تىكتوكنىڭ سىرى ئۇنىڭ ئالگورىتمىسىدا. بۇ ئالگورىتمنى سىزگە قانداق مەزمۇندىكى ۋىدېيولارنى كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى داۋاملىق ھەل قىلىدىغان ئەقىللىق ياردەمچى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.
تىكتوك پەيدا بولغانغا قەدەر، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە باغلىق دەپ قارىلاتتى. بىراق تىكتوك پۈتۈنلەي باشقىچە يول تۇتتى. ئۇ سىزنىڭ دوستلىرىڭىزنىڭ دائىرىسىگە ئەمەس، بەلكى سىز ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرگە دىققەت قىلىدۇ - سىزنىڭ ھەر بىر ياقتۇرۇش، پىكىر ۋە ئورتاقلىشىشىڭىزغا ئاساسلىنىدۇ.
ئىشلەتكۈچىلەر تىكتوك نىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۇنىڭ قىسقا ۋىدېيو فورماتىدا دەپ قارايدۇ. يوتىيۇبتىكى 10 مىنۇتلۇق ۋىدېئودىن ئالىدىغان ئۇچۇرنى، تىكتوكتىن بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا ئالالايسىز.
بۇ ئالاھىدىلىك تىكتوكقا سىزنىڭ قىزىقىشلىرىڭىزنى ناھايىتى تېز بايقاش ۋە قىزىقىشىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ.
ئەڭ ھەيران قالارلىقى، تىكتوكھەتتا كۈن داۋامىدىكى قىزىقىشىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ بايقىيالايدۇ. سىز ئەتىگەندە قەھۋە ئىچىۋاتقاندا ياكى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆرگەن ۋىدېيولىرىڭىزغا قاراپ، شۇ ۋاقىتقا ماس كېلىدىغان مەزمۇنلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
تىكتوك ئەسلىدىنلا يانفونلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بۇ ئۇنىڭغا زور ئەۋزەللىك ئېلىپ كەلگەن. باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار كومپيۇتېردىن يانفونغا ماسلاشتۇرۇلغان بولسا، تىكتوك باشتىنلا يانفون ئەپى سۈپىتىدە ياسالغان.
تىكتوك كۈنسېرى تەرەققىي قىلماقتا. بەزىدە ئۇ سىزنى يېڭى ساھەلەر بىلەن تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، قەستەن ئوخشىمىغان تىپتىكى ۋىدېيولارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سىزنىڭ قىزىقىشىڭىزنى قوزغاپلا قالماي، تىكتوكنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىڭىزگە تۈرتكە بولىدۇ.
بۇ ئالگورىتم تىكتوك ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىمكى، شىركەت ھەتتا بۇ ئالگورىتمنى قوغداش ئۈچۈن ئەپنى تاقاشنى تاللىسىمۇ، ئۇنى سېتىشنى خالىمايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ بۇنداق ئالگورىتملارنى قوغداش ئۈچۈن ئالاھىدە قانۇن ماقۇللىغان.
دىققەتكە سازاۋەر يېرى شۇكى، تىكتوك ئۆزىنىڭ ئالگورىتمىنى خىتايدىكى دويىن نۇسخىسى بىلەن بىرگە تەرەققىي قىلدۇرغان. ئۇلار مەزمۇن تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەرزان ئىشچى كۈچىدىن پايدىلانغان. بۇ ئۇنىڭ غەربتىكى رەقىبلىرىدىن ئاساسلىق پەرقى ھېسابلىنىدۇ.
كېيىنكى قېتىم تىكتوك تىن سىزگە خاس تەۋسىيە قىلىنغان ۋىدتېيولارنى كۆرگىنىڭىزدە شۇنى بىلىڭكى، بۇ ھەقىقەتەنمۇ دەل سىز ئۈچۈن تاللانغان قىسقا ۋىدېيولاردۇر.