مەدەنىيەت
6 مىنۇت ئوقۇش
كىنو ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش: كەشمىرلىك رېژىسسورنىڭ كۈرەش ھېكايىسى
كەشمىرلىك فىلىم ئىشلىگۈچى ئارفات شەيخ ت ر ت ۋورلد (TRT World) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سەمىمىيلىك ھىندىستان كىنوچىلىق كەسپىنىڭ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خاتا تونۇشتۇرغان كەشمىر ھېكايىسىنى چۆرىدىگەن بايانلارنى ئىنسانىيلاشتۇرۇش ۋە بۇ ھەقتىكى ھېكايىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئەڭ يېڭى پىلانىنى چۈشەندۈرىدۇ.
كىنو ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش: كەشمىرلىك رېژىسسورنىڭ كۈرەش ھېكايىسى
ئارفات شېخ کەشمىرلىكلارنىڭ تەسۋىرلىنىشىغا چاقىرىق قىلىدۇ — ئاساسەن بوللىۋۇد
10 ore fa

ئۆمەر بىن ئاجمال

ھىمالايا تاغلىرىنىڭ يىراق ئېتەكلىرىگە جايلاشقان كەشمىرنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى، ئۇزۇندىن بۇيان ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ ئېكرانىنى زىننەتلەپ كەلگەن. بۇ رايون ھىندىستان رېژىسسورلىرىنىڭ رومانتىك كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئالىدىغان ئاۋات جايى بولۇپ كەلگەن.

بۇ فىلىملەردە كەشمىر مۇسۇلمانلىرى ئادەتتە تىنچ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە مال-چارۋا بېقىپ، ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر سۈپىتىدە تەسۋىرلىنەتتى.

بوللىۋودنىڭ بۇ بىر قىسىم فىلىملىرىدە، كەشمىرلىك بىر مۇسۇلمان قۇياش نۇرىدا قارىداپ كەتكەن ۋە چاڭ-توزانلىق تۈزلەڭلىكتىن كېلىپ، كەشمىر تاغلىرىدا سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن ھىندى قەھرىمانىنىڭ قوشۇمچە خاراكتېرى سۈپىتىدە رول ئالاتتى.

بىراق، 1989-يىلى مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى قوشنا پاكىستان بىلەن بىرلىشىشنى مەقسەت قىلغان قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ پارتلىشى بىلەن، بوللىۋودنىڭ كەشمىرنى تەسۋىرلىشى «ياۋاش كىشىلەر» دىن مىللەتچى ۋە تېخىمۇ دۆلەتچى تەسۋىرگە قاراپ ئۆزگەردى.

كەشمىرلىكلەرنىڭ خاتىرجەملىكى تۇيۇقسىزلا ھىندىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارالدى. كەشمىرلىكلەر فىلىملەردە يا ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلىدىغان كىشىلەر ياكى تېررورىست سۈپىتىدە تەسۋىرلەندى. ياكى پاكىستان تەرىپىدىن مېڭىسى يۇيۇلغان، مۇستەقىل ئۆز ئىرادىسىگە ئىگە بولمىغان كىشىلەر سۈپىتىدە كۆرسىتىلدى.

ھازىر بولسا، يېقىنقى ۋاقىتلاردا كەشمىر توغرىسىدا سۈرەتكە ئېلىنماقچى بولغان «سافرون پادىشاھلىقى» فىلىمى، بوللىۋۇدنىڭ بۇنداق چۈشەندۈرۈشلىرىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىشقا تىرىشىدۇ.

سافرون پادىشاھلىقىنىڭ ئارقىسىدىكى ئىسىم، 39 ياشلىق كەشمىرلىك فىلىم ئىشلىگۈچى ئارفات شەيخ ت ر ت ۋورلد (TRT World) قا مۇنداق دەيدۇ: «بوللىۋۇد كەشمىرنى گۈزەل ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ پايدىلاندى، ئەمما ئەزەلدىن بىزنىڭ نۇقتىمىزدا تۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرمىدى، بەلكى بىزنى ناچار كىشىلەر قىلىپ كۆرسەتتى.»

ئۇ ھىندىستاندا كەشمىرلىكلەرنىڭ ھىندىستاندىكى، رېئال ۋەكىللىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىنىشىغا ۋە كەشمىر تارىخىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە، بولۇپمۇ كەشمىرلىكلەرنىڭ بوللىۋودتىكى ئۇزۇن يىللىق ئوبرازىغا جەڭ ئېلان قىلىشنى خالايدۇ.

 

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ھىندىستان باشقۇرىدىغان كەشمىردە چوڭ بولغان شەيخ، 2025-يىلىنىڭ بېشىدا قويۇلماقچى بولغان بۇ فىلىمنىڭ، دائىم سەلبىي تەسۋىرلەنگەن كەشمىر خەلقىنىڭ ھېكايىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇسى سەۋەبىدىن تۇغۇلغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

سافرون پادىشاھلىقىنىڭ 90 سېكۇنتلۇق مۇقەددىمىسى بىر ھەپتە ئىلگىرى قويۇلغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا 1.5 مىليون قېتىم كۆرۈلدى.

فىلىمنىڭ ماۋزۇسىدىكى «سافرون» سۆزى تاسادىپىي تاللاش ئەمەس.

سافرون (زەپە) ھەم قىممەتلىك دورا-دەرمەك، ھەم 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى كەشمىرنىڭ ئاساسىي قانۇن تەرىپىدىن بېرىلگەن ئاپتونومىيەلىك ئورنىنى بىكار قىلغان ھىندىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان «ھىندىستان خەلق پارتىيەسى» (BJP)  (ବିଜେପି) نىڭ بايراق رەڭگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك رەڭ.  نۇرغۇن كەشمىرلىكلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستاننىڭ كەشمىرنى قوشۇۋېلىش قارارى بۇ رايوننىڭ نوپۇسنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاخىرىدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تەلىپىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان.

ھىندىستان خەلق پارتىيەسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، «زەپە» ھىندۇتۋا ياكى ھىندى مىللەتچىلىكى بىلەن بولغان باغلىنىشقا سىمۋول قىلىنغان.

پارتىيە ئەزالىرى ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىن تارتىپ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغىچە كەشمىرگە بۇ ئىدېئولوگىيەنىڭ پەنجىرىسىدىن قاراپ، پۈتكۈل ھىندىستاندا مەدەنىيەت ۋە دىنىي بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بىراق، كەشمىرنىڭ مەسىلىلەرگە تولغان ئۆتمۈشى بار.

مەزكۇر رايون ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىككىگە بۆلۈنگەن. گەرچە ھەر ئىككى دۆلەت بۇ رايوننىڭ پۈتۈنلەي ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلسىمۇ، رايوننىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى كونترول قىلىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت 1947-يىلى ئەنگلىيە ھىندىستاندىن ئايرىلغاندىن بۇيان بۇ رايوننى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۈچ قېتىم ئۇرۇش قىلدى. يەنە خىتاي كەشمىرنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئىگەللىۋالدى. بۇ ئەھۋال كەشمىرنى دۇنيادىكى بىردىنبىر يادرو ئۈچ تەرەپ كېسىشىش ئېغىزىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

بۇ يېڭى فىلىمنىڭ رېژىسسورى شەيخ 1990-يىلدىن باشلاپ بوللىۋود فىلىملىرىنىڭ كەشمىر خەلقىنى تېررورچى قىلىپ تەسۋىرلەپ، كەشمىرلىكلەر توغرىسىدىكى گۇمانلىق قېلىپلارنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئىشلەنگەن فىلىملەردىن مىسال ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«فىلىملەر ئادەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش رامكىسى ئىچىدە ئىشلەندى ۋە كەشمىرلىكلەر تېررورچى سۈپىتىدە تەسۋىرلەندى.»

كەشمىرنىڭ ئورتاق خاتىرىسىنى قوغداش

ھىندىستان خەلق پارتىيەسى ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان كەشمىرنى چەكلىك ئاپتونومىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسىي قانۇننىڭ 370- ۋە A35 ماددىلىرىنىڭ ۋاقىتلىق بەلگىلىمىلەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى. ھۆكۈمەت 2019-يىلى 5-ئاۋغۇستتىن باشلاپ كەشمىرنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بىراق، تەنقىدچىلەر ئەھۋالنىڭ بۇنىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

«سىم» (Wire) گېزىتى ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، كەشمىردىكى 40 نەچچە مۇخبىر 370-ماددا بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ھەر خىل بېسىملارغا ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ ئۆيلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، نۇرغۇنلىرى سوراققا چاقىرتىلغان ياكى ئارقا كۆرۈنۈشى تەكشۈرۈلگەن.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ژۇرنالىستلار ۋە چەت ئەلگە چىقماقچى بولغانلارنىڭ ساياھەت قىلىشى چەكلىنىپ، ئۇلارنىڭ پاسپورتى رۇخسەتسىز ھالدا بىكار قىلىنغان.

ھۆكۈمەتنىڭ ئاخباراتقا بولغان بېسىمى ئاخبارات كەسپىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئېلانلىرىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىدىغان قىلدى ۋە خەۋەرلەرنىڭ ھۆكۈمەتنى قوللاش نۇقتىسىدىن تارقىتىلىشىغا سەۋەب بولدى. نەتىجىدە، ئۆزىنى ئۆزى كونترول قىلىش تېخىمۇ ئومۇملاشتى ۋە رايوندىكى ئۆكتىچى ئاۋازلارنىڭ جىمىقتۇرۇلۇشىغا، رايوننىڭ ئاخبارات مۇھىتىدا روشەن بوشلۇقنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

شەيخ بۇ بېسىملارنىڭ كەشمىرنىڭ ئورتاق ئۆتمۈشىنى قوغداشنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

شەيخ ئۆزىنىڭ فىلىمىنى كەشمىرلىكلەرنى ئادىمىيلىك بىلەن تەسۋىرلەش ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنى ئۇلارنىڭ نۇقتىسىدىن بايان قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ.

ئۇ: «مەن بۇ فىلىم ئارقىلىق بوللىۋودنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ھېكايىسىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى بۇزماقچى بولدۇم. بۇ فىلىم ئۇلارنىڭ بىزگە نەچچە يىلدىن بېرى سۆزلەپ كەلگەن يالغانچىلىقلىرىغا رەددىيە بېرىشكە تىرىشىدۇ» دەيدۇ.

فىلىم رېژىسسورى شەيخ ت ر ت ۋورلدقا: «ناھايىتى ئەپسۇسكى بۇ فىلىمنى كەشمىردە سۈرەتكە ئېلىش مۇمكىن بولمىدى. مەن سۈرەتكە ئېلىش رۇخسىتىنى ھەرگىزمۇ چىقىرالمايتتىم. سەنئەت كەشمىردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا.»

بۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن شەيخ فىلىمنى ئامېرىكادا سۈرەتكە ئېلىشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ ئامېرىكادا كەشمىرنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىتىدىغان خەلقئارالىق تاماشىبىنلارغا ئېرىشەلەيمەن، دەپ ئويلايدۇ. ئۇنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇش سەپىرى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان، ئەمما ھىندىستاندىكى ئوڭچىل پارتىيەنىڭ قەد كۆتۈرۈشى كەشمىردە بۇنداق فىلىمنى ئىشلەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

شەيخ ئۆزىنىڭ ھىندىستان باشقۇرىدىغان كەشمىردە كەسكىن ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىتتا چوڭ بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«سەنئەت شەخسىي مەسىلە. سىز ئىجاد قىلغان ئەسىرىڭىز بىلەن شەخسىي باغلىنىش ئورناتماي تۇرۇپ، فىلىم ئىشلىيەلمەيسىز.»

فىلىم رېژىسسورى شەيخ 90-يىللاردىكى بالىلىق دەۋرىدە ھىندىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ رايوندىكى پىلانلىق بېسىملىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

«مەن كىچىك ۋاقتىمدا تولۇق چۈشەنمىدىم، ئەمما ھەر دائىم قورقۇنچ بار ئىدى. ئەسكەرلەر ئەرلەرنى ئۆيلىرىدىن ئېلىپ چىقىپ پەسكەش مۇئامىلىلەرنى قىلاتتى.»

ئۇ يەنە، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىر ئۆيگە سولاپ قويۇلغانلىقىنى، بىر ئەسكەرنىڭ تاغىسىنى سوراق قىلىپ، رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلغاندىكى ئازابلىق مىنۇتلارنى ۋە ئۇ  كەچۈرمىشلەردىن قالغان مەڭگۈلۈك جاراھەتلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:

 «بۇ پەقەت جىسمانىي ئازاب مەسىلىسىلا ئەمەس. بۇ ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان مەسىلە.»

بۇ توقۇنۇشلار شەيخنىڭ ئائىلىسىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى كەشمىرلىك داڭلىق مۇزىكانت بولۇپ، ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىگە بېرىش يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن.

ئۇ: «دادامنىڭ ئۆلۈمى گېزىتلەردە كەڭ خەۋەر قىلىندى، ئەمما ھەر بىر گېزىت بۇ خەۋەرنى ئۆز ئۇسۇلى بىلەن خەۋەر قىلدى. دادامنىڭ جەسىتى بىزگە بېرىلمىدى» دەيدۇ.

دادىسىنىڭ جەسىتىنى دەپنە قىلالماسلىق ۋە بۇ ۋەقەنىڭ مەتبۇئاتلاردا خاتا خەۋەر قىلىنىشى شەيخنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ. ئۇ بۇنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۆزەمنى بوغۇلغاندەك ھېس قىلدىم.»

شەيخنىڭ دېيىشىچە، ئۇ پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمىغان بىر خىزمەتكە كىرگىچە ۋە كەشمىرنىڭ يىراق جايلىرىنى ساياھەت قىلمىغىچە باشقىلارنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمىغان.

ئۇ: «دادامنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىش، باشقىلارنىڭ باشتىن كەچۈرگىنىگە سېلىشتۇرغاندا ھېچنىمە ئەمەس ئىكەن. باشقا كىشىلەر كۆز ئالدىدا ئاتىلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى» دەيدۇ.

بۇ ھېكايىلەرنى ئاڭلىتىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تۈرتكىسىدە ھەرىكەت قىلغان شەيخ ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشكە يۈزلىنىدۇ، ئەمما پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمىغان ساھەنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

 ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«ھۆججەتلىك فىلىمنى يۇتۇب (YouTube) قا قويدۇم ۋە قوللىغۇچىلارغا يەتكۈزۈلدى. ئەمما، مەن كۈتكەندەك تەسىرى بولمىدى.»

«دۇنيانىڭ بۇنى ئاڭلايدىغان ۋاقتى كەلدى.»

بۇ يېڭىلىق ئۇنى ھېكايە فىلىم ئىشلەشكە يۈزلەندۈرىدۇ. شەيخ بۇ ساھەدە سۆزلەشكە تېگىشلىك ھېكايىلەرنى سۈرەتكە ئالالايمەن، دەپ ئويلايدۇ.

تەلىيىگە ئۇ ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇننىڭ 370-ماددىسىنى بىكار قىلغان كۈنى ئامېرىكا ۋىزاسىنى ئالىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ھىندىستاندىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا ئۆچىرەتتە تۇرغىنىمدا، ئامىت شاھنىڭ نېمىلەرنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتاتتىم.»

بۇ خەۋەر ئاخىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ كونسۇلخانىنىڭ سىرتىدىكى «ئۇبەر» (Uber) ماشىنىسىدا يىغلاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ شوپۇرى ئۇنى ۋىزا تەلىپى رەت قىلىنغانلىقتىن يىغلاۋاتىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى.

370-ماددىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ فىلىمىدىكى باش پېرسوناژنىڭ مۇھىم ۋەقە نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇ باش پېرسوناژ ئامېرىكادا ياشايدىغان، ئائىلىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كەشمىردىن ئايرىلغانلىقىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان بىر كەشمىرلىك ئىدى.

بۇ فىلىم 1990-يىللاردىكى ۋەقەلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرگەندە، دىياسپورا ھەققىدىكى ھېكايىنى رايون تارىخى توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلەر بىلەن بىرلەشتۈرگەن.

شەيخ مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ بىر خىل تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ھەرىكىتى.  گەرچە بۇ فىلىم ئۆتمۈشكە نەزەر سالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۈگۈنكى كەشمىرلىكلەرنىڭ كۈرىشى بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك.

بىز بەك ئۇزۇن زۇلۇمغا ئۇچرىدۇق. بۇ فىلىم ئۆزىمىزنىڭ ئاۋازىنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە كەشمىرلىكلەرنىڭ ئون نەچچە يىل جىمىقتۇرۇلغان كەشمىرلىكلەرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشنىڭ ئۇسۇلى.

بۇ بىزنىڭ ھېكايىمىز ، دۇنيانىڭ ئۇنى ئاڭلايدىغان ۋاقتى كەلدى.»

TRT Global'ni bir nazar bilan qarang. Fikrlaringizni bo'lishing!
Contact us