ئەسەد ئاغدۇرۇلدى، ئەمدى نۆۋەت پ ك ك غا كەلدى
كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (51)
ئەسەد ئاغدۇرۇلدى، ئەمدى نۆۋەت پ ك ك غا كەلدى
ئەسەد ئاغدۇرۇلدى، ئەمدى نۆۋەت پ ك ك غا كەلدى
27 يناير 2025

(جان ئاجۇن)

سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىپلوماتىيە تەتقىقاتچىسى

بىر مەزگىلدىن بۇيان سۈرىيەدە ئايلىنىپ، بۇ دۆلەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىۋاتىمەن. ئالدى بىلەن ھەلەب، ھاما، ھۇمۇس شەھەرلىرىدە، ئاندىن دەمەشق شەھىرىدە پارتلىغان ئىنقىلاب باسقۇچىنىڭ قانداق مۇۋەپپەقىيەكە ئېرىشكەنلىكىگە ھەمدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قانداق يىمىرىلگەنلىكىگە بىۋاسىتە شاھىت بولۇۋاتىمەن. 13 يىللىق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىنقىلاب ۋە ئىچكى ئۇرۇش باسقۇچىدىن كېيىن، ئەسەد ئاخىرى ئاغدۇرۇلدى، ئۆكتىچىلەر دەمەشق قاتارلىق جايلارنى ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلدى. ئەمما نۇرغۇن ئىشلار ئەمدى باشلىنىۋاتىدۇ. ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش ۋە ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمى يەنىلا ئامېرىكانىڭ ھىمايىسىدىكى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا. تۈركىيە ۋە تۈركىيەنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى بولسا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.

27-نويابىر كۈنى ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەلەبكە قارىتا قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى شەھەرلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ۋە ئون يىللار داۋاملاشقان رەھىمسىز دىكتاتورلۇقنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلەندى. ئۆكتىچىلەر ئۆزلىرىمۇ كۈتمىگەن چوڭ ھەربىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. بۇ نەتىجىنىڭ پەردە ئارقىسىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا، ئىران ۋە ھىزبۇللاھنىڭ بولسا ئىسرائىلىيەگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشىدا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى ھەمدە ئەسەدكە ياردەم بېرەلمەسلىكى ياتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەسلىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاللىقاچان زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە ۋە ئىران قوللاۋاتقان بولغاچقىلا غۇلاپ چۈشمىگەن بىر ھاكىمىيەت ئىدى. شۇڭا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم بولۇپ قالغان ھامان مۇنقەرز بولدى.

ئۆكتىچىلەر ھازىر دەمەشقتە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ، ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەكتە. دەسلەپكى كۆزىتىشلىرىمگە ئاساسلانغاندا، ئۆكتىچىلەر نۆۋەتتە تەشكىلاتچىلىقتىن ھالقىپ، دۆلەت ئەقلى بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا ۋە پارلاق كېلەچىكىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرى بىلەن ئالاقە ئورناتماقتا. بۇ نۇقتىدا ئەلۋەتتە مۇھەممەد جەۋلانى رەھبەرلىكىدىكى  ھ ت ش (ھەيئەت تەھرىر شام - دەمەشقنى ئازاد قىلىش ھەيئىتى) تەشكىلاتى ئالدىنقى پىلانغا چىقماقتا. جەۋلانى ئىلگىرى ھاسىل قىلغان تەجرىبە – ساۋاقلىرىغا ئاساسەن يېڭى سۈرىيەنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. دەرۋەقە، ئۇنىڭ ئالدىدا ناھايىتى چوڭ سىناقلار بار، ئەمما تۈركىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئۇ بۇ سىناقلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتەلەيدۇ، دەپ قارايمەن. تۈركىيە ئىنقىلاب باسقۇچى باشلانغاندىن تارتىپلا ئۆكتىچىلەرنى تاشلىۋەتمىگەن ۋە قوللاپ كەلگەن بىردىنبىر دۆلەت. شۇڭا، تۈركىيەنى ئۇرۇش مەيداندىكى غەلىبىدە بىۋاسىتە شېرىك دۆلەت دېيىشكە بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە يېڭى سۈرىيەنىڭ قايتا قۇرۇپ چىقىلىشىدىمۇ بىرىنچى دەرىجىلىك سۆز ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ كېلەچىكى قانداق شەكىللىنىدۇ؟

فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئامېرىكانىڭ ھىمايىسىدە پ ك ك/ي پ گ يەنىلا مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا تۈركىيە قوللاۋاتقان ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىشى ئەلۋەتتە رايوندىكى پ ك ك پىلانىنىڭ بىتچىت قىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. ئۆكتىچى كۈچلەر 27-نويابىردا ھەلەب ھەرىكىتىنى باشلىغاندا، پ ك ك يەنە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەبقا-مەسكەنە ۋە مۇنبىچ ئارقىلىق دەير ھافر، كۇۋەيرىس، نەيراپ رايونلىرىدىن تەلرىفئەت رايونىغىچە سوزۇلىدىغان بىر تېررور كورىدورى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى قوزغىغان «ئەركىنلىك تاڭ - سەھىرى» ھەرىكىتى نەتىجىسىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ رايونلاردا يوق قىلىنغانىدى. تەلرىفئەت ۋە شەھبە رايونلىرى بولۇپمۇ پ ك ك ئۇدا 8 يىل ئىشغال قىلغان ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان رايونلار بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە، ئىران ۋە بەششار ئەسەد ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قوغدىشىدىن مەھرۇم قالغان ھامان تەخمىنەن 24 سائەت ئىچىدە بۇ جايلاردىن تازىلاندى. ئارقىدىنلا مۇنبىچ ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى، مۇنبىچمۇ پ ك ك غا نىسبەتەن ستراتېگىيەلىك ۋە قوغدىلىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم رايون ئىدى، بىراق پ ك ك بۇ رايوندىنمۇ 48 سائەت ئىچىدە تازىلاندى.

ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ، پايتەخت دەمەشقنىڭ ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلۈش باسقۇچىدا پ ك ك ئۇنسۇرلىرى دەير ئەززور ۋە رەققەدىمۇ بەزى رايونلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما رايون خەلقىنىڭ ئىسيانى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ رايونغا يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ بۇ يەرلەردىن چېكىندى. ھازىر ئەرەب رايونلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا نامايىشلار بولۇۋاتىدۇ، پ ك ك بولسا قورال كۈچى بىلەن بۇ خەلق قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.

ئەسلىدە 27-نويابىردىن بىرقانچە كۈن كېيىن ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ھامان ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى مايكېل ئې. كۇرىللا قامىشلى ۋە ھەسەكە رايونلىرىدا مەزلۇم ئابدى قاتارلىق پ ك ك ئۇنسۇرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، پ ك ك نىڭ ئۇتۇقلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مۇرەسسەلىشىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن ئىدى. پ ك ك بۇ كۆرسەتمىگە ئاساسەن سۈرىيە ئىنقىلاب بايرىقىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى، تاموژنا ئېغىزلىرىنى تاقىدى ۋە مەلۇم ئەرەب رايونلىرىدىن چېكىنىدىغانلىقىغا دائىر ۋەدىلەرنى بەردى. ئەمما بۇلار تۈركىيە ئۈچۈن يېتەرسىز تەكلىپلەر بولۇپ، تۈركىيە پ ك ك نىڭ بارلىق باشقۇرغۇچى كادىرلىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى، ي پ گ نىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئاتالمىش ئاپتونوم رايون ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان، ئەرەب رايونلىرى پۈتۈنلەي ئەركىنلىككە ئېرىشكەن، كورد رايونلىرى پەقەت سۈرىيە كورد مىللىي مەجلىسىمۇ ئورۇن ئالىدىغان يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن شەھەر باشقۇرۇش يول خەرىتىسىدىن باشقا ھېچقانداق تەكلىپ قوبۇل قىلىنمايدۇ.

بۇ ئەھۋالدىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەر باشلىنىدۇ. قىسقىسى، پ ك ك ئۈچۈن سۈرىيەدە تەتۈر ساناق باشلاندى. چۈنكى پ ك ك پىلانى بۇ رايوندا سۇغا چىلاشتى. ئاخىرقى سوئال شۇكى، جەسەت كىم تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ ئەگەر ئامېرىكا بىر تەرەپ قىلمىسا، تۈركىيە بىر تەرەپ قىلىشقا تەييار ھالەتتە تۇرماقتا.

TRT Global'ni bir nazar bilan qarang. Fikrlaringizni bo'lishing!
Contact us