قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى (ئۆكتىچىلەر) بەششار ئەسەدنىڭ غالجىر ۋە رەھىمسىز ھۆكۈمىتىنى بىر ھەپتە بۇرۇن ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن بۇيان نۇرغۇن سابىق مەھبۇسلار سۈرىيە خەلقىنىڭ يېقىنقى ئون يىللاردا دۇچ زۇلمەتلىك قىسمەتلىرىنى بايان قىلماقتا.
غازى مۇھەممەد ئەلمۇھەممەدنى قولغا ئالغان سۈرىيە ھەربىي ئىستىخبارات خادىملىرى ئۇنىڭغا ئىسمىنى ۋە كىملىكىنى ئۇنتۇشنى ئېيتقان.
ئۇلار مۇھەممەدنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا: «بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ ئىسمىڭ 3006 - نومۇر» دېيىشكەن.
مۇھەممەد بەش يېرىم ئاي مابەينىدە بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىلىرىدىن بىرىدە 40 كىلوگرام ئۇرۇقلاپ كەتكەن ۋە ھەر دەقىقە ئۆلۈم جازاسى تەھدىتى ئاستىدا قالغان.
قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى بەششار ئەسەدنىڭ غالجىر ۋە رەھىمسىز ھۆكۈمىتىنى بىر ھەپتە ئىلگىرى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن بۇيان، مۇھەممەدكە ئوخشىغان نۇرغۇن سابىق مەھبۇسلار سۈرىيە خەلقىنىڭ يېقىنقى ئون يىللاردا دۇچ كەلگەن زۇلمەتلىك قىسمەتلىرىنى بايان قىلماقتا. سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ھەلەبكە يېقىن سارمادادا مەش ئالدىدىكى كۆرپىلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئورۇق كىشى بولغان مۇھەممەد ھازىر بۇرۇنقى ھالىتىنىڭ سايىسىگە ئايلىنىپ قالغان.
39 ياشلىق بۇ ئادەم سۈرىيەدە ھېچقاچان سىياسەتكە ئارىلاشمىغانلىقىغا ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئارامخۇدا تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئاددىي بىر تىجارەتچى ئىكەنلىكىگە قەسەم قىلىدۇ.
مۇھەممەد دەمەشققە تىجارەت ئۈچۈن قىلغان قىسقا سەپىرى جەريانىدا قولغا ئېلىنغان ۋە جەھەننەمگە تاشلانغان.
ساقىلى ۋە قارا چاچلىرى قىسقا قىرقىلغان مۇھەممەد مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر پەيت كېلىدۇكى، پۈتۈن ئۈمىدىڭىزنى يوقىتىپ قويىسىز. كېيىنكى مەزگىللەردە پەقەت ئۆلۈشنىلا خالايتتىم، بىزنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدىغان ۋاقىتنى كۈتەتتىم. ئاساسىي جەھەتتىن خۇشال ئىدىم، چۈنكى بۇ، دەرد – ئەلەملىرىمدىن خالاس تاپىدىغانلىقىمنى بىلدۈرەتتى.»
پايتەخت دەمەشقنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا ئۇنى تۇتقۇن قىلغانلار بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممىگە قادىر ئىستىخبارات خادىملىرى ۋە ئىجراچىلىرى بولغان «مۇخابارات» ئىدى. ئۇلار مۇھەممەدنى قوللىرى ئارقىسىغا باغلانغان ھالدا دوستى بولغان دوختۇر بىلەن بىللە تۇتۇپ كەتكەن.
- بۇ بۇنىڭدىن بەش يېرىم ئاي بۇرۇنقى ئىش ئىدى - دەيدۇ مۇھەممەد، ئەمما نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇ: «بۇنىڭ سەۋەبى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ جەنۇبقا شىددەتلىك ئىلگىرىلىشىنىڭ بەششار ئەسەدنى 8-دېكابىردا قېچىشقا مەجبۇر قىلغان غەربىي شىمالدىكى ئىدلىب ئۆلكىسىدىن كەلگەنلىكى بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلايدۇ.
قوللىرى كىشەنلەنگەن ۋە كۆزلىرى تېڭىلغان مۇھەممەد باش ئەلچىلىكلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشخانىلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەركەزلىرى جايلاشقان دەمەشقنىڭ ھەشەمەتلىك ماززەھ رايونىدىكى بىر نەزەربەند مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلغان. ئاندىن ئۇ بىر بىنانىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا تاشلانغان، قىيىق – قىستاقمۇ دەل شۇ يەردە باشلانغان.
بېلىكىدىن ئېسىلغان
مۇھەممەد دەسلەپتە بىرقانچە كۈن كامېرنىڭ ئېگىز بىر يېرىدىكى تۆمۈرگە بېلىكىدىن ئېسىلغان، پۇتلىرى يەرگە تەگمىگەن، كېيىن ھېچبولمىغاندا پۇتلىرى يەرگە يەرگە تەگسۇن، دەپ چۈشۈرۈلگەن.
مۇھەممەد قىيىن – قىستاققا ئۇچرىغان ۋە دېگۈدەك ھېچنېمە يېگۈزۈلمىگەن، بىردىنبىر ئالاقىسى گۇندىپايلار بىلەن بولغان.
ئۇلار مېنى:
- قېرىندىشىڭنىڭ ئىسيانچىلارنىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىل- دەپ قاتتىق قىيناشتى. - راستىنى ئېيتقاندا، قېرىندىشىم سارمادادا بىر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتىنى باشقۇرىدىغان تىجارەتچى ئىدى،ئەمما مەن ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئاڭلىماقچى بولغانلىرىنى ئېيتتىم.
مۇھەممەد ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلارنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ ئالدىدا قىيىن-قىستاققا ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قىيىن – قىستاققا چىدىماي قىلغان نالە – پەريادلىرىنىڭ ئۇلارغىمۇ ئاڭلانغانلىقىنى ئېيتتى.
ئارىدىن بىر ئايچە ئۆتكەندىن كېيىن، مۇھەممەد ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىنىڭ پەقەت بىر نومۇر بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مۇھەممەد تەخمىنەن ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، تەخمىنەن بىر ئادەمنىڭ بويى ئۇزۇنلۇقىدا ۋە 1.2 مېتىر كەڭلىكتىكى تار بىر كامېرغا سولانغان. بىردىنبىر يورۇقلۇق مەنبەسى كامېرنىڭ تۈڭلۈكى ئىدى.
كامېردا توك ۋە سۇ يوق ئىدى، شۇڭا، ئۇ ھاجەتخانىغا بارماقچى بولغاندا، گۇندىپايلارنىڭ ئۇنى يالىڭاچ، ئېڭىشكەن ۋە كۆزلىرى يەرگە تىكىلگەن ھالەتتە ئېلىپ بارغان.
گۇندىپايلار ئۇنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن قورقۇتۇپ، مازاق قىلغان: «گېلىڭ قوي بوغۇزلانغاندەك بوغۇزلىنىدۇ. ياكى پۇتلىرىڭدىن ئېسىلىشنى خالامسەن؟ ياكى قوزۇققا ئولتۇرغۇزۇلۇشنى خالامسەن؟»
كېيىنكى مەزگىللەردە مۇھەممەد سىرتتا نېمە بولۇۋاتقانلىقىدىن، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ تانكىلىرى ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى تاشلاپ قاچقاندا، قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى شىمالدىن ئۇدا 11 كۈن شىددەت بىلەن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىدى.
«ئوغلۇمنىڭ تەقى – تۇرقى ۋە خۇي - پەيلى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ»
مۇھەممەد مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلار بىر كېچە بىزنى كامېرلاردىن چىقاردى ۋە ھەممىمىزنى كارىدوردا قاتارغا تىزدى، بىر-بىرىمىزگە باغلىدى. 14 مەھبۇس ئىككى قاتار تىزىلدۇق. تۇنجى قېتىم بىر-بىرىمىزنى كۆرەلىدۇق ۋە ئۆلىدىغان بولدۇق دەپ ئويلىدۇق.
ئۇلار بىزنى تەخمىنەن بىر سائەت شۇ يەردە تۇرغۇزغاندىن كېيىن، خالىغانچە كامېرلارغا قايتۇرۇپ كىرگۈزۈشتى.
- كېسەل بولۇپ قالدىم، ھاجەتخانىغا بېرىشىم كېرەك، - دېدىم، ئەمما ھېچكىم كەلمىدى.
كېيىن تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ قونغان - قوزغالغان ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدۇق. مېنىڭچە بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەمەلدارلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەن بولسا كېرەك.
بىرقانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن كامېر ئىشىكلىرى چېقىلدى، ئاندىن قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى مەھبۇسلارنى ئازاد قىلدى.
جەڭچىلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆردۈم. چۈش كۆرۈۋاتىمەنمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.»
مۇھەممەد بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاتقاندا، 75 ياشلىق ئانىسى يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ پەلتوسى بىلەن ئويناپ ئولتۇردى، بىرەر قېتىممۇ ئوغلىدىن كۆزىنى ئۈزمىدى.
ھېچكىم ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتمىغانىدى. ئۇ پەقەت غايىب بولۇپ كەتكەن ئىدى. خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، سۈرىيەدە 35 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يوقاپ كەتكەن.
كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دەل ئەكسىچە، مۇھەممەد ھەقىقەتەنمۇ تەلەيلىك ئىدى. چۈنكى ئۇ يۇرتىغا ئامان - ئېسەن قايتىپ كېلەلىدى.
- ئەمما ئوغلۇمنىڭ تەقى – تۇرقى ۋە خۇي - پەيلى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ – دەيدۇ ئانىسى فاتىمە ئابدۇلغېنى. - ئۇنىڭغا قارىغىنىمدا، خۇددى مېنىڭ ئوغلۇم ئەمەستەكلا كۆرۈنىدۇ.
مۇھەممەد ئىنكار قىلسىمۇ، ئەمما ئانىسى ئۇنىڭ قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
- مېنى ئەسىرگە ئالغانلارنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ھەر ئۈچىنى تونۇيالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل - دەيدۇ مۇھەممەد.