ئەردوغان تۈنۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە سىلوۋاكىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكو بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 1967-يىلىدىكى چېگرالار ئاساسىدا پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان، تېررىتورىيەلىك پۈتۈنلۈككە ئىگە، مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغۇچە بۇ جەرياننى كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاندىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ بىر مۇخبىرنىڭ: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يېقىنقى باياناتلىرىدا سىز بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. تۈركىيەنىڭ رايوندىكى كۈچىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. بۇ يېقىن دوستلۇق يېڭى مەزگىلدە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ سىز دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىقىدا ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ گە بولغان ياردىمىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بىرىنچى باسقۇچتىكى دوستلۇقىمىزنىڭ ئەينەن داۋاملىشىشى بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم» دېدى.
ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇ قەتئىيلىك بىلەن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ‹مەن ئاخىرلاشتۇرىمەن› دېگەنىكەن، بۇ جەھەتتە تۈركىيەنىڭ يەلكىسىگە نېمە چۈشسە، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزمۇ شۇنى قىلىمىز، چۈنكى بىز دۇنيادا ئۇرۇش تەرەپدارى ئەمەسمىز. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز تىنچلىق تەرەپدارىمىز.، تىنچلىق ئاساسىدا دۇنيادا دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى داۋاملىشىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز. بۇ جەھەتتە نېمە بولسا تىنچلىقتا بار، ئۇرۇش بىلەن بىر يەرگە بارغىلى بولمايدۇ. بۇنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك. جاناب ترامپ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتلەردە بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەدەملىرىمىزنىمۇ شۇنىڭغا قاراپ تاشلايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.