تۈركىيە
4 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ساھەسىدەخىتاي ۋە ئامېرىكانى بېسىپ چۈشتى
ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ چەكلىمىلىرىگە دۇچ كەلگەن تۈركىيە يەرلىك تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ساھەسىدە دۇنياۋى يېتەكچى ئورۇنغا چىقتى.
تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ساھەسىدەخىتاي ۋە ئامېرىكانى بېسىپ چۈشتى
بايراكتار TB2 تە تەخمىنەن 30 يىللىق ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىنى تامامىنى ۋاستىسى بولدى
27 فبراير 2025

دۇنياۋى ھەربىي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بازىرىدا دىراماتىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكتە. ئامېرىكا مەركەزلىك يېڭى ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەشتە ئەڭ چوڭ ئۈلۈشكە ئىگە دۆلەت سۈپىتىدە يۈكسەك پەللىدىن ئورۇن ئالغان.

بۇ يۈكسىلىش ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە ئوخشاش كونا بايراقدار دۆلەتلەرنى بېسىپ چۈشۈپ، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ دۇنياۋى تارقىلىشىدا يېڭى بىر دەۋرنى باشلىغان.

بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىنغان يېڭى ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەركىزى دوكلاتى، 2018-يىلىدىن بۇيان تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ 40 دۆلەتكە جەمئىي 69 قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ سودىدا تۈركىيە 65 پىرسەنتلىك، خىتاي 26 پىرسەنتلىك، ئامېرىكا بولسا، پەقەت 8 پىرسەنتلىك ئۈلۈشكە ئىگە ئىكەن.

 تۈركىيەنىڭ يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈشىنىڭ سىرى

 مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بازىرىدا يېتەكچى ئورۇنغا چىقىشىنىڭ كەينىدە ئەنقەرەنىڭ يەرلىك مۇداپىئە سانائىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى ياتماقتا ئىكەن.

«تۈركىيەنىڭ ئىلغار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيىتى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلار تېخنىكا يۆتكەشنى چەكلىگەن ياكى سېتىشنى رەت قىلغان ھالقىلىق مەزگىللەردە، مۇداپىئە ساھەسىنىڭ چەت ئەل تېخنىكىسىغا ئېرىشىشتىكى توسالغۇلارنى يېڭىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسىدۇر» دەيدۇ ھاسان قاليونجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات ئاسلان.

دوكتور مۇرات ئاسلان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ دەسلەپتە پەقەت چارلاش، كۆزىتىش ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ياردەم بېرىش ۋەزىپىلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاددىي سىستېمىلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھەرخىل يۈكلەرنى كۆتۈرەلەيدىغان مۇرەككەپ سۇپىلارغا ئايلاندى ۋە بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ زامانىۋى ئۇرۇشلاردىكى رولىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلىدۇ.

 مۇداپىئە سانائىتىنىڭ رولى

 تۈركىيەنىڭ خەلئارا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بازىرىدىكى بايراقدارلىقى «بايقار»، «روكەتسان» ۋە «ئاسەلسان» قاتارلىق مۇداپىئە شىركەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە تايىنىدۇ.

«بايقار» شىركىتىنىڭ «بايراقتار TB2» ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، بولۇپمۇ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئارىسىدىكى قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلىپ، دۆلەتنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تېخنىكىسىدىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى سىمۋوللاشتۇرغان مەھسۇلاتقا ئايلاندى.

«بايراقتار TB2» دىن باشقا، «بايقار» تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان «ئاقىنجى» ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تېخىمۇ ئىلغار يۇقىرى ئېگىزلىك خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقارغۇچىلىق ئورنىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن قورال سۈپىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.

 مۇشەققەتلىك سەپەر

 تۈركىيەنىڭ چوققىغا چىقىشى، بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈشى ئاسانغا توختىمىدى. دۆلەت دەسلەپتە زاپچاس يېتەرسىز بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن، ئۆزىنىڭ سىستېمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا قارار قىلدى.

ئاسلان تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا مۇھىم توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «1990-يىللاردا تۈركىيە ئىسرائىلىيە ئىشلەپچىقارغان <ھېرون> ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى سېتىۋالماقچى بولغاندا، مەشغۇلات چەكلىمىلىرى بار ئىدى. مەسىلەن، سىستېمىلارنى تۈرك مەشغۇلاتچىلىرى ئەمەس، ئىسرائىلىيەلىك خادىملار ئىشلىتىشى كېرەك ئىدى» دەيدۇ.

بۇ بېقىندىلىق ۋە چەت ئەل ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ھازىرىي ئىستىخبارات ئىگىلەشتىكى كېچىكىشلەر تۈركىيەنى ئۆزىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئىشلەپچىقىرىش پىروگراممىسىنى يولغا قويۇشقا ئىتتەردى.

«روكەتسان» ۋە «ئاسەلسان» قاتارلىق مۇداپىئە ساھەسىنىڭ مۇھىم شىركەتلىرىمۇ بۇ جەرياندا تۈركىيەنىڭ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشتى. «روكەتسان» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قورال سەپلەش ساھەلىرىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن بولسا، «ئاسەلسان» ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئاۋىياتسىيە، ئالاقە ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش سىستېمىلىرى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدەنمەكتە.

2022-يىلى ئالتە دۆلەت تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بازىرىغا كىرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «بايقار» شىركىتىنىڭ «بايراقتار TB2» مودېلىنى تاللىدى. بۇ تۈركىيەنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىدى.

 ئۆز كۈچىگە تايىنىپ غەلىبە قىلىش

 تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم قەدىمى، يەرلىك تېخنىكا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولدى.

ئاسلان تۈركىيەنىڭ ھالقىلىق تەمىنلەش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زاپچاسلارنى خىلمۇخىللاشتۇرغانلىقىنى ياكى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «تۈركىيە ھالقىلىق زاپچاسلارغا قويۇلغان ئېمبارگولارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئىشلەپچىقىرىشتا ھەسسىلەپ ئۈنۈم يارىتىشقا مۇۋەپپەق بولدى. بولۇپمۇ، چەت ئەل سىستېمىلىرىغا بېقىنىشنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى» دەيدۇ.

«ئانقا»غا ئوخشاش بىباھا لايىھە ۋە ئىقتىدارلارغا ئىگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدىكى چوڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى.

2021-يىلى خىتاينى بېسىپ چۈشكەن تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېكسپورتى پەۋقۇلئاددە ئاشتى. «بايقار»  2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ 83 پىرسەنتىنى ئېكسپورت قىلدى ۋە 2022-يىلى 1 مىليارد 800 مىليون مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت قىلدى.

يېڭى ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەركىزى دوكلاتى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بازىرىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ «ئاللىقاچان ئاخىرلاشقانلىقى»نى، تۈركىيە، خىتاي ۋە ئىراننىڭ تېخىمۇ ئەرزان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇ بازارنى ئىگىلىگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇ يۆنىلىش قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا يۆتكىلىشىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان ھالدا، تۈركىيەنى ئالدىنقى سەپكە ئېلىپ چىقتى.

تۈركىيەنىڭ «بايقار»، «روكەتسان» ۋە «ئاسەلسان» قاتارلىق شىركەتلەر يېتەكچىلىكىدە ھەربىي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىشتا يېتەكچى دۆلەت ھالىغا كېلىشى دۇنياۋى ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىپادىسى. «بايراقتار TB2» ۋە «ئاقىنجى»غا ئوخشاش ئەرزان، ئىلغار تېخنىكىلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى زامانىۋى ئۇرۇشلارنى قايتا شەكىللەندۈرمەكتە ۋە تۈركىيەنى بۇ ھالقىلىق مۇداپىئە ساھەسىدە مەركىزىي كۈچكە ئايلاندۇرماقتا.

ھاسان قاليونجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئاسلان، بىر قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يالغۇز سۇپىدىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا سۇپىدا ئىشلىتىلىدىغان ئوق-دورا ۋە كونترول سىستېمىلىرىنىڭمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ:  «<روكەتسان> ئىلغار ئوق-دورىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ مۇھىم رول ئوينىدى. <ئاسەلسان> بولسا ئېلېكتىر-ئېلېكتىرونلۇق جەھەتتە قوللىدى ۋە <ھاۋەلسان> زۆرۈر بولغان يۇمشاق دېتاللارنى تەرەققىي قىلدۇردى.

بۇ دۆلەت مۇداپىئە شىركەتلىرى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى مودېللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېتەكچى رول ئوينىدى. ئەمما يەرلىك ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىشى ئەمەلگە ئاشمىغان بولسا، تۈركىيە يەنىلا تاشقى تەمىنلىگۈچىلەرگە بېقىنىپ قالغان بولاتتى.»

TRT Global'ni bir nazar bilan qarang. Fikrlaringizni bo'lishing!
Contact us