سىياسەت
4 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئۇرۇشقا قارشى ترامپ بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ھېرىسمەن دىنىي زاتلار ئارىسىدا ئىنچىكە سىزىقتا
بۇ ئەھۋال ترامپ ۋە ئىران ئۈستىدىن كىمنىڭ ھوقۇققا ئىگە بولىدىغانلىقىغا باغلىق - ترامپ ئىنتايىن كەسكىن مىجەزلىك شەخسلەردىن تەركىب تاپقان ئىچكى كابىنېت تەشكىللىدى، ئىران دائىرىلىرى بولسا سىياسىي جەھەتتىن يول قويۇش ياكى ئامېرىكاغا قارشى تېخىمۇ قۇدرەت تېپ
ئىران ئۇرۇشقا قارشى ترامپ بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ھېرىسمەن دىنىي زاتلار ئارىسىدا ئىنچىكە سىزىقتا
ئىران ئۇرۇشقا قارشى ترامپ بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ھېرىسمەن دىنىي زاتلار ئارىسىدا ئىنچىكە سىزىقتا مېڭىۋاتىدۇ
2025年2月18日

ئامېرىكانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ترامپ 2025-يىل 20-يانۋاردا ئىككىنچى قېتىم ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى.  ئۇ، ئوتتۇرا شەرق بولۇپمۇ ئىران مەسىلىسىدە يېڭى ئامېرىكا رەھبەرلىكىنى سىناشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. نۇرغۇن جۇغراپىيەلىك سىياسەت ئانالىزچىلىرى ترامپنىڭ بۇ قېتىم تېھرانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قىزىقماقتا.

ئىراننىڭ سىياسىي سەھنىسىدە ترامپنىڭ غەلىبىسى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئانالىزلار ۋە بەس – مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. ترامپنىڭ غەلىبىسى بولۇپمۇ ئىسلاھاتچى ۋە مۇھاپىزىكار قاتلاملار ئارىسىدىكى مۇھىم ئىدېئولوگىيەلىك پەرقلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

ترامپنىڭ 2016-يىلى تۇنجى قېتىم پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇپ، ئاقسارايغا كېلىشى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرققە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ئۆزگەرتىش دەۋرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىدىن نامايەندىسى ئىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ باراك ئوباما دەۋرىدە ئىمزالانغان ئومۇمىي ئورتاق ھەرىكەت پىلانىدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا چېكىنىشى ۋە ئارقىدىن يولغا قويغان «ئەڭ يۇقىرى بېسىملىق» سىياسىتى ئىراننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەب بولدى. بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ئىراندىكى ھالقىلىق سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئارىسىدا ترامپ ھۆكۈمىتىگە مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچە ۋە تەھلىللەر جەھەتتە مۇھىم ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

مەسىلەن، ترامپنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشىدىن كېيىنلا، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىرانلىق ئىسلاھاتچىلار ترامپقا مەكتۇپ يوللاپ، ئىراننىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

 بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، ئىرانلىق مۇھاپىزىكارلار ئەينى ۋاقىتتىكى پىرېزىدېنت ھەسەن روھانى ھۆكۈمىتىدىن، ترامپنىڭ كېلىشىمدىن چېكىنىشىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنىڭ 37-ماددىسى دائىرىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى توختىتىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

رۇسىيە، خىتاي ۋە تەڭپۇڭلۇق سىياسىتى

ترامپنىڭ ئاقسارايدا قايتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىشىدىن كېيىن، ئىران يەنە بىر قېتىم مۇھاپىزىكارلار ۋە ئىسلاھاتچىلار ئارىسىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك پەرقلەر تۈپەيلى سىياسىي جىددىيچىلىكنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

ئىسلاھاتچىلار ترامپنىڭ خىتاينى كونترول قىلىش ۋە ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىران بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

باشقىچە ئېيتقاندا، ئىران بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى نىشانلىرىغا يېتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەقەززاسىدۇر.

بۇ كۆز قاراش پۈتۈنلەي ترامپنىڭ ئەمەلىيەتچىل  ئۇسۇل قوللىنىدىغانلىقىغا ۋە ئىران كېلىشىمىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تىنچلىق ئورنىتىش ئورناتقان شەخس بولۇش نىشانىغا يېتەلەيدىغان - يېتەلمەيدىغانلىقىغا باغلىقتۇر. ئىران ئىسلاھاتچىلىرى تىرامپنىڭ ئۇرۇشقا قارشى سۆزلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت دەپ ئانالىز قىلماقتا ۋە ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ بەدىلىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي - سىياسىي يۈكىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ترامپ رەھبەرلىكىدە ئامېرىكا-ئىران كېلىشىمى تۈزۈلگەن تەقدىردە، بۇ كېلىشىم تېھراننىڭ موسكۋا ۋە بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئەمما ئىرانلىق ئىسلاھاتچىلار خەۋپكە تەۋەككۇل قىلىپ، كۆپ تەرەپلىمە ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ.

مۇھاپىزىكارلار بولسا ئىراننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە نۆۋەتتىكى جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئورنىنى قوغداپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ ئەھۋال، ترامپ بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى «قارشىلىق كۆرسىتىش مەركىزى» قاتارلىق ئىران قوللاۋاتقان رايونلۇق ئىتتىپاقداشلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىراننىڭ رايونلۇق ھەرىكەتلىرىدە تۈپتىن ئۆزگىرىشلەرنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ پىلان - نىشانلىرى بىلەن توقۇنۇشماقتا.

ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى نۇرغۇن كەسكىن مىجەزلىك شەخسلەر، ئىرانغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق ۋە مۇرەسسەچىلىكتىن خالىي سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئىران دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن تەقدىردە، بۇ، تېھراننىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن شەكىللەندۈرگەن ھەربىي ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدۇ ۋە ئىراندا نارازىلىق پەيدا قىلىدۇ. بۇ يەنە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەر خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئىرانغا بولغان ئىشەنچىنى تەۋرىتىۋېتىدۇ، ھەمدە تېھران بىلەن بولغان سودا ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى چەكلىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق رايونلۇق رەقىبلەرمۇ تېھراننىڭ رايونلۇق تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر قوللىنىدۇ.

ترامپنىڭ 2016-يىلى يادرو كېلىشىمىدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا چېكىنىشى مۇھاپىزىكارلار ئارىسىدا ۋاشىنگتوننىڭ ئىشەنچسىز بىر ئاكتىيور ئىكەنلىكى چۈشەنچىسىنى كۈچەيتتى. شۇنداقلا، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسى ۋە رايونلۇق تەسىرى ھەققىدىكى قاتتىق پوزىتسىيەسى مۇھاپىزىكارلارنىڭ ئۆتكۈزۈلگۈسى تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە قارشى چىقىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

ترامپ دەۋرىدە ئىراننىڭ ئىستراتېگىيەسى قانداق بولىدۇ؟

ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى يۆنىلىشلىك ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى – بىرىنچىسى، دۇنياۋى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىپ، پۈتۈن كۈچىنى خەلقئارالىق بېسىملارنى يەڭگىللىتىشكە مەركەزلەشتۈرىدۇ، ئىكككىنچىسى، رايونلۇق تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى زورايتىشقا تىرىشىدۇ.

بۇ، تېھراننىڭ دىپلوماتىك باياناتلىرىدا نامايەن بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئىران بىر تەرەپتىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، دىپلوماتىيە جەھەتتىكى نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە رايونلۇق ۋاكالەتچى كۈچلىرىنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

 ئىراننىڭ غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى تەسىر كۈچى تورى دۇنيانى بولۇپمۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىكىنى دىيالوگ ئورنىتىش پۇرسىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىك كېرەكلىكىگە قايىل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ترامپنىڭ تۇنجى ھاكىمىيەت مەزگىلىدە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا، ۋاشىنگتوننىڭ رۇسىيەنىڭ ئىلگىرىلەشلىرىگە قارشى ياۋروپانى قوغداش ئۈچۈن ئۆز ئۈستىگە ئالغان مالىيە يۈكى توغرىسىدا دىپلوماتىك جىددىيچىلىكلەر يۈز بەرگەنلىكتىن، نۇرغۇن ئانالىزچىلار ئىراننىڭ ترامپنىڭ ئىككىنچى ھاكىمىيەت مەزگىلىدە ئوخشاش بىر دىنامىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئىران بۇ بۆلۈنۈشتىن پايدىلىنىشى مۇمكىن.

يەنە بىر تەرەپتىن، تېھران خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىقنى چەكلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك دەرىجىدە،  يادرو پىروگراممىسىنى بولسا ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن.

ئەمما ئىران بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىس مۇھىتى ئاستىدا، پىرېزىدېنتنىڭ ياۋروپا دېموكراتىيەلىرىنىڭ يوشۇرۇن قوللىشىغا ئېرىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن، ئۆكتىچىلەرگە ئازراق ئەركىنلىك بېرىشى مۇمكىن.

شۇ ۋەجىدىن، ئىراننىڭ بەزى ئاممىۋى تاراتقۇ مۇنبەرلىرىنىڭ چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى قولايلاشتۇرۇشى، ھەرقايسى  مەزھەپلەر ھەم ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ تەلەپلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇرۇشى مۇمكىن.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىران ترامپ قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بولۇشىغا قارىماي ھەم يادرو پىروگراممىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ھەمدە ئىچكى - تاشقى سىياسەتلىرىدە تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆپ قاتلاملىق ئىستراتېگىيە شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.

ئەمما نۇرغۇن ئىشلار ترامپنىڭ ئىراننىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزگەن پىلانلىرىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا باغلىقتۇر. ترامپنىڭ جەڭگىۋار ۋە ئۆزگىرىشچان خاراكتېرى نەزەردە تۇتۇلغاندا، تېھران يا يېڭى بىر جازا دولقۇنى ئىسكەنجىسىگە دۇچ كېلىدۇ ۋە رايوندا ئىستراتېگىيەلىك زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ، ياكى بۇ خەۋپ - خەتەر باسقۇچىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك  ئۆتۈپ، ۋاشىنگتون بىلەن يېڭى بىر سەھىپە ئاچىدۇ.

 

TRT Global'ni bir nazar bilan qarang. Fikrlaringizni bo'lishing!
Contact us