دۇبەي شاكىلاتى ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى تاماقنىڭ تارقىلىشى، تاماقنىڭ قانداق قىلىپ تەم، ۋاقىت ۋە ئاممىباب ھالدا بىر گەۋدىلىشىپ يەر شارى ھادىسىسىگە ئايلىنىشىنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى . شاكىلات تىجارىتى دەسلەپتە ھامىلدار ئاياللارنىڭ سېزىكلىك مەزگىلدىكى ئارزۇسىنى قاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ئەپچىل چارىسى سۈپىتىدە باشلانغان بولسىمۇ، كېيىنچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تەسىرىدە ئىنتېرنېت دۇنياسىنى لەرزىگە سالغان.
ئىلگىرى، تاماق مودىسى بايلار ۋە كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلەتتى — جۈملىدىن پادىشاھلار، ئىمپېراتورلار ۋە رايون باشقۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلەتتى. پادىشاھ بىر نەرسىنى ياقتۇرسا، ئوردىسىمۇ ياقتۇراتتى. ھەممە ئادەم ئالىيجانابلار نېمە يېسە شۇنىڭ تەمىنى تېتىپ باقماقچى بولاتتى. چۈنكى زىياپەتلەردىكى تاماقلار، مودا لەززەتلەر ۋە قايسى تاماقنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشىنى ئالىيجانابلار بەلگىلەيتتى. ئەمما بۇگۈنكى كۈندە ئىجتىمائىي تاراتقۇ چولپانلىرى زامانىمىزنىڭ پادىشاھلىرى ۋە خانىشلىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ بۆلەكتە، تاماقنىڭ قانداق دۇنياۋى مودىغا ئايلانغانلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ تاماقلارنىڭ مودىغا ئايلىنىشتىكى رولىنى چۈشەندۈرىمىز.
شىۋېتسىيە پادىشاھى 12-چارلىس تاماق مودىسىنى باشلاتقان پادىشاھلارغا ياخشى بىر مىسالدۇر. ئۇ، 1714-يىلى تۈركىيەدىن كۆفتە (تېتىتقۇلۇق قوي ۋە كالا گۆشى كۆفتىسى) رېتسېپىنى ئېلىپ كەلگەن. بۇ رېتسىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھازىر شىۋېتسىيەنىڭ داڭلىق كۆفتىسى «كۆتبۇللار» غا ئايلانغان. ئارىدىن 50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، 3-گۇستاۋنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، كۆفتىلەر خان جەمەتى زىياپەتلىرىنىڭ مودا تامىقىغا ۋە شىۋېتسىيە تائاملىرىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. بۇگۈنكى كۈندە شىۋېتسىيە كۆفتىلىرى ئېكسپورت ۋە ئۆي جابدۇقلىرى شىركىتى IKEA سايىسىدا دۇنياغا تونۇلدى.
ھازىرقى دۇنيادا، بىر نەرسىنى مودا قىلىش ئۈچۈن بىر پادىشاھقا ئېھتىياجىڭىز يوق. بىزگە كېرەكلىك بولغىنى پەقەت ياخشى كۆرۈنىدىغان، ئۆزگىچە تەمگە ئىگە ياكى لەززەتلىك بىر تاماق تونۇشتۇرۇلغان بىر ۋىدېيودۇر. ئاندىن، مەشھۇر بىر تور چولپىنى تاماقنى تونۇشتۇرىدۇ، ئاخىرىدا بۇ تاماق مودا بولۇپ كېتىدۇ. بۇ، باشلىنىش، مودىغا ئايلىنىش ۋە ئەھمىيىتىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچى باسقۇچ: «ئۇچقۇن»
ھەممە نەرسە بىر پىكىر بىلەن باشلىنىدۇ. ئادەتتە ئەنئەنىۋى بىر تاماققا يېڭىلىق كىرگۈزگۈچىلەر ياكى يېڭىلىق ياراتقۇچىلار، تاماق بلوگگېرلىرى، ئىنستاگرام ۋە تىكتوك چولپانلىرى قاتارلىقلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەرسىمۇ دەل يېڭىچە بىر پىكىردۇر.
مەسىلەن، نيۇيوركتىكى «كرونوت» لارنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ پىكىر ئۆزگىچە بىر چايخانىدا باشلانغان ۋە مەلۇماتلىق كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. دۇبەي شاكىلاتىنىڭ مودىغا ئايلىنىشىمۇ دەل شۇنداق بولدى.
سىز بۇنى ئاممىۋى تاراتقۇلاردا كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ، توردا مىليونلىغان قېتىم كۆرۈلگەن، تەمى ئوتتۇرا شەرققە خاس بىر خىل شاكىلاتتۇر. ھەممە ئىش دۇبەيدە ياشايدىغان ئەنگلىيەلىك-مىسىرلىق شاكىلاتچى ساراھ ھامۇدا بىلەن باشلاندى.
بۇ شاكىلات ساراھنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى شاكىلاتقا سېزىك بولۇپ قېلىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق بولۇشى مەقسەت قىلىنمىغانىدى. قادايىفنىڭ ئۆزىگە خاس تەمى بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزگىچە لەززەتلىك يېمەكلىككە ئايلانغان بۇ شاكىلات پەرقلىق ھەم ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، چىشلىگەندە ئاجايىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ. ساراھنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شاكىلات ھەر قېتىم تەمىنى تېتىغان ۋاقتىڭىزدا سىزنى بەختلىك سەپىرىگە ئاتلاندۇرىدىغان شەكىلدە لايىھىلەنگەن.
بۇ شاكىلاتنىڭ دۇنيا مىقياسىدا مەشھۇر بولۇشى ئانچە ئۇزۇن داۋاملاشمىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇچۇرنىڭ تۈرتكىسىدە بىر يېمەكلىك چېگرا ھالقىپ مودىغا ئايلىنالايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بىرىكتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك سېزىم تەجرىبىمىزگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ مەھسۇلاتنى مودىغا ئايلىنىشتىن ئىبارەت تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
ئىككىنچى باسقۇچ: مودىغا ئايلىنىش
بۈگۈنكى تائام مەدەنىيىتىنىڭ كۆپلىگەن بىر قىسمى، كىشىلەرنىڭ يېگەن نەرسىلىرى بىلەن باغلىنىشلىق ھېس قىلىشنى خالىشى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ ئۇلارغا بۇنى قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىدۇر. مەسىلەن، تكىتوك چولپىنى مارىيا ۋېھېرا ماشىنىسىدا دۇبەي شاكىلاتى يەۋاتقان بىر ۋىدېيونى ھەمبەھىرلىدى. بۇ ۋىدېيو قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەممە ياقتۇرىدىغان بىر ۋىدېوغا ئايلىنىپ، 56 مىليوندىن ئارتۇق قېتىم كۆرۈلدى.
ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ھەممە ئادەم ئۆزلىرىنىڭ ۋىدېيولىرىنى ھەمبەھىرلەشكە باشلىدى، بۇ، ئۇلارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلانغان قانائەتچانلىق مەسىلىسىدە چاتاق بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەمما دۇبەي شاكىلاتى تەلۋىلەرچە ياقتۇرۇش، ئۆزگىچە تەمى سەۋەبىدىن كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتتى. بۇ شىركەت پەقەت بىرلا ئاممىۋى تاراتقۇ سۇپىسى «Deliveroo» ئارقىلىق ھەر كۈنى مەلۇم سائەتلەردە ئاران 500 زاكاز قوبۇل قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق دۇبەي شاكىلاتىنى سىرلىق مەھسۇلاتتەك قىلىپ كۆرسىتىدۇ. دۇكانغا خالىغان ۋاقىتتا كىرىپ، دۇبەي شاكىلاتىنى سېتىۋالالمايسىز. بۇ، كىشىلەرنى دۇبەي شاكىلاتىغا تېخىمۇ كۆپ قىزىقتۇرماقتا.
ھازىر لىدنتقا ئوخشىغان داڭلىق چولپانلار دۇبەي شاكىلاتىنىڭ يېڭى نۇسخىلىرىنى بازارغا سالدى. گەرچە ئۇلار تېخنىكىلىق جەھەتتىن «تەقدىچلىك» قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ماركىلارنىڭ ئىناۋىتى بۇ مودا قوغلىشىش باسقۇچىنى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. دەرۋەقە بۇ، چوڭ ئاكتىيورلارنىڭ مودا ئېقىمىغا قوشۇلۇپ، ئۆز ئالدىغا پايدا ئېلىشنىڭ يولىدۇر.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن دۇبەي شاكىلاتىنىڭ ماركىسىدىن پايدىلاندى، ساراھنىڭ ئىشىنى تونۇشتۇرىدىغان ۋىدېيولۇق ئۇچۇرلار ۋە «دۇنياغا داڭلىق دۇبەي شاكىلاتى ھەققىدە بىلىشىڭىزگە تېگىشلىك تەپسىلىي مەلۇماتلار» تېمىلىق خەۋەر ماقالىلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقتى. شەھەرنىڭ بىر قىسمى كەڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن لەززەتلىك بىر خاتىرىگە ئايلاندى.
ئۇنداقتا، بۇ تەقلىدچىلىكلەرنىڭ ھەممىسى دۇبەي شاكىلاتىنى تېخىمۇ ئاز ئالاھىدە قىلىۋاتامدۇ؟ بۇنداق كۆپتۈرمىچىلىكلەردىن كېيىن، تائامنى جەلپ قىلارلىق ئالاھىدىلىكىدىن ئايرىپ، ئۇنى تېخىمۇ ئاساسىي ئېقىم مودىغا ئايلاندۇرۇۋاتامدۇ؟
بۇ بىزنى بىر مەھسۇلاتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئۈچىنچى باسقۇچقا ئېلىپ بارىدۇ.
شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، يۇقىرى ئۆرلىگەن ھەربىر نەرسە چوقۇم تۆۋەنگە چۈشۈشى كېرەك. ئادەتتە بىر نەرسە مودىغا ئايلاندىن كېيىن، بازار تەقلىدچىلەر بىلەن تولۇپ تاشىدۇ ۋە ئەسلى مەھسۇلات ھەددىدىن زىيادە كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر مەھسۇلات ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.
«ھەسەن-ھۈسەن توقاچلىرى» كونا بىر مودىنىڭ مىسالى بولۇپ، 2015-يىلى مودىغا ئايلانغان. بروكلىن نيۇيوركتىكى «ھەسەن-ھۈسەن توقاچلىرى» نى دۇنياغا تونۇشتۇردى. توقاچلار ناھايىتى رەيڭدار بولۇپ، كۆپ مىقداردا قايماق پىشلاق ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلاتتى. ھەسەن-ھۈسەن توقاچلىرىنىڭ جەلپكارلىقى ئۇلارنى ئاممىۋى تاراتقۇلاردا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەلەپنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولدى. ناھايىتى تېزلا دۆلەت مىقياسىدىكى ناۋايخانىلار دورامچىلىق قىلىشقا باشلىدى.
دەسلەپتە كىشىلەر «ھەسەن-ھۈسەن توقاچلىرى» نى ئامېرىكانىڭ كىلاسسىك خېمىر مەھسۇلاتلىق ناشتىلىقلىرىدا كۆڭۈللۈك بىر ئۆزگىرىش بولغانلىقى ئۈچۈن ياقتۇردى. ئەمما بىر مەزگىلدىن كېيىن، كىشىلەر توقاچنى ھەددىدىن زىيادە ياسالما كۆرۈشكە باشلىدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مودا بولغان « رونۇت» نىڭ پېيىغا چۈشتى.
كرونات بولسا بولكا بىلەن پىرەنىكنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇپ، ئۇنى فىرانسىيەلىك پېچىنە-پىرەنىك ئۇستىسى دومىنىك ئانسېل نيۇيوركتا دۇنياغا تونۇشتۇرغان ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا داڭقىنى چىقارغان. كىشىلەر كرونوتنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش ئۈچۈن نەچچە سائەت ئۆچىرەتتە تۇردى. ناھايىتى تېزلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بولكا دۇكانلىرى ئانسېلنىڭ ئىجادىيىتىنى دوراشقا باشلىدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، كرونوت ۋە ھەسەن-ھۈسەن توقاچلىرى ئىنتېرنېت دۇنياسىنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىدىكى بەزى خاتىرىلەرنىڭ نامايەندىلىرى بولۇپ قالدى.
بۇ يىمەكلىك مودىلىرى بىر چاغلاردا بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىقلار ئىدى. مەززىلىك بولغانىلى ئۈچۈنلا ئەمەس، يېڭىلىقلارغا ۋەكىللىك قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ جەلپكارلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇلدى. ئەنئەنىچىلىك بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرگەن، رەقەملىك دەۋرگە ماس كېلىدىغان، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە دۇبەي شاكىلاتىمۇ شۇنداق، ئەلۋەتتە. ئۇنداقتا، دۇبەي شاكىلاتىنىڭ ھېكايىسى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى مودىغا ئايلانغان مەھسۇلاتلارغا ئوخشاش ئاخىرلىشامدۇ؟
ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن مودىغا ئايلانغان يېمەكلىكلەرگە بۇنچىلىك بېرىلىپ كېتىمىز؟ بۇنىڭ جاۋابى، مەدەنىيەت، تېخنولوگىيە ۋە پىسخولوگىيەنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدا ياتىدۇ. ئوتتۇراھال بىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۇبەي شاكىلاتىدىن كىلاسسىك شاكىلاتلارغىچە يېمەكلىكنىڭ ھازىر پەقەت ئوزۇقلۇقتىن ئىبارەت ئەمەسلىكى ناھايىتى ئېنىقتۇر. يېمەكلىك بىر تەجرىبە بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ بىزگە بۇ تەجرىبىنى ھەمبەھىرلەش ئۈچۈن بىر سۇپا سۇنماقتا. كىشىلەر مودىغا ئايلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرماقتا. چۈنكى كىشىلەر بۇ ھەقتە تور بەتلىرىدە ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن. دەرۋەقە، كىشىلەر يېمەكلىكلەرنى ئۆزلىرى تەمىنى تېتىپ بېقىش ۋە ماختاش ياكى تەنقىدلەش ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى پاراڭلارغا ئىشتىراك قىلىشنى خالايدۇ.
بۈگۈنكى بۆلەك مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت، كېيىنكى بۆلەكتە يەنە بىرگە بولغىچە ئامان بولۇڭلار.
«دۇبەي شاكىلاتىنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارنى زىلزىلىگە سالغان مۇۋەپپەقىيىتى» ناملىق بۇ پودكاست بۆلىكى TRT World دىكى بىر ماقالىدىن ئېلىندى.