ئەمما ئۇنىڭ ئىككى قۇرغۇچىسى گىتلېرنىڭ ناتسىستلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ئىدى.
ئادىداس يېقىندا ئامېرىكادىكى ئىسرائىلىيە تەرەپدارى گۇرۇھلار ۋە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا بويسۇنۇپ، پەلەستىنلىك بەللا ھەدىدنى يېڭى تەنھەرىكەت ئاياغلىرىنى تونۇشتۇرۇش پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋەتتى ۋە مودېلنىڭ رەسىملىرىنى ئېلانلىرىدىن ئېلىپ تاشلىدى.
ھەدىد پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىغا قارشى ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن بىر شەخس بولۇپ، غەززەدىكى گۇناھسىز پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قارشى كۆپ قېتىم سۆز قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشىدا ھازىرغىچە 39 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
نيۇ يوركتىكى ئېگىز بىنالاردا ۋە تەنھەرىكەت ئاياغلىرى ماگناتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشلاردا، تېگى پەلەستىنلىك ئامېرىكالىق مودېل ئادىداس شىركىتى قايتا بازارغا سالغان SL72 رېترو تەنھەرىكەت ئاغىنى كىيگەن ھالەتتە كۆرۈنگەنىدى.
مودېل ھەدىد ئادىداس شىركىتى تەرىپىدىن 1972-يىلى ميۇنخېن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جەريانىدا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېنىك تەنھەرىكەت ئاياغلىرىنى تاللىشىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن «SL (Super Light) » يۈرۈشلۈكلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان مودېللاردىن بىرى ئىدى.
غەربىي گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ چوڭ تەنھەرىكەت پائالىيىتى جەريانىدا، پەلەستىنلىك «قارا سېنتەبىر» تەشكىلاتى ئىسرائىلىيە كوماندىسى تۇرغان جايغا باستۇرۇپ كىرگەن، ساقچىلار بىلەن بولغان قوراللىق توقۇنۇشتا 11 ئىسرائىلىيەلىك ئۆلگەن، بەش پەلەستىنلىك ۋە بىر گېرمانىيە ساقچىسىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
ئىسرائىلىيەلىك تەنقىدچىلەر تەنھەرىكەت ئاياغلىرىنىڭ تارىخىغا دىققەت قىلىپ، ھەدىدنىڭ ئادىداس شىركىتىنىڭ ئاياغلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە مودېل بولۇپ تاللىنىشىنىڭ يەھۇدىي دۈشمەنلىكى ئىكەنلىكىنى ۋە «بەلكىم قەستەن شۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى. بۇ، دەرىجىدىن تاشقىرى مودېلنىڭ غەززەدىكى ۋەيران قىلغۇچى ئۇرۇشقا قارشى پوزىتسىيەسى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارالدى.
بەللا ھەدىد داۋاملىق ئەيىبلەشلەرنىڭ نىشانى بولدى
دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل يەھۇدىيلارغا قارشى دېگەن ئەيىبلەشلەرنىڭ نىشانىغا تۇنجى قېتىم ئۇچرىغىنىمۇ يوق.
2021-يىلى ھەدىد ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Instagram سەھىپىسىدە تارقاتقان نەق مەيدان پىروگراممىسىدا: «دەريادىن دېڭىزغىچە پەلەستىن چوقۇم ئازاد بولىدۇ» دەپ شوئار توۋلىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ شۇ چاغدىكى X (بۇرۇنقى Twitter) سەھىپىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ھەدىدنى «يەھۇدىيلارنى دېڭىزغا تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ رەسمىي سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«بەللا ھەدىدقا ئوخشاش مەشھۇر شەخسلەر يەھۇدىيلارنى دېڭىزغا تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغان ۋاقىتتا، يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ يوق قىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلغان بولىدۇ.»
ئاياغ ئېلانى تالاش-تارتىشىدىن كېيىن، ئوخشاش سەھىپە ھەدىدنى «يەھۇدىيلارغا قارشى قارا چاپلاش ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن يەھۇدىيلارغا قارشى زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلىش تارىخى بولغان يېرىم پەلەستىنلىك بىر مودېل» دەپ تەرىپلىدى ۋە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلدى: «ئۇ ۋە ئاتىسى يەھۇدىيلارغا قارشى قان تۆھمەتلىرى ۋە يەھۇدىيلارغا قارشى سۈيىقەست نەزەرىيەلىرىنى تارقىتىشنى كۆپ قېتىم تەشەببۇس قىلدى.»
ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ باياناتى ئادىداسقىمۇ بەلگە قويۇلۇپ، سوئال سورىغان ئاھاڭدا بولدى.
ھەدىد يەنە ئىسرائىلىيە تەرەپدارى تەشكىلاتلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولدى.
يەھۇدىي دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش ھەرىكىتىنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى ساشا رويتمان ھەدىد ھەققىدە مۇنداق دېدى:
«ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ شۇنچە كۆپ قېنى تۆكۈلگەن بىر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خاتىرىلىتىدىغان تەنھەرىكەت ئاياغلىرىنى تونۇشتۇرۇشى يىرگىنچلىك ئىشتۇر.»
ئادىداس شىركىتىنىڭ ناتسىستلار بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋىتى
تەنھەرىكەت ئاياغلىرى ماگناتىنىڭ قاراڭغۇ ئۆتمۈشى، بولۇپمۇ گىتلېرنىڭ ناتسىستلار پارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تارىخ سەھىپىسىدىن ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئورۇن ئالغان.
1936-يىلى بېرلىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا نۇرغۇن گېرمانىيەلىك تەنھەرىكەتچى، گىتلېرنىڭ ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئارىيان تەنھەرىكەت ئۈستۈنلۈكىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە تەشكىللىگەن پائالىيەتتە ئادىداسنىڭ داسسلېر ماركىلىق ئاياغلىرىنى كىيگەنىدى.
شۇ مەزگىلدە ماركىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئادى ۋە رۇدى داسسلېر قېرىنداشلار ناتسىستلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ئىدى ۋە خەتلىرىنى «ياشىسۇن گىتلېر» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىمزالايتتى. بۇ ئۇچۇرلار باربارا سمىتنىڭ «تەنھەرىكەت ئاياغلىرى ئۇرۇشلىرى» ناملىق كىتابىدا، «تايم» ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، داسسلېر قېرىنداشلار تەنھەرىكەت ئاياغلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ، زاۋۇتلىرىنى پانزېرچرېك (تانكا ۋەھىمىسى) – ئىتتىپاقداشلارنىڭ تانكىلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن تانكىغا قارشى قورال - ياراغ – ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.
ئادىداس شىركىتى ئۆزىنىڭ ناتسىستلار پارتىيەسى بىلەن بولغان ئۆتمۈشتىكى مۇناسىۋىتى ھەققىدە بۈگۈنگىچە سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدى. رەسمىي تور بېتىدە، تەنھەرىكەت ئاياغلىرى شىركىتىنىڭ 1949-يىلىدىن ئىلگىرىكى تارىخىغا ئورۇن بەرمىگەن، ھالبۇكى بۇمۇ ماركىنىڭ رەسمىي قۇرۇلۇش يىلىدۇر.
كانيې ۋېست بىلەن قىممەت باھالىق ئايرىلىش
شىركەتنىڭ ناتسىستلار گېرمانىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، 2022-يىلى دۇنياغا داڭلىق تولغىما ئۇسسۇل ناخشىچىسى كانيې ۋېستنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى باياناتلىرى سەۋەبىدىن ئاخىرلاشقان ھەمكارلىقىدىن كېيىن يەنە كۈنتەرتىپكە كەلدى. كانيې ۋېست ھازىر «يې» ئىسمى بىلەن تونۇلىدۇ ۋە تۆۋەندىكى سۆزلىرى سەۋەبىدىن ئېغىر تەنقىدلەرگە ئۇچرىدى: «يەھۇدىيلارغا قارشى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بىر ھەرىكەتتە بولىمەن... مېنى ئالداپ، مەن بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولمىغان ھەممە ئادەمنى چەتكە قاقتىڭلار.»
ئادىداس شىركىتى ۋېست بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭ شىركەتكە شۇ يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدە 246 مىليون دوللار زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. شىركەتنىڭ ئومۇمىي كىرىمى1 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنىدى.
2024-يىلى مارتتا ئادىداس شىركىتى ۋېست لايىھەلىگەن ۋە دەسلەپتە توڭلىتىپ قويۇلغان Yeezy ماركىلىق تەنھەرىكەت ئاياغلىرىنىڭ سېتىلىشىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن 150 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇلنى يەھۇدىيلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان گۇرۇھلارغا ئىئانە قىلغانلىقى ياكى ئىئانە قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئەمما، بەزى تەنقىدچىلەر ئادىداسنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشتا «بەك ئاستا» ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە شىركەتنىڭ ئارىدىن ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بەللا ھەدىد «قەستەن» تەنقىد قىلىندى
بەللا ھەدىدنىڭ ئېلانى ئېلان قىلىنغاندا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئادىداس شىركىتىنى «ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلاردىن ساۋاق ئالماسلىق» بىلەن ئەيىبلىدى. بەزىلەر بولسا تەنھەرىكەت ئاياغلىرىنى تونۇشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى «بۇ ناھايىتى پۇختا پۇختا ھېسابلانغان ۋە مۇكەممەل شەكىلدە يەھۇدىيلارغا قارشىكى پىلانلانغان ھەرىكەتلەردۇر، شۇڭا بۇنىڭ ئاددىي بىر خاتالىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش تەس» دەپ قارىدى.
ھەدىدنىڭ ئادىداس ئۈستىدىن جامائەتچىلىككە ئاشكارا ھېساب بېرىش يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن ئادۋوكات تۇتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئامېرىكا كۆڭۈل ئېچىش تورى TMZ گە ئاساسلانغان مەنبەلەرگە كۆرە، ھەدىد شىركەتنىڭ «رەھىمسىز ۋە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى» نى ئېيتقان.
ئادىداس ئېلانلارغا قارىتىلغان تەنقىدلەرگە: «بۇ تەسادىپىي سادىر قىلىنغان بىر خاتالىق» دەپ جاۋاب بەردى.
ئادىداس شىركىتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«شىركىتىمىزنىڭ تىراگېدىيەلىك تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىدىن خەۋىرىمىز بار – بۇلار پۈتۈنلەي تەسادىپىيلىق بولسىمۇ – شىركىتىمىز سەۋەب بولغان ھەرقانداق بىئاراملىق ياكى كۆڭۈلسىزلىك ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمىز. سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ قالغان قىسمىنى قايتا كۆزدىن كەچۈردۇق.»
بايانات مۇنداق ئاخىرلاشتى:
«شۇنداقلا شېرىكلىرىمىز بەللا ھەدىدنىڭ A$AP Nast، جۇلېس كۇندې ۋە باشقىلارغا كەلتۈرگەن ھەرقانداق سەلبىي تەسىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمىز. سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىمىزنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈۋاتىمىز.»
ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر دۆلەت
بەللا ھەدىدنىڭ ئېلان سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر دەۋرگە توغرا كەلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ۋەيران قىلغۇچ ئۇرۇشى جەريانىدا ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ سۆزلىرى ئىرقىي تازىلاشقا مۇناسىۋەتلىك باياناتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆزلەر ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە ئەسەبىي ئوڭچىل ھۆكۈمەتتىكى باشقا مىنىستىرلارغا ئوخشاش ئىسرائىلىيەلىك قارار چىقارغۇچىلارغا ئائىتتۇر.
9-ئۆكتەبىر كۈنى ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت، غەززەگە «ئومۇميۈزلۈك قورشاۋ» ئېلان قىلغان ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ «ئىنسان ھايۋانلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى. توكنىڭ ئۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە يېمەكلىك ھەم يېقىلغۇنىڭ رايونغا كىرىشىنىڭ توسۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
14-ئۆكتەبىر كۈنى ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ «غەززەدە گۇناھسىز پۇقرا يوق» دېدى. ئارىدىن ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھەمدە ئىنجىلدىن بىر ئايەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«مۇقەددەس كىتابىمىز دەيدۇكى: ئەمالىقەلەرنىڭ سىلەرگە قىلغانلىرىنى ئەستە تۇتۇڭلار.» نېتانياھۇ «ئەستە تۇتىمىز ۋە ئۇرۇشىمىز... ئەسكەرلىرىمىز 3 مىڭ يىل بۇرۇنقى يەھۇدىي ئۇرۇشچىلىرى مىراسىنىڭ بىر قىسمىدۇر.»
ھازىر 10-ئېيىغا قەدەم قويغان ئىسرائىلىيە-غەززە ئۇرۇشىدا 2 مىليوندىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 39 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قەتل قىلىندى، 90 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.
ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەنقىدىمۇ ياكى ئانتىسېمىتىزم (يەھۇدىي دۈشمەنلىكى) مۇ؟
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارشى ئۇرۇشى ئانتىسېمىتىزم ئۇقۇمى ۋە ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان ھەرقانداق تەنقىدنىڭ يەھۇدىي دۈشمەنلىكى خاراكتېرلىك نەپرەت سۆزى بولۇش-بولماسلىقىدەك ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان بىر دەۋرنى قايتا قوزغىدى.
نېتانياھۇ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنى ياكى سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى، ناتسىستلارلار بىلەن سېلىشتۇرغان قاتتىق تەنقىدلەرنى پات-پات يەھۇدىيلارغا دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ سۆزلەر تەنقىد ئاتالغۇسىنىڭ مەنىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.
بەللا ھەدىد رايوندىكى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قارشى بىر رەقىب سۈپىتىدە بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان پەلەستىنلىك نۇرغۇن كىشىدىن پەقەتلا بىرى، خالاس.
ئىسرائىلىيەلىك تارىخچى توم سېگېۋ AP ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان ھەر تەنقىد يەھۇدىيلارغا قارىتىلغانلىق بولمايدۇ.
بۇ خىل سۆز سىز <يەھۇدىيلارغا قارشى نەپرەت بار> لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھامان تەنقىدنى پۈتۈنلەي قانۇنسىز قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز بەس – مۇنازىرىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنىسىز.»