خەلقئارا
6 مىنۇت ئوقۇش
پەلەستىنلىك بىر دوختۇر غەززەدىن ئايرىلىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدە ئۆلدى
دوكتور ئەدنان ئەلبۇرشنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جەسەتنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلىشى ئۇنىڭ قىيىن-قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر ئەندىشىلەرنى كۈچەيتتى.
پەلەستىنلىك بىر دوختۇر غەززەدىن ئايرىلىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدە ئۆلدى
دوكتور ئەدنان ئەلبۇرش
27 فوریه 2025

مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان ۋە پاجىئەگە يولۇققان پەلەستىنلىكلەر يەنە بىر شۇم خەۋەر بىلەن ئويغاندى. ئەتراپىغا بومبا يېغىۋاتقان بولسىمۇ غەززەدىكى يارىلانغانلارنى داۋالاشنى داۋاملاشتۇرغان داڭلىق سەھىيە خادىمى دوكتور ئەدنان ئەلبۇرش ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن نەزەربەنت ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

غەززەدىكى بومباردىمان قىلىنغان شىپا دوختۇرخانىسىنىڭ سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى باشلىقى ئەلبۇرش، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ۋە پەلەستىنلىكلەر ئىنسانىيەتكە زىت قىيىن قىستاققا دۇچ كېلىدىغان نەزەربەند مەركەزلىرىدىن بىرى دەپمۇ تونۇلغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئوفېر ھەربىي تۈرمىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىلگىرىكى توقۇنۇشلار جەريانىدا غەززەدىكى دوختۇرخانىلاردا ئەلبۇرش بىلەن بىللە ئىشلىگەن ئەنگلىيە پۇقراسى پەلەستىنلىك پىلاستىك ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرى غەسسان ئەبۇ سەتتاھ: «ئۆلگۈچە ئۇرغان گەپ، ئوخشاش تۈرمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان سابىق مەھبۇسلار ئۇنىڭ يۈزى ۋە بېشىدا يارا ئىزلىرى بارلىقىنى ئېيتتى» دەيدۇ.

ئەلبۇرشنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى پەقەت 2-ماي كۈنى كەرەم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزىدا قويۇپ بېرىلگەن بەزى تۇتقۇنلارنىڭ پەلەستىنلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا بۇ ھەقتە سۆز قىلىشى بىلەن جامائەتچىلىككە تارقالدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى دوختۇرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ 19-ئاپرېلدا ئۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كېچىكمەستىن جەزملەشتۈردى.

ئىسرائىلىيەلىكلەر ئەلبۇرشنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلدى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىيىن-قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ دۇنياغا پاش بولۇشنى خالىماسلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەبۇ سەتتاھ: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دوختۇرنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ ئېنىقلىنىشى ۋە ئائىلىسىنىڭ تەسەللى تېپىشى ئۈچۈن جەسەتنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك» دەيدۇ. «ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى 100 سەھىيە خادىمىنىڭ ھاياتى ھازىرمۇ خەۋپ ئاستىدا»

11-ماي كۈنى CNN تېلېۋىزىيەسى نەزەربەند مەركەزلىرىدە ئىشلەيدىغان ئاخباراتچىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنى ئاساس قىلىپ، غەززەدىن تۇتقۇن قىلىنغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ قانداق دۇمبالانغانلىقى، كۆزلىرىنىڭ قانداق تېڭىلغانلىقى، كىشەن تۈپەيلىدىن قوللىرىنىڭ قانداق كېسىلگەنلىكى ۋە ئۆچ ئېلىش تۇيغۇسى بىلەن قانداق تېپىلىپ مۇشتلانغانلىقىنى بايان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

ئەبۇ سەتتاھ، ئەلبۇرش ۋە يەنە بىر پەلەستىنلىك دوختۇر ئەھمەد مۇھاننانىڭ دېكابىر ئېيىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى جەبالىيە لاگېرىكى ئەلئەۋدە دوختۇرخانىسىغا قىلغان باستۇرپ كىرىش ھۇجۇمى جەريانىدا «دۆلەت بىخەتەرلىكى» سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئىسرائىلىيە ئەلبۇرشنىڭ ئوفېر تۈرمىسىدە ئۆلگەنلىكىنى تەستىقلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق ئىدى.

ئەبۇ سەتتاھ «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا، مۇھاننانىڭ يەنىلا قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ: «ئادۋوكات يوق، خلەقئارا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى يوق، ھېچنېمە يوق» ئەبۇ سەتتاھ، 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان نەزەربەند قىلىنغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ۋەكىلى يوقلۇقىنى، سىرتتىكى ھېچكىم بىلەن ئالاقە قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە «ھېچقانداق سوت جەريانى» يوقلۇقىنى سۆزلىرىگە ئېلاۋە قىلىدۇ.

 

نەزەردىن ساقىت قىلىش

پەلەستىنلىك ئىككى مەھبۇس جەمئىيىتى 2-مايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەلبۇرش قاتارلىق غەززەدىن كەلگەن ئاز دېگەندە 18 پەلەستىنلىكنىڭ ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تۈرمىلەردە قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، غەرب دۇنياسى رەھبەرلىرى بىرەر ھەرىكەت قىلىشنى خالىماي كەلمەكتە. بۇ ئارىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىسرائىلىيەگە قانداق قورال - ياراغلارنىڭ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن ئالدىراش.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن ياردەمچى تەتقىقاتچىسى مىلەينا ئەنسارى: «دوكتور ئادنان ئەلبۇرش ۋە باشقىلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تۈرمىسىدىكى ئۆلۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھۋاللارغا دائىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش، ئادالەت ۋە جاۋابكارلىق ئىزدەش ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىسرائىلىيە دوكتور ئەدناننىڭ مېيىتىنى ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن دەپنە قىلىش ئۈچۈن ئائىلىسىگە تاپشۇرۇشى كېرەك» دەيدۇ.

مىلەينا ئەنسارى  «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا: «جازاسىز قېلىش تېخىمۇ كۆپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئىسرائىلىيە ئونلىغان يىللاردىن بېرى پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارغا ناچار مۇئامىلە قىلىپö قىيىن-قىستاققا دۇچار قىلىپ كەلمەكتە» دېدى. ئەنسارى ئەلبۇرشنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى بولۇپ-بولمايدىغانلىقىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى «پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارغا قارىتىلغان قىيىن-قىستاق ۋە ناچار مۇئامىلىنى» ھۆججەتلەشتۈردى.

ئۆلۈكلەرگە قارشى بىر ئۇرۇش

قىيىن-قىستاق ۋە ناچار مۇئامىلە دوكلاتلىرىدىن سىرت، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارنىڭ جەسەتلىرىنى بەرمەسلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە.

قۇددۇس قانۇنىي ياردەم ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (JLAC)  تەرىپىدىن 2019-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتقا كۆرە، ئىسرائىلىيە قانۇنلىرى ھۆكۈمەتنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسەتلىرىنى «كەڭ كۆلەملىك قارشى قوزغىلاڭ پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە» قايتۇرماسلىق ۋە ئۇلارنى «مۇھىم سودىلىشىش قورالى سۈپىتىدە» قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن.

«2017-يىلى ئىسرائىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ دۆلەتنىڭ جەسەتلەرنى تۇتۇپ قىلىش ئۈچۈن قانۇنىي ئاساسى يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن ئەنسارى: 2019-يىلى يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھاماس بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرگەن ياكى يارىلاندۇرغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى تۇتۇپ قىلىش سىياسىتىنى يۈۈگۈزۈشنى تەستىقلىدى» دەيدۇ.

ئەمما بۇ سىياسەت خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنىڭ «تەۋە بولغان تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش» تەلىپىگە ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا خىلاپتۇر.

«ھېچقانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنمىگەن مەرھۇملارنىڭ ئائىلىلىرىنى قەستەن ۋە قانۇنسىز جازالاش، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنىڭ يەنە بىر ئېغىر دەپسەندىچىلىكى بولغان بىر خىل كوللىكتىپ جازالاشنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنداقلا، ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە قارىتىلغان رەھىمسىز، ئىنسانىيەتكە خىلاپ ياكى خورلىغۇچى مۇئامىلە دېگەنلىك بولۇپ، بۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ دەپسەندىچىلىكىدۇر»

 

ھازىر ئەلبۇرشنىڭ ئائىلىسى قىيىن-قىستاققا ئۇچرىماقتا

 

دوكتور ئەدناننىڭ ئايالى ئۇممۇ يازەن ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «مۇشۇ چاققىچە ئۇنىڭ مېيىتىنى ئالالمىدۇق، ئاللاھقا دۇئا قىلىمەنكى، نومۇرلۇق قەبرىستانلىققا كۆمۈلمىسۇن ياكى جەنۇبقا تاشلىۋېتىلمىسۇن. ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشالايدىغان ۋە شېھىت قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئاخىرقى مىنۇتلىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرەلەيدىغان شىمالغا قايتىشىنى خالايمەن» دەيدۇ ۋە ئېرىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.

ئىلگىرى پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارنىڭ تەشكىلاتى ئاددامىر ئۈچۈن ئىشلىگەن ئەنسارى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئونلىغان يىللاردىن بېرى يولغا قويۇلىۋاتقاننلىقىنى ۋە ئۆلگەن تەنلەرنىڭ ئادەتتە جەسەت ساقلاش ئۆيلىرىدە تۇتۇلىدىغانلىقى ياكى «نومۇرلۇق قەبرىستانلىق» قا كۆمۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. «90-يىللاردىن بېرى جەسىتى ساقلىنىۋاتقان بىر تۇتقۇن بار»

ئەنسارى: «بۇ بىر بېسىم بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر، بۇ، ئائىلىلەرنى جازالاش ۋە باشقىلارنى توسۇش ئۈچۈن» دەيدۇ.

ئەنسارى يەنە: «ئىسرائىلىيەلىكلەر ئېھتىمال كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنىمۇ يوشۇرماقچى» دەيدۇ. ئاددامىر بۇرۇن جەسەتلەرنى ساقلاش ئۇسۇلىنىڭ قانۇنسىز ئۆلتۈرۈشلەرنىڭ شارائىتلىرىنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان تەكشۈرۈشلەرنى توسقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەلبۇرشنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرقى 7 ئايدا ئاز دېگەندە 496 سەھىيە خادىمى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۈپ، جەمئىي 34 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.

 

غەززەدە ياتقان يېرىڭ ھوزۇرلۇق بولسۇن!

 

ئەلبۇرش غەززەنىڭ شىمالىدىكى جەبالىيەدە تۇغۇلغان. رۇمىنىيەدە مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇغان ھەمدە ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەدىكى دوختۇرخانىلاردا تىببىي تەربىيە ئالغان.

ئەبۇ سەتتاھ: «ئۇ ھەقىقەتەن ھاياتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىغان بىر شەخس ئىدى. خىزمەتكە كېلىشتىن بۇرۇن دېڭىزدا سۇ ئۈزۈش ئۈچۈن بالدۇر ئورنىدىن تۇراتتى، قىش ئايلىرىدىمۇ سۇ ئۈزەتتى، ناھايىتى روھلۇق كىشى ئىدى، ھەمىشە كۈلۈمسىرەيتتى» دەيدۇ.

2023-يىلى 14-نويابىر كۈنى ئەلبۇرش غەززەدىكى ئەڭ چوڭ سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى بولغان شىپا دوختۇرخانىسىداتەسىرلىك بىر كۆرۈنۈشنى سىنغا ئالدى. دوختۇرخانىنىڭ توك ۋە سۇ يوق ھالەتتە قانداق ئىشلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى دۇنياغا كۆرسەتتى.

ئەلبۇرش ئۈچۈن 8-ماي كۈنى سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى سۈپىتىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان لوندوندىكى پادىشاھلىق مەكتىپىنىڭ ئالدىدا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

تېگى پەلەستىنلىق ئامېرىكا پۇقراسى ئاتاقلىق پروفېسسور سامى ئەلئارىيان «دوختور ئەدنان ئەلبۇرش پەلەستىنلىكلەرنىڭ تارتقان ئازابلىرىنىڭ، ھەمدە ئىرادە ۋە جاسارەتنىڭ سىمۋولى ئىدى. ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى ئىنسانلارنى ساقايتىش ۋە داۋالاشقا بېغىشلىغان ئىدى» دەيدۇ.

ئەلئارىيان  «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا: «ئۇ، ئۇرۇش جەريانىدا بىر دوختۇرخانىدا سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى سۈپىتىدە ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاۋاتقاندا تۇتقۇن قىلىندى. پەلەستىنلىكلەرنىڭ <ھەق - ھەقلىرىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقى> ۋە تاكى مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگۈچە ئىسرائىلىيە بېسىمىغا قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن ئىشەنچ ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ھاياتىدىن ۋاز كەچتى» دېدى.

ئەنگلىيە پۇقراسى پەلەستىنلىك ئاكادېمىك ۋە ئانالىزچى كامىل ھاۋۋاش: «ئۇ كاتتا دوختۇر ئىدى، مەن سۆزلەشكەن ھەر تۈرلۈك ئادەملەر ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى بىر ئىنسان ئىدى» دەيدۇ.

ھاۋۋاش «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا: «بۇ پەقەت ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى ئىنسان ئورنىدا كۆرمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ» دېدى.

ھاۋۋاش ئىسرائىلىيەنىڭ ئەلبۇرشنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىگە بېرىشنى رەت قىلىشىنىڭ پەلەستىنلىكلەردىن «ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ھاۋۋاش بىر كۈنى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە باشقا ئىسرائىلىيەلىك رەھبەرلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارشى سادىر قىلغان جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن لاھېيدە ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە سوتلىنىشىنى كۆرۈشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە.

ئىسرائىلىيە پۈتۈن زۇلۇملىرىغا قارىماي غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى تاشلاپ كەتمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلمىدى، ئەلبۇرشنىڭ ھاياتىمۇ بۇنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر.

غەسسان ئەبۇ سەتتاھ: «گېرمانىيە، ئىئوردانىيە ۋە ئەنگلىيەدە ئوقۇغان شەخس سۈپىتىدە دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئاسانلا خىزمەت تاپالايتتى، لېكىن 2021-يىلى ئۇرۇش جەريانىدا ئۇنىڭدىن ‹قايتىپ كەلگىنىڭگە پۇشايمان قىلدىڭمۇ› دەپ سورىغىنىمدا، ئەلبۇرش ھاياتىنى غەززەدىن باشقا بىر يەردە ئۆتكۈزۈشنى خىيال قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى» دەيدۇ.

TRT Global'ni bir nazar bilan qarang. Fikrlaringizni bo'lishing!
Contact us