فىدان چارشەنبە كۈنى پايتەخت ئەنقەرەدە گىرۇزىيەلىك مەنسەپدىشى ماكا بوتچورىشۋىلى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «تۈركىيە بۇ يۆنىلىشتە ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە» دېدى ۋە تۈركىيەنىڭ رايوندا «كۈچلۈك ۋە مۇھىم» بىر كۈچ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
فىدان ئەنقەرەنىڭ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى پوزىتسىيەسىنىڭ ئۇنى مۇمكىنقەدەر تېز ئاخىرلاشتۇرۇش بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ بۇ مەسىلىدە ھەم ئىستراتېگىيەلىك ھەم تاكتىكىلىق دەرىجىدە ئۇرۇنۇشلار قىلىنغان، خىزمەتلەر ئىشلەنگەن ۋە ئالاقىلەر ئورنىتىلغان بولسىمۇ، تەرەپلەر ئارىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى، ئەمما پىرېزىدېنت دونالد ترامپ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ئامېرىكا رەھبەرلىكى بىلەن بىرلىكتە يېڭى بىر ھەرىكەتلىنىشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدا كەسكىن دىپلوماتىك ئالاقىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا
فىدان يەنە ھاسىل قىلىنغۇسى ئۆزئارا ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرى، قانداق داۋاملىشىدىغانلىقى، ئۇنى تىنچلىق كېلىشىمىگە ئايلاندۇرۇش، ۋە بۇنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان بىخەتەرلىك ئامىللىرى قاتارلىق تەپسىلاتلار ئۈستىدە كەسكىن دىپلوماتىك ئالاقىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشقا رەھبەرلەر، جۈملىدىن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكىتلىگەن فىدان، ئۆزئارا ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ساقلاش ئۈچۈن ھەرخىل تەرەپلەر ئارىسىدا ئالاقىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
فىدان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو، ئامېرىكانىڭ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا مەسلىلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى كېيت كېللوگ ھەمدە ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقە قىلىنغانلىقىنى، ھەممەيلەننىڭ ئۆزئارا ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا بىردەك قاراشقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە «تەرەپلەرنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىنىشى مۇھىم» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
فىداننىڭ دېيىشىچە، ئەنقەرە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇنۇشلارنى قوللاپ كەلگەن. ئۇ تۈركىيەنىڭ سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.
تۈركىيە-گىرۇزىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى
فىدان تۈركىيە ۋە گىرۇزىيەنىڭ «كاسپىي ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى دۇنيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا توشۇشنىڭ ئاچقۇچى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆزلىرىنىڭ باكۇ-تىفلىس-جەيھان نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە باكۇ-تىفلىس-ئەرزۇرۇم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن فىدان، ئۇلارنىڭ گىرۇزىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈچ تەرەپلىك ۋە تۆت تەرەپلىك فورماتلاردا كونكرېت لايىھىلەرگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
فىدان تۈركىيەنىڭ يېڭى گىرۇزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوخشاش قەتئىيلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئەنقەرە بىلەن تىفلىس ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا فىدان مۇنداق دېدى: «تۈركىيە 16 يىلدىن بۇيان گىرۇزىيەنىڭ بىرىنچى سودا شېرىكى بولۇپ كەلدى. ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ سودا ھەجمىمىز 3 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. بىز بۇ رەقەمنى 5 مىليارد دوللارغا كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.»
«بىز يەنە تۈركىيەنىڭ گىرۇزىيەدىكى مەبلەغ سېلىشلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن تىرىشماقتىمىز. كاسپىي تىرانس-كاسپىي شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورى شەرق-غەرب تۇتاشلىقىدا مۇھىم بىر ئېلېمېنت. بۇ جەھەتتە، بىز ئوتتۇرا كارىدورنىڭ ئومۇرتقىسى بولغان باكۇ-تىبىلىسى-كارس تۆمۈر يولىنىڭ تولۇق سىغىمدا ئىشلىشىگە چوڭ ئەھمىيەت بېرىمىز.»
ئۇلارنىڭ يەنە ھەربىي ۋە مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن فىدان، ھەم ئىككى تەرەپلىمە ھەم ناتو دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەۋجۇت لايىھەلەرنىڭ قانداق ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى باھالىغانلىقىنى ئېيتتى.
گىرۇزىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ئوچۇق ۋە ئېنىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن فىدان، دۆلەتنىڭ ئىككى شۇنداق ئاتالمىش مۇستەقىل رايونلىرىغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز گىرۇزىيەنىڭ ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتىيە ماجىرالىرىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئىرادىسىنى تەقدىرلەيمىز. بىز گىرۇزىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا بولغان كۈچلۈك قوللىشىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز.»
80 يىل ئىلگىرى ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان فىدان، ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ گىرۇزىيەگە قايتىشى ئۈچۈن زۆرۈر قوللاپ-قۇۋۋەتنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.
ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئىمكانىيەتلىرى كۆپ
ھازىر تۈركىيە، گىرۇزىيە ۋە ئەزەربەيجاننىڭ تۆھپىلىرى بىلەن ئېنېرگىيە ۋە تىرانسپورت ساھەسىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاكتىپ لايىھەلەر بارلىقىنى تىلغا ئالغان فىدان، بۇلارنىڭ رايوننىڭ گۈللىنىشىنى كۈچەيتىش، تىنچلىقنى ئورنىتىش ھەم ساقلاش ئۈچۈن مۇھىم لايىھەلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «كاسپىي ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ دۇنيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا توشۇلۇشى، قارا دېڭىزدىكى ھەمكارلىقىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەر. بىز ئەمەلگە ئاشۇرغان لايىھەلەر كەلگۈسىدە قىلىدىغانلىرىمىزغا سېلىشتۇرغاندا كىچىك» دېدى.
1992 -يىلىدىكى خوجالى قىرغىنچىلىقى
مىنىستىر فىدان ئەزەربەيجاننىڭ خوجالى رايونىدا بۇنىڭدىن 33 يىل ئىلگىرى سادىر قىلىنغان قىرغىنچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان، يارىلانغان، ئەسىر ئېلىنغان ياكى يوقالغان ئەزەربەيجانلىقلارنى خاتىرىلەپ: «بىز بۇ ئازابنى ھېلىھەم قەلبىمىزدە كۆتۈرۈپ يۈرىمىز» دېدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنلا، ئەرمېنىيە كۈچلىرى 1992-يىلى 26-فېۋرالدا قاراباغنىڭ خوجالى شەھىرىنى ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە تانكىلار بىلەن بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن ئىشغال قىلىۋالغانىدى.
ئەزەربەيجاننىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ شەھەر ئىككى سائەتلىك ئەرمېنىيە ھۇجۇمىنىڭ نىشانى ئايلانغان بولۇپ، ھۇجۇمدا 613 ئەزەربەيجان پۇقراسى - جۈملىدىن 106 ئايال، 63 بالا ۋە 70 ياشانغان كىشى - ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 487 كىشى ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان.
سۈرىيەدىكى ئۆتكۈنچى جەريان سىغدۇرۇشچان بولۇشى، بۆلگۈنچىلىككە يول قويماسلىقى كېرەك
مىنىستىر فىدان سۈرىيە توغرىسىدا توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە دۆلىتىنىڭ سىياسىي مۇساپىگە ئۆتۈش جەريانىدىكى قەدەملىرىنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇشىنى، بۆلگۈنچى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان شەكىلدە تاشلىنىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەنقەرەنىڭ سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن فىدان، سەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان «مىللىي دىيالوگ يىغىنى»نىڭ سۈرىيە ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە تىنچلىق ئورنىتىشقا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
مىنىستىر خاقان فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، رايوندىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى تاجاۋۇزچىلىقلىرى ۋە پەلەستىندىكى ۋەقەلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ سۈرىيە توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ تىنچلىق تەرەپدارى ئەمەسلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ «بىخەتەرلىك» باھانىسى ئاستىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «رايون كېڭەيمىچىلىكى»گە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۆزلىرىنىڭ بارلىق دۇنياۋى ئۇرۇشلار ۋە كىرىزىسلەردە تىنچلىق ۋە ئادالەتنى نىشان قىلىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان فىدان، بەزى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشقا تىرىشىش جەريانىدا باشقا ئۇرۇشلارغا كۆز يۇمۇشنىڭ قانۇن ۋە ئىنسانىي قىممەتلەرگە زىت ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.