بۇنىڭدىن مىڭ يىل ئىلگىرى يەر شارى رادىيوسىنى ھېسابلاش ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە تەسەۋۋۇر كۈچى سەرپ قىلىشنى تەقەززا قىلاتتى. تىرىگونومېتىرىيە ۋە ئالگېبرانى بىرلەشتۈرۈپ بۇ سانلىق نەتىجىگە ئېرىشكەن ئالىم 10-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئىسلام دىنىنىڭ ماتېماتىكا ئالىمى ئەبۇ رەيھان ئەلبىرۇنى ئىدى.
بىرۇنىنىڭ ئىلمىي مىراسى قانچىلىغان ئەسىرلەردىن بۇيان ھەم ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە ماتېماتىكا ئالىملىرىغا ئىلھام مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە ھەم ئۇنىڭ نامى ھېلىھەم ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنماقتا.
مەشھۇر تاجىك ئالىم بوبوجون غافۇروۋ 1975-يىلى ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» ژۇرنىلىدىكى ماقالىسىدە بىرۇنىنى: «ئۇ ئۆز دەۋرىدىن شۇنچە ئىلگىرىلەپ كەتكەن ئىدىكى، ئۇنىڭ ئەڭ پارلاق كەشپىياتلىرىمۇ ئۇنىڭ دەۋرىدىكى كۆپلىگەن ئالىملارغا چۈشىنىكسىز تۇيۇلاتتى» دەپ تەرىپلەيدۇ. ئىلىم-پەن تارىخى پېنىنىڭ ئاساسچىسى گېئورگ سارتون 11-ئەسىرنى «بىرۇنى دەۋرى» دەپ ئاتايدۇ.
بىرۇنىغا ئوخشىغان ئالىملار كۆپلىگەن ئىلمىي ۋە ماتېماتىكىلىق بىلىملەر ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان بىر دەۋردە دۇنياغا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ياشلىرىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ۋە قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئالىملار تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ كەلگەن چۈشەنچىلەر بىلەن تونۇشقان. بىرۇنى بابىللىقلار، رىملىقلارنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىدىن تارتىپ مۇنەججىملىككىچە نۇرغۇن ساھەلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئىسلام دىنىنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى بارلىق مۇسۇلمان ئالىملارغا ئوخشاش، ئۇمۇ بىلىمگە تەشنا ئىدى.
تۈرك پروفېسسور فۇئات سەزگىننىڭ قارىشىچە، 27 ياشلىق بىرۇنى بىلەن 18 ياشلىق ئىبنى سىنا ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك ئىلمىي مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتكەن. بۇ ئىككى بۈيۈك ئالىم «نۇرنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۆلچەش» مەسىلىسى ھەققىدە قىزغىن بەس – مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. 2018-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن پروفېسسور سەزىگىننىڭ قارىشىچە، بۇ بەس – مۇنازىرىلەر تەڭداشسىز بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىكى بەس - مۇنازىرىلەر تېخى بۇ سەۋىيەگە يېتەلمەيدىكەن.
پروفېسسور سەزگىن بۇ تارىخىي بەس - مۇنازىرىلەرنىڭ بەزى مەزمۇنلىرىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ئىسسىقلىق ۋە نۇر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشقانلىقىنى بايقىغان. ھەر ئىككى ئالىممۇ ئوخشاش يەكۈن چىقارغانىدى: ئىسسىقلىق ھەرىكەتتىن، سوغۇق بولسا جىمجىتلىقتىن ھاسىل بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن يەر شارى ئېكۋاتوردا ئىسسىق، قۇتۇپلاردا سوغۇق بولىدۇ. بۇ ئىككى ئالىم بەس - مۇنازىرە قىلغان يەنە بىر مەسىلە قۇياش نۇرىنىڭ تارقىلىشى ئىدى. بىرۇنى يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىقنى ماددىي بولمىغان نەرسىلەر دەپ قارىغان ھەمدە ئىسسىقلىقنىڭ نۇرلارنىڭ ئىچىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىبنى سىنا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، ئىسسىقلىقنىڭ ئۆزلۈكىدىن تارقالمايدىغانلىقىنى، پەقەت قۇياش نۇرلىرىنىڭ خۇددى ھەرىكەت قىلىۋاتقان كېمىدە ئولتۇرغان كىشىگە ئوخشاش، ئۇلارنى يۆتكەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
گېرمانىيەلىك تارىخچى ماكس مېيېرخوفنىڭ قارىشىچە، بىرۇنى ئالەمشۇمۇل ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇسۇلمان ئالىملار ئارىسىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شەخس بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان ساھەلەردە قوشقان تۆھپىلىرى ئۇنى «ئۇستاز» دېگەن نامغا ئېرىشتۈرگەن.
بىرۇنىنىڭ يەر شارى رادىيوسىنى ھېسابلاپ چىقىشىغا كەلسەك، شۇنداق يەكۈن چىقىرالايمىزكى، بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسىدۇر. ئۇ دەسلەپتە پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسىدىكى ناندانا قەلئەسى ئەتراپىدىكى بىر دۆڭنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچىگەن، ئاندىن ئۇ ئۇپۇقنى ئۆلچەش ئۈچۈن دۆڭگە چىققان. تىرىگونومېتىرىيەلىك ۋە ئالگېبرالىق تەڭلىمىلەرنى ئىشلىتىپ، 3928.77 ئىنگلىز مىلىغا تەڭ بولغان ساننى ھاسىل قىلغان، بۇ يەر شارىنىڭ ھازىرقى رادىيوسىنىڭ تەخمىنەن 99% گە توغرا كېلىدۇ.
بىرۇنى ھېسابلاشلىرىغا ئاساسەن، يەر شارىنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىغان. دەرۋەقە، بۇ شۇ دەۋردىكى ئالىملار ئېتىبارسىز قارايدىغان بىر پىكىر ئىدى. بىراق بىرۇنى ئۆزىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە تۇغما ئىقتىدارىغا شۇنچىلىك ئىشەنگەنكى، قۇياش، قۇياشنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە تۇتۇلۇشى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئاسترونومىيەلىك ئۈسكۈنىلەرنى ئىجاد قىلغان ۋە يەر شارىنىڭ كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇقىنى توغرا ھېسابلاپ، ئۇنىڭ بىر ئوربىتا ئەتراپىدا قانداق ئايلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ نەزەرىيەسى ۋە كۆزىتىشلىرىنى «ئەلئەسەرۇل بەقىييە» ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە، مىلادىيە 1000-يىلى يەنى «خىرىستىيان دەۋرى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان دەۋردە كالېندار سىستېمىسىنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقى ھەققىدە ئىلمىي ماقالە يازغان.
بىرۇنى يەنە يۆنىلىشلەرنى تېپىشنىڭ ھەر خىل يوللىرىنى بايقىغان ۋە پەسىللەرنىڭ باشلىنىش ۋاقتىنى دەل بەلگىلەش ئۈچۈن ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللارنى تەرەققىي قىلدۇرغان.
بىرۇنى 1019-يىلى 8-ئاپرېلدىكى قۇياش تۇتۇلۇشى ۋە 17-سېنتەبىردىكى ئاي تۇتۇلۇشىنى كۆزەتكەن. ئالدىنقىسىنى قەندىھار بىلەن كابۇل شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تاغلار بىلەن قورشالغان بىر ۋادى بولغان لامغاندا كۆرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان: «كۈن چىقىش ۋاقتىدا، بىز قۇياشنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ تۇتۇلۇپ، كۈن تۇتۇلۇش ۋاقتىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق.»
ئۇ يەنە غەزنەدىكى ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىسىنى كۆزىتىپ، تۇنجى ئۇچراشقان ۋاقىتتىكى مەلۇم يۇلتۇزلارنىڭ تولۇق ئېگىزلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بەرگەن، شۇنداقلا سامان يولىنى «سانسىزلىغان بۇلۇتسىمان يۇلتۇز پارچىلىرى توپلىمىدىن تەركىب تاپقان يول» دەپ تەرىپلىگەن.
بىرۇنى ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنى 1934-يىلى رامساي رايت تەرجىمە قىلغان «كىتابۇت تەفھىم فى ئەۋائىلى سىبائەتىت تەنجىم» ناملىق كىتابىدا خۇلاسىلىگەن.
بىرۇنىنىڭ فىزىكىغا قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ بىر قىسمى نۇرغۇن مېتال ھەم قىممەتلىك تاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 ئېلېمېنت ۋە بىرىكمىنىڭ كونكرېت كۈچىنى توغرا بەلگىلەش تەتقىقاتلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنىڭ «كىتابۇل-جەماھىر» ناملىق كىتابىدا ھەر خىل قىممەتلىك تاشلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ، بۇلۇڭلار ۋە تىرىگونومېتىرىيە تەتقىقاتىنىڭمۇ باشلامچىسى ئىدى. ئۇ چەمبەر سايىلىرى ۋە لىملار ئۈستىدە ئىزدەنگەن، بىر بۇلۇڭنى ئۈچكە بۆلۈش ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، ئورۇن پىرىنسىپىنى تەپسىلىي بايان قىلغان ۋە ھىندى رەقەملىرىنىمۇ تەتقىق قىلغان.
گېئولوگىيە ۋە گېئوگرافىيە ساھەلىرىدە بولسا، گېئولوگىيەلىك پارتلاشلار ۋە مېتاللۇرگىيە تەتقىقاتلىرىغا تۆھپە قوشقان، تەبىئىي بايلىقلار ۋە ئارتېزىيان قۇدۇقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئالاقە تۇرۇبىلىرىنىڭ ئاقار جىسىملار پىرىنسىپى بويىچە چۈشەندۈرگەن. ئۇ، ئىلمىي تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە «گېئودېزىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى» دەپ ئاتالغان.
بىرۇنىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
بىرۇنى 973- خارەزمدە تۇغۇلغان، 1048-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ياش ۋاقتىدا يۇرتىنى تەرك ئېتىپ، ئىران ۋە ئۆزبېكىستاننى ئايلانغان. كېيىن غەزنەۋىلىك مەھمۇد بۇخارا ئەمىرلىكىنى فەتھى قىلغاندىن كېيىن، غەزنەۋىلەر سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئافغانىستاننىڭ تېرروتېرىيەسى ئىچىدە قالغان غەزنەگە كۆچۈپ كەتكەن.
بىرۇنى ھىندىستاننىمۇ ئىدارە قىلغان مەشھۇر مۇسۇلمان پادىشاھ مەھمۇد غەزنەۋى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلتان مەسئۇد بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بىلەن تونۇلغان. ئۇنىڭ بىلىمى ۋە شۆھرىتىدىن تەسىرلەنگەن سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى، بىرۇنىنى ھىندىستانغا قىلغان سەپەرلىرىدە بىرقانچە قېتىم ئۆزى بىللە ئېلىپ بارغان. بىرۇنى ئۇدا 20 يىل ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ئايلانغان ۋە پۇندىتسلاردىن ھىندى پەلسەپىسى، ماتېماتىكا، گېئوگرافىيە ۋە دىن دەرسلىرىنى ئالغان. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلارغا گىرېك، ئىسلام ئىلىملىرى ۋە پەلسەپىسىنى ئۆگەتكەن.
بىرۇنى ئىسلام تەلىماتىنى ئۆزىنىڭ ئىلمىي بىلىمىنىڭ ئۇل تېشى دەپ قارايتتى، ئۇ، بىلىمگە بولغان ئىزدىنىشلىرىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاسترونومىيە، گېئومېتىرىيە ۋە فىزىكا تەتقىقاتلىرىدىم جەريانىدا ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرىم ماڭا بۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا چوقۇم چەكسىز كۈچكە ئىگە بىر پىلانلىغۇچى ئەقىلنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئاسترونومىيە ساھەسىدىكى بايقاشلىرىم كائىناتتا پەقەت فىزىكىلىق ۋە ماددىي سەۋەبلەر بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ياراتقۇچى بىر سىستېما ۋە ئىنچىكە كونتىرول قىلغۇچى كۈچنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.»
بىرۇنى ھېچقاچان تەتقىقاتلىرىنى شۆھرەت، ھوقۇق ياكى ماددىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشنىڭ قورالى سۈپىتىدە ئىشلەتمىگەن. سۇلتان مەسئۇد ئۇنىڭ «ئەلقانۇنۇل مەسئۇدى» ناملىق ئېنسىكلوپېدىيەلىك ئەسىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۈچ تۆگە كۈمۈش تەڭگە ھەدىيە قىلغان، ئەمما ئۇ سۇلتان مەسئۇدنىڭ بۇ ھەدىيەسىنى «مەن بىلىم ئۈچۈن بىلىمگە خىزمەت قىلىۋاتىمەن، پۇل ئۈچۈن ئەمەس» دەپ چىرايلىقچە قايتۇرۇۋەتكەن.