رىم تىياتىرخانىسىدا، تۈركىيەنىڭ ئانادولۇدىكى پۈتمەس – تۈگىمەس خەزىنىلىرىدىن بىرى بولغان گۆبەكلىتەپە ئىبادەتخانىسىدىكى 12 مىڭ يىللىق ئارخېئولوگىيەلىك خەزىنىلەردىن ئۈچ تاش يادىكارلىق كۆرگەزمە قىلىنماقتا. بۇكۆرگەزمە ئۇدا ئالتە ئاي داۋاملىشىدۇ.
بۇ پائالىيەت تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيەنىڭ رىم ئەلچىخانىسى، ئىتالىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، كولىزېي ئارخېئولوگىيە باغچىسى باشقارمىسى، رىم مۇنبىرى ئىدارىسى ۋە تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يوللىرى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلماقتا.
پەيشەنبە كۈنى باشلانغان كۆرگەزمە مەزكۇر تارىخىي يادىكارلىقلاردىن سىرت يەنە، گۆبەكلىتەپە قارشى ئېلىش مەركىزىدە كۆرسىتىلگەن فىلىملەر، ۋىدېيولار ۋە ئۇچۇر ئېلانلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى گۆكخان يازىجى بىلەن ئىتالىيە مۇئاۋىن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى قاتناشتى.
گۆكخان يازىجى مۇراسىمنىڭ ئېچىلىشىدا مۇنداق دېدى:
«ئەسىرلەردىن بۇيان دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ قارىلىۋاتقان كولىزېي چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ ئارامبەخش مۇھىتى ئاستىدا، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بەزىلىرىگە ساھىبخانلىق قىلغان گۆبەكلىتەپەنىڭ چوڭقۇر ۋە قەدىمىي تارىخىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىمىز.»
تارىخىي كولىزېي چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمە 2025-يىلى 20-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدۇ. مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە مۇزېيلار باش ئىدارىسى بۇ كۆرگەزمە ئۈچۈن تەقلىدىي بۇيۇملار ۋە خەتلىك فىلىملەرنى مەخسۇس تەييارلىدى. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى كۆرگەزمە قىلىنىدىغان ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ رىمغا توشۇلۇشى ئۈچۈن ھەقسىز توشۇش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.
دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي ئىبادەتخانىسى
مېھمانلارغا گۆبەكلىتەپە بۇغدىيىدىن ياسالغان نان، باقلاۋا، لوقۇم، تۈركىيە ۋە ئىتالىيە تائاملىرىدىن ھەر خىل يېمەكلىكلەر ئىكرام قىلىندى.
دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي ئىبادەتخانىسى دەپ ئاتالغان گۆبەكلىتەپە ئىبادەتخانىسى 2011-يىلىدىن بۇيان ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
1963-يىلى ئىستانبۇل ۋە چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئورتاق تەتقىقاتلىرى جەريانىدا بايقالغان بۇ ئىبادەتخانا تۈركىيەنىڭ شانلىئۇرفا ۋىلايىتىگە جايلاشقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا زىيارەتچىلىرىنىڭ سانى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۆپىيىپ، رېكورت ياراتتى.
ئەڭ ئاخىرىدا قوشۇلغان ئىسسىق ھاۋا شارى سەيلىسى بۇ قەدىمىي مۆجىزىگە يېڭى پەنجىرىدىن نەزەر تاشلاش ئىمكانىيىتى يارىتىپ، زىيارەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى تېخىمۇ بېيىتتى.