توختىماس بومباردىمانلار ۋە قىرغىنچىلىقلارنىڭ ئارقا پەردىسىدە، ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى يوشۇرۇن تالان تاراج قىلماقتا.
غەززە ئۇرۇشى باشلانغاندىن بېرى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ غەززەلىكلەرنى جەنۇبتىكى رايونلارغا سۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق ئېتنىك تازىلاش ستراتېگىيەسىنى ئىجرا قىلماقتا. بۇ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقنىڭ داۋامىدا، پەلەستىنلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ نېفىت ۋە گاز ئېھتىياتلىرىغا ئېرىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنماقتا. بۇ ھوقۇق پەلەستىن دۆلىتىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئەتراپىدىكى نېفىت ۋە گاز مەنبەلىرى ئۈستىدىكى ھاكىممۇتلەقلىقى، ئۇنىڭ ئېنېرگېيەمەركىزى ۋە باغلىنىش نۇقتىسى بولۇش يۆنىلىشىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ھەەۋسلىرىنىڭ ئەكس ئېتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باشقا مۇستەملىكە ئولتۇراق رايون قۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىدىكىدەك، يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىش ۋە ئوممىۋىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ يەرلىك پەلەستىنلىكلەرنىڭ بايلىقلىرىنى رەھىمسىزلەرچە ئىستىسمار قىلىشى ئۈچۈن بىر قورال بولۇپ كەلمەكتە.
پەلەستىننىڭ گاز مەنبەلىرى مەسىلىسى 1999-يىلى بېرىتانىيا گاز گۇرۇھىنىڭ (British Gas Group) غەززە قىرغىقىدىن 17 دىن 21 مىلغىچە بولغان كەڭرى بىر گاز ساھەسى كەشىپ قىلىش خىزمەتلىرىنى باشلىىشى بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى. "غەززە دېڭىز" دەپ ئاتالغان بۇ رايون 1995-يىلىقى ئوسلو 2 - كېلىشىمى بىلەن پەلەستىن ھاكىمىيىتىگە كونتروللۇقى بېرىلگەن 20 مىللىق رايون چېگراسى ئىچىدە ئىدى. ئەينى چاغدىكى رەھبەر ياسىر ئەرەفات كونسولىدېيتېد كونتراكتورلار لىمىتېد (CCC)، بېرىتانىيا گاز گۇرۇھى (BG) ۋە پەلەستىن ئىنېستىتسىيە فوندى (PIF) بىرلەشمىسى بىلەن 25 يىللىق ئىزدىنىش لىتسېنزىيەسى كېلىشىمىنى ئىمزىلىغان ئىدى. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 2000-يىلى BG "غەززە دېڭىز" رايونىدا جەمئىي 1.4 تېرىلىئون كۇبىك فۇت زاپاسى بولغان ئىككى ساھەنى بايقىغان ئىدى.
2001-يىلى ئارىيەل شارونـنىڭ باش مىنىستىر بولۇپ سايلىنىشى پەلەستىنگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق مۇئامىلىندىن بېشارەت بېرىپ، داۋالغۇشلۇق بىر دەۋر باشلاندى. ئىسرائىلىيە ئالىي سوتى شارونغا پەلەستىندىن نېفىت سېتىۋېلىشنى بويقۇت قىلىش ۋە تەبىئىي گاز كەشپىيات ۋە ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ئالاقىدار كېلىشىملەرنى ۋېتو قىلىش ھوقۇقىنى بەردى. بۇ ئەھۋال پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش پۇرسىتىنى سىستېمىلىق ھالدا قولىدىن ئېلىۋالغان بولدى.
ئىككىنچى ئىنتىفادانىڭ باشلىنىشىدا، ئىسرائىلىيە رايوندىكى گاز بايلىقلىرىنى ئادىل تەقسىملىنىشىنى رەت قىلغان سىستېمىلىق بېسىم سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ سىياسىي مۇھىت، بولۇپمۇ شارون ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكال پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقان كېلىشىم ئىمزىلاش يۆنىلىشىدىكى ئۈمىدلەرنى بىكارغا چىقاردى.
كېيىنچە، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ھاماسنىڭ غەززەدىكى فوندلارنى ئىشلىتىش ئېھتىمالىنى ئەلگىرى سۈرۈپ، فىەستىن ھۆكۈمىتىنى مۇنتىزىم مالىيە بىلەن تەمىنلەشكە قارشى چىقتى.
ئىسرائىلىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ستراتېگىيەسى، غەززە دېڭىزىدىكى گاز ساھەلىرى ۋە غەربىي قىرغاق-ئىسرائىلىيە چېگرىسىدىكى نېفىت ساھەلىرى ئۈستىدىن تولۇق كونتروللۇقنى ئورنىتىش ۋە پەلەستىنلىكلەرنى بۇ بايلىقلاردىن كېلىدىغان پايدىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلدى.
بۇ پوزىتسىيە پەلەستىن ئىقتىسادىغا ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان سالدى. بۇ مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە، مۇزاكىرىلەردە دۈشمەنلەرچە مۇئامىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كۆپىنچە ھاماسنى ئىشەنچسىز ھەم خەۋپسىزلىككە تەھدىت سۈپىتىدە كۆرسىتىپ كەلدى.
7 ئۆكتەبىر 2023-يىلىدىكى ۋەقەلەرنى ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ ستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش پۇرسىتى سۈپىتىدە قوللاندى. غەززەگە قاراتقان ھۇجۇمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، غەززەلىكلەرنى سىنا يېرىم ئارىلىغا كۆچۈرۈش پىلانلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
نېتانياھۇ مىسىردىن غەززەلىكلەرنىڭ چۆللۈككە ئاپىرىلىشىنى تەستىقلىشى ئۈچۈن مىسىرغا بېسىم ئىشلىتىش مەقسىتىدە ياۋرۇپادا ئاكتىپ لوببىچىلىق پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى.
بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماستىن، ئۇرۇشنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىدە، ئىسرائىلىيە غەززە قىرغىقىغا يېقىن بولغان G رايونىدىكى گاز مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن BP ۋە ENI قاتارلىق ئالتە شىركەتكە يېڭى ئقىدىرىپ تەكشۈرۈش لىتسېنزىيەسى بەردى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، بۇ رايوننىڭ 62 پىرسەنتى 1982-يىلىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر دېڭىز ھوقۇقى كېلىشىمى (UNCLOS) گە ئاساسەن، پەلەستىن تەرىپىدىن 2019-يىلى ئېلان قىلىنغان دېڭىز چېگراسى ئىچىگە كىرىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر سودا ۋە ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش كېڭىشىنىڭ(UNCTAD) 2019 - يىلىدىكى دوكلاتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى سەۋەبىدىن پەلەستىنلىكلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مالىيە ياردىمىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
دوكلادتا ۆكرسىتىلىشىچە، "Marine 1 ۋە Marine 2 ساھەلىرى 1999-يىلى ئېنىقلىنىپ، BG گۇرۇھى 2000-يىلى گاز چىقىرىشنى باشلىغان ئىدى. پەلەستىنلىكلەر بۇ رايونلارنى پۇلغا ئايلاندۇرۇپ، 18 يىل ئىچىدە 4.592 مىلياردلىق نەخ بايلىققا ئىگە ئىنېستىتسىيە قىلالىغان بولاتتى. يىللىق پايدا 2.5 پىرسەنت دەپ ھېسابلانسا، پەلەستىنلىكلەر ئۆزىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ھازىرچە تەخمىنەن 2.570 مىلياردلىق زىيان تارتقان بولدى ھالبۇكى، بۇ ھوقۇق خەلقئارالىق قانۇندا كاپالەتلەندۈرۈلگەن ئىدى.
ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا ئېتنىك تازىلاشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشغال كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئالدىنقى نىشان قىلىپ بېكىتتى. ئامېرىكا قاتارلىق ھالقىلىق ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ يۇمشاق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە رېفاھقا قاراتقان ھۇجۇملار ئۈچۈن تارقاقلىشىش ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئەگەر ئىسرائىلىيە ئېتنىك تازىلاش مەقسەتلىرىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشسە، قىممەتلىك نېفىت ۋە گاز بايلىقلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، غەززە ئۈستىدىن تولۇق كونتروللۇق ئورناتىش يۆنىلىشىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانىغىمۇ يېتەلەيدۇ.
بۇ ھەۋەس ئىسرائىلىيەنىڭ ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا كورىدورى (IMEC) يول-يۆنىلىشىدە ھالقىلىق نۇقتا بولۇش ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى يۈز بەرگەندىن بېرى رۇسىيە گازىدىن ئايرىلىشنى كۆزلەۋاتقان ياۋروپا بازارلىرىغا بالدۇرلۇق ئېنېرگىيە تەمىنلىگۈچى بولۇش ئارزۇسى غا ئۇيغۇن كەلمەكتە.
بۇ پۇرسەتپەرەسلىك ئىسرائىلىيەنىڭ رېفاھتا قىلغان ھەرىكەتلىرى ۋە خەلقئارالىق ئېنېرگىيە شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ ئېنىق ھالدا نامايان قىلىپ بەرمەكتە. ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش رايونلىرىغا قورال-ياراق بېرىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، شۇنداقلا غەززەنىڭ ھەربىي ئىشغالىنى تېز سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق ئىككى بىسلىق ستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقتا.
غەززەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىش نېتانياھۇنىڭ ئويلىغىنىدەك ئاسان بولمىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئىشتىياقى، ھاماسنى يوق قىلىش ۋە ئۇرۇشنى ئۆزىنىڭ شەرتلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدىكى مەغلۇبىيەتلىرى سەۋەبىدىن توسۇلغا ئۇچرىدى.
خەلقئارالىق جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇش ماشىنىسىنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا كېڭەيگەن ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرى بىلەن ئاممىۋىي بېسىم كۈچەيمەكتە، بۇمۇ نېتانياھۇنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا ئىنسانىيەتكە زىت ھەربىي سىياسىتىگە كۈتۈلمىگەن بىر زەربە بولماقتا.
خەلقئارالىق جەمئىيەتكە پەقەت داۋاملىشىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنىڭ ئاساسلىق بىر قىسمى بولغان ئۆزلىرىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى پەلەستىن زېمىنلىرىنى تالان تاراج قىلىپ تويماۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشتىھاسىدىن قوغداش ۋاقتى يېتىپ كەلدى.