كورېيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇك-يول يېرىم كېچىدە YTN تېلېۋىزىيەسىدە تۇيۇقسىزلا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى. يۇن باياناتىدا، بۇ رادىكال قەدەمنى بېسىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇ قەدەمنىڭ دۆلەتنىڭ ئەركىن ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى پارلامېنتنىڭ خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن يۇن، بۇ ئەھۋالنىڭ دۆلەتنى كىرىزىسقا سۆرەپ كىرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ سۆزىدە ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى تەكىتلەپ: «ئەركىن كورېيە جۇمھۇرىيىتىنى شىمالىي كورېيەنىڭ كوممۇنىست كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىدىن قوغداش، خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بەختىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان شىمالىي كورېيە تەرەپدارى، دۆلەتكە قارشى رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ۋە ئەركىن ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي ھالەت جاكارلايمەن» دېدى. بىراق، ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەت دائىرىسىدە قىلىشنى پىلانلىغان قەدەملىرى ھەققىدە ئېنىق ۋە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرمىدى.
يۇننىڭ باياناتلىرى نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مەجلىسىدە كۆپ سانلىققا ئىگە بولغان ئۆكتىچى دېموكراتىك پارتىيەنى زەربە ئوبيېكتى قىلدى. بۇ ھەپتە، پارتىيە بىر قانچە ئالدىنقى قاتاردىكى تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى ئۈچۈن تەكلىپ سۇندى ۋە يەنە ھۆكۈمەتنىڭ خامچوت تەكلىپىنى رەت قىلدى. يۇننىڭ قارىشىچە، بۇ سىياسىي قەدەملەر جىددىي ھالەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەقەززا قىلغان قىلىدىغان كىرىزىسنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تۆھپە قوشقان.