تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى ھۆرمەتلىك ئۇستازىمىز، تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتىنىڭ سەركە ئالىمى ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن 1943-يىلى 8-فېۋرالدا ئىزمىردە تۇغۇلغان. 1950-يىلى قىبرىستا باشلانغۇچ مەكتەپنى باشلىغان بولسىمۇ، ئائىلىسى ئىزمىرگە كۆچۈپ كەلگەچكە، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى ئىزمىردە تاماملىغان. 1963-1967 يىللىرى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەن-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىگە ياردەمچى ئوقۇتقۇچلىققا كىرگەن. 1976 -1977 يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مېھمان تەتقىقاتچى» بولۇپ تۇرغان. 1971-يىلى «قارس ۋىلايىتى شېۋىلىرى-ئاۋاز بىلىمى» ناملىق دىسسېرتاتسىيەسى بىلەن «دوكتورلۇق» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1971-يىلى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىغا، 1983-يىلى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكەلگەن. 1979-يىلى دوتسېنتلىققا، 1986-يىلى پىروفېسسورلۇققا كۆتۈرۈلگەن. 1986-1991 يىللىرى ئارىسىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى مەتبۇئات-نەشرىيات ئالىي ئورگىنىنىڭ مۇدىرى، 1992-يىلى زامانىۋى تۈرك تىل-شېۋىلىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، 1993- 2000 يىللىرى ئارىسىدا تۈرك تىل ئورگىنى رەئىسى بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، تۈرك مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باش كاتىپلىقىنى ئۆتىگەن. 2001-يىلى قىرغىزىستاندىكى ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېھمان پىروفېسسور بولۇپ دەرس بەرگەن، فاكۇلتېت مۇدىرى بولغان ۋە تۈركولوگىيە بۆلۈمىنى باشقۇرغان. 2004-2005 يىللىرى گىرنە ئامېرىكان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولغان ئۇستاز ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ھازىرمۇ 2010-يىلى پېنسىيەگە چىققان غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىدە سىرتتىن دەرس بېرىپ كەلمەكتە.
تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنى تۈرك يۇرتلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئىنچىكە تەكشۈرۈش، ھۆججەتلەشتۈرۈش ۋە كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە كۆپ قېتىم ئايلانغان، ئىنگلىز تىلى ۋە تۈرك تىل-شېۋىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى بىلىدىغان، ئاكادېمىك ئىزدىنىشلىرىنى تۈرك تىلى، تۈرك ئەدەبىياتى، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرگەن، بۇلاردىن سىرت شېئىر، نەسىر، ھېكايە، رومان قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان، تۈرك دۇنياسىنىڭ دانىشمەن ئۇستازى بولغان ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن تۈرك مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنستىتۇتى، تۈرك ئوچىقى، زىيالىيلار ئوچىقى ۋە ئەزەربەيجان مەدەنىيەت جەمئىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ئەزاسىدۇر.
بۈگۈن تۈرك تىلى تەتقىقاتىغا كىرىشكەن بىرىنىڭ ئۇستاز ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇننىڭ «تۈرك تىلى تارىخى»، گۇرۇپپا خىزمىتى بولغان «سېلىشتۇرما تۈرك تىل-شېۋىلىرى لۇغىتى» ۋە «زامانىۋى تۈرك تىل-شېۋىلىرى گىرامماتىكىسى» قاتارلىق كىتابلىرىنى ئوقۇماي ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇستازنىڭ بۈگۈنگىچە يازغان كىتابلىرى ۋە ماقالىلىرىنىڭ تېمىلىرى بىر قانچە بەت كەلگۈدەك دەرىجىدە كۆپ.
ئۇستاز ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇننىڭ تۈركولوگىيە ئىلمى تەتقىقاتىدىكى مۇۋەپپەقىيىتىگە يانداش ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، چوڭلارنىمۇ-كىچىكلەرنىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان بولۇشىدۇر. ئۆزىگە خاس پوزىتسىيەسى بىلەن بىر ئاكادېمىك ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر. ئۇ پىروفېسسورلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقىل ئۇستازى، ئىلمىي مەسلىھەتچىسى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ قىممەتلىك بىر زىيالىيسىدۇر. ئۇنىڭ خىزمىتىگە سادىق، ئۆزىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغان بىر دەۋا ئادىمى ئىكەنلىكىنى «تۈرك تىلى تارىخى» ناملىق كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىدىكى تۆۋەندىكى ئابزاسلاردىن چۈشىنىۋالالايمىز:
«بۈگۈنلەردە تۈرك دۇنياسى ھەققىدە گەپ قىلىش، تۈرك دۇنياسى ئۈستىدە يېزىپ-سىزىش مودا بولۇپ قالدى. بىز تۈرك مىللەتچىلىرى يىللارچە بۇ مودىنىڭ كېلىشىنى كۈتتۇق. ھېچكىم ئەسىر تۈركلەر ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان كۈنلەردە ئەسىر تۈرك ھەپتىسى پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن سادايىمىزنى ياڭراتتۇق. بۇ سەۋەبتىن قوغلاندۇق، تۈرمىلەرگە تاشلاندۇق، جازالاندۇق. ھېچ نەرسە قىلىنمىغان چاغلاردا خىيالپەرەستلىك، ماجىراچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندۇق. ئەمدى بۈگۈنكى كۈنلەرگە يەتكىنىمىز ئۈچۈن تەڭرىگە شۈكۈر قىلىمىز ۋە ئەلۋەتتە توغرىنى بالدۇرلا كۆرۈپ يەتكەن بولۇشىمىزدىن ئىپتىخارلىنىمىز.»
«بىز تۈرك دۇنياسىنى ھەر دائىم بىر پۈتۈن كۆرۈپ كەلدۇق. ئۇلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە بىر گەۋدە ھالىتىدە قارىدۇق. بۈگۈنمۇ ئوخشاش كۆز قاراشتىمىز. بۇ پۈتۈنلۈك ئىچىدە ھېچقانداق تۈركىي قەبىلە، جامائەت ياكى جۇمھۇرىيەتنىڭ باشقىلىرىدىن ئۈستۈن ۋە ئىمتىيازلىق ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلمايمىز. ھەممىسى باراۋەر. بىزنىڭ ئەمدىكى مەجبۇرىيىتىمىز، تېخى مۇستەقىل بولمىغان تۈركلەرنىڭمۇ مۇستەقىللىقكە ئېرىشىشى ئۈچۈن تىرىشىش ۋە پۈتكۈل تۈركلەر يەر يۈزىدە ئورتاق كۈچ شەكىللەندۈرۈشتۇر. پارچە-پارچە تۈرك دۇنياسى، كىچىك ۋە ئېتىبارسىز قېلىشقا مەھكۇمدۇر. پەقەت بارلىق كۈچلىرىمىزنى بىرلەشتۈرگىنىمىزدىلا دۇنيا بىزنى نەزەرگە ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ھەممىدىن ئاۋۋال بىر-بىرىمىزنى تونۇشىمىز ۋە ئۆگىنىشىمىز كېرەك».
پېنسىيەگە چىققان بولۇشىغا قارىماي، غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۇزۇن يىللار بويىچە ھەر پەيشەنبە كۈنلىرى ئاكادېمىك سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان ئۇستاز ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇننىڭ ھازىرمۇ ئەدەبىياتچى رەپىقىسى پىروفېسسور دوكتور بىلگە ئەرجىلاسۇن بىلەن بىللە ئىلمىي مۇھاكىمىلەرگە قاتنىشىشى بىر ئۇلۇغ تۈركنىڭ تۆرگە چىقىشىغا ئوخشىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى سوۋغا كىتابى ۋە «تۈركبىلىگ تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئالتىنچى سانى ئۇنىڭغا بېغىشلاپ نەشر قىلىنغان.
تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسى ۋە كۆۋرۈك بولۇشقا مۇۋەپپەق بولغان، تۈرك تىلىغا بولغان رىشتىسى ۋە تۈركىي خەلقلەرگە بولغان مۇھەببىتى بىلەن چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان ئالىم، پىروفېسسور دوكتور ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى يولباشچىلىرىمىزنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئەقلىمىزدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. بۈگۈن ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى سايىسىدا تۈركىي تىل-شېۋىلەر ۋە مەدەنىيەتلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا.
تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بىرلەشتۈرگۈچى كۈچكە ئايلانغان، ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەنلا ئەمەس، يۈرىكىدىكى ۋەتەن ۋە مىللەت مۇھەببىتى بىلەنمۇ كۆڭۈللەرنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشىنىش ۋە كەلگۈسىنى قۇرۇشقا قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن ھەر دائىم ياد ئېتىلىدۇ.
* * * * *
يۇقىرىدا نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرىنىڭ بىرى بولغان پروفېسسور دوكتور ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ھەققىدە قىسقىچىلا توختىلىپ ئۆتتۇق. ئۇنىڭ تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى كەلگۈسىگە يورۇتۇپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا... ئامان بولۇڭلار!
مەنبە:
1. A.B. Ercilasun. (1992). Türk Dünyası Üzerine İncelemeler. Ankara: Akçağ Yay.
2. F. AĞCA. (2003) Prof Dr Ahmet Bican Ercilasun a Armağan. Türkbilig Türkoloji Araştırmaları. No.6. s.175-179.
3.A.B. Ercilasun. (2016). Türk Kağanlığı ve Türk Bengü Taşları. Dergah Yayınları, İstanbul.