى قۇتقۇزۇش ئىتتىپاقى» (USR) پارتىيەسىدىن ئېلېنا لاسكونى بىلەن 8-دېكابىردىكى ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا رىقابەتكە چۈشۈشى كۈتۈلگەن ئىدى؛ ئەمما سايلام بىكار قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئاشمىدى.
رومىنىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ (CCR) رۇسىيەنىڭ ئارىلىشىشى ۋە تەرتىپسىزلىكلەرنى باھانە قىلىپ، 24-نويابىر سايلام نەتىجىلىرىنى بىكار قىلىشى، دۆلەتنى سىياسىي مۇقىمسىزلىق قاينىمىغا سۆرەپ كىردى.
بۇ قارار جامائەت پىكرىنى قۇتۇپلاشتۇرۇپ، دېموكراتىيەنىڭ ھالىتى ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلىتىدىكى غەربنىڭ تەسىرىگە دائىر مۇنازىرىلەرنى قوزغىدى.
بۇخارېست ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ئىلمى فاكۇلتېتىدىن ئالېكساندرا-ئالىنا يانكۇ «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا: «بۇخارېست قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامنىڭ ھارپىسىدا كۈچەيگەن يىرىكچىلىك سەۋەبىدىن سايلامنىڭ بىكار قىلىنىشىغا بىر خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بىلەن قارالماقتا. ئەمما تېخىمۇ يېقىندىن قارالغاندا <كالىن گېئورگېسكۇنىڭ> سايلىغۇچىلىرىدىن كەلگەن بىر نارازىلىق ۋە كەلگۈسىگە دائىر بىر مۇقىمسىزلىق ھېس قىلىنماقتا» دېدى.
بۇ ئالاقزادىلىك تۇيغۇسى رومىنىيە ياۋروپا سىياسەتلىرى مەركىزى (CRPE) پىروگرامما دىرېكتورى ئالېكساندرۇ دامىيان تەرىپىدىنمۇ تىلغا ئېلىنماقتا. دامىيان ۋەزىيەتنى «جىددىي ۋە مۇقىمسىز» دەپ تەسۋىرلىدى، مەسئۇللاردىن كەلگەن ئالاقە يېتەرسىزلىكىنىڭ جامائەت پىكرىنىڭ ئۈمىدسىزلىكىنى ئاشۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ: «ھازىر گېئورگېسكۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇ قاراردىن تېخىمۇ نارازى بولسا، ياۋروپا تەرەپدارلىرى بۇ قارارغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا» دېدى.
ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ سايلامنى بىكار قىلىش قارارى سايلام جەريانىغا چەت ئەلنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە مەخپىيەتلىكى ئېچىۋېتىلگەن ئىستىخبارات دوكلاتلىرىنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان ئىدى.
دامىياننىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە كېڭىشى (CSAT)، قانۇنسىز مالىيە ياردەملىرى ۋە ناھايىتى ياخشى مەبلەغ سېلىنغان ئىجتىمائىي مېدىيا سەپەرۋەرلىكى قاتارلىق قائىدىسىزلىكلەرنى ئاشكارىلىدى. گېئورگېسكۇنىڭ گۇرۇپپىسى بۇ مەبلەغنىڭ مەنبەسىنى چۈشەندۈرەلمىدى.
دامىيان: «كالىن گېئورگېسكۇ سەپەرۋەرلىك جەريانىدا نۆل چىقىم بارلىقىنى بىلدۈردى، رومىنىيەدىكى سەپەرۋەرلىك مەبلەغ قائىدىلىرى ناھايىتى قاتتىق بولغاچقا، بۇ ئەمەلىيەتتە مۇمكىن ئەمەس ئىدى» دەپ چۈشەندۈردى.
لانكۇ بولۇپمۇ TikTok تىكى گېئورگېسكۇ سەپەرۋەرلىكىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى سۆزىگە ئېلاۋە قىلىپ: «رومىنىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى سايلام جەريانىغا بىر چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىاشقانلىقىنى ۋە [گېئورگېسكۇنىڭ] توردىكى سەپەرۋەرلىكى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك تەرتىپسىزلىكلەرنى خاتىرىلىگەن ۋە مەخپىيەتلىكى ئېچىۋېتىلگەن ئىستىخبارات دوكلاتلىرىنى سەۋەب كۆرسەتتى» دېدى.
كالىن گېئورگېسكۇنىڭ مېتېئوردەك يۈكسىلىشى
گېئورگېسكۇنىڭ نوپۇزىدىكى تېز كۆتۈرۈلۈش رومىنىيەنىڭ سىياسىي تەرتىپىنى تەۋرىتىۋەتتى. بىر زامانلار سىياسەتتە نىسبەتەن تونۇلمىغان بىر شەخس بولغان گېئورگېسكۇ ئەندىشىلىك سايلىغۇچىلار بىلەن ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سەپەرۋەرلىك بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ تونۇلغان بىر شەخسكە ئايلاندى.
بەزى ئانالىزچىلار بۇ يۈكسىلىشنى ئادەتتىكى رومىنىيەلىكلەرنىڭ ئەندىشىلىرىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرىدىغان مەسىلىلەرگە قوشۇپ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە باغلايدۇ.
سىياسىي ئانالىزچى ۋە دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىسى يوئانا گوموي بۇخارېستتا «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا: «كىشىلەر بۇ ئادەمنى ساراڭلارچە تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ» دەيدۇ.
گوموي گېئورگېسكۇنىڭ نوپۇزىنىڭ تەبىئىي ھالدا ئۆسكەنلىكىنى، چۈنكى ياشلار ئىشسىزلىقى، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تىنچلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە دىققەت تارتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
گېئورگېسكۇنىڭ خەلقتىن كەلگەن «ھەقىقىي قوللىشى» بارلىقىنى بىلدۈرگەن گوموي بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئاساسىي ئېقىم سىياسەتچىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت كۆزگە ئىلمىغان مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
گوموي: «ئۇ تىنچلىق، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى، ياش رومىنىيەلىكلەرنىڭ چەت ئەلگە كېتىشى، مائارىپ ۋە دېھقانچىلىق سىستېمىلىرىدىكى ۋەيرانچىلىق ھەققىدە سۆز قىلىدۇ» دەيدۇ ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئون يىللارچە سىياسىي تۇرغۇنلۇقتىن چارچىغان بىر دۆلەتتە كەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
گوموي: «رومىنىيەلىكلەر چارچىدى، ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان دېموكراتىيە بار، ئەمما ھېچ نەرسە ئۆزگەرمىدى. گېئورگېسكۇ كىشىلەر ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىلەرنى تىلغا ئالدى. ھېچقانداق رەسمىي پارتىيەگە باغلانمىغان بولسىمۇ، گېئورگېسكۇ بولۇپمۇ TikTok ۋە باشقا دىگىتال مۇنبەرلەرنى ئىشلىتىپ خەلقنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇ، رومىنىيەنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئەڭ ياخشى تەسىر كۈچى» دەيدۇ.
ئالدىمىزدىكى يول: گېئورگېسكۇ قايتا نامزات بولامدۇ؟
رومىنىيەنىڭ سىياسىي كېلەچىكى يېڭى بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە 2025-يىلى مارتتا ئۆتكۈزۈلگۈسى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ كۈنتەرتىپىگە باغلىقتۇر.
ياۋروپا تەرەپدارى پارتىيەلەر ئارىسىدا بىر بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن غەيرىي رەسمىي سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا، ئەمما بۇ جەريانلارنىڭمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرى مەۋجۇت.
يانكۇ: «پارلامېنتتىكى پارتىيەلەر كېلىشەلىگەن تەقدىردىمۇ، يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنتتىكى پارچىلىنىش سەۋىيەسى يۇقىرى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك خىلمۇخىللىقى سەۋەبىدىن داۋالغۇشلۇق مەزگىللەرگە دۇچ كېلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.
گوموي: «پۈتۈن سايلام جەريانى قايتا باشلىنىشى كېرەك، بۇ ئايلارغىچە سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن» دەيدۇ. گوموي گېئورگېسكۇنىڭ كېلىدىغان جەرياندىن چەتكە قېقىلىشى يۆنىلىشىدىكى پوتېنسىيال تىرىشچانلىقلارغا ئىما قىلىپ، «ئېھتىمال يېڭى نامزاتلارنى كۆرىمىز ۋە گېئورگېسكۇنىڭ نامزات بولۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭغا قارشى بىر نەرسە تاپىدۇ، خۇددى ئىلگىرى باشقا بىر نامزات بولغان دىيانا يوۋانوۋىچى-شوشوئاكاغا قىلغىنىدەك. شوشوئاكا (دەۋا قىلىنغان رۇسىيە تەرەپدارى كۆز-قاراشلىرى سەۋەبىدىن) پىرېزىدېنتلىق رىقابىتىدىن چەتلەشتۈرۈلگەن ئىدى» دەيدۇ.
ئەمما گوموي، گېئورگېسكۇنى چەتلەشتۈرۈشنىڭ سىياسىي قۇرۇلما ئۈچۈن تەتۈر تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
«گېئورگېسكۇنىڭ قايتا نامزات بولۇشىنى توسۇش، خەلقنىڭ ئۈمىدسىزلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. بۇ پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس؛ ئۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان تېخىمۇ چوڭ مەسىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كىشىلەر ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلىنىشىنى خالايدۇ ۋە ئۆزگىرىش تەلەپ قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ» دەيدۇ.
گېئورگېسكۇنىڭ نوپۇزى رومىنىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو چەمبىرىكىدىكى يۆنىلىشىگە دائىر چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىكلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. رومىنىيەلىكلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى سۇنغان پۇرسەتلىرىنى قارشى ئالسىمۇ، تەڭسىزلىكلەرگە دائىر كۈچىيىۋاتقان نارازىلىق بار.
مەسىلەن، گوموي ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچىلارغا بېرىلگەن يۇقىرى مىقداردىكى ماددىي ياردەم قاتارلىق دۆلەت ياردەملىرىدىكى تەڭسىزلىكلەرگە دىققەتلەرنى تارتىپ، «يېڭى يىل ۋە روژدېستۋو يېقىنلاشقاندا داستىخىنىدا يېگۈدەك بىر نەرسە تاپالمايدىغان نۇرغۇن ياشانغان كىشىلىرىمىز بار، دورىسىنى ئالالمايدىغان كىشىلەر بار» دەيدۇ.
«دۆلىتىمىز ئاۋۋال ئۆز خەلقىگە قارىشى كېرەك»