تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە-شىۋېتسىيە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە
تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئارىسىدىكى بىخەتەرلىك مېخانىزمى يىغىنى بۈگۈن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تۈركىيە-شىۋېتسىيە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە
سىرتقى ئىشلار مىنىستىرلىكى
27 gennaio 2025

بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا تۈركىيە تەرەپتىنىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا، شىۋېتسىيە تەرەپتىن شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىيا مالمېر ستېنېرگارد ۋە ئادلىيە مىنىستىرى گۇننار سترۆممېر قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر قاتنىشىدۇ.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەسىلىسى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىكەن. مىنىستىر فىدان يىغىندا شىۋېتسىيەنىڭ پ ك ك / پ ي د / ي پ گ ۋە فەتۆ قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى تۇرۇش نۇقتىسىدا يولغا قويۇشى كېرەك بولغان قوشۇمچە تەدبىرلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتىدىكەن، بولۇپمۇ بۇ تەشكىلاتلارنىڭ شىۋېتسىيە زېمىنىدىكى مەبلەغ توپلاش ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى چەكلەش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ ياۋروپادا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئاشقۇن ئوڭچىللىق، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىق ئېقىملىرىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ خىل ئېقىملارغا قارشى ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدىغان مىنىستىر فىدان، يەنە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى چەكلىمىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىنكى يېڭى مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا نەتىجىگە يۈزلەنگەن، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدىكەن.

بۇ يىغىن ئەسلىدە 2024-يىلى 18-سېنتەبىردە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان بولسىمۇ، شىۋېتسىيە ھەيئىتىنىڭ ئايروپىلانىدا تېخنىكىلىق كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەنىدى.

TRT Global'ni bir nazar bilan qarang. Fikrlaringizni bo'lishing!
Contact us