ستارمېر پەقەت ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ خىتابنامىسىگە قارشى چىقىپلا قالماستىن، يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان خەلقنىڭ 70 پىرسەنتىنىمۇ كۆزگە ئىلمايۋاتىدۇ.
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى كېير ستارمېر ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەنئەنىۋى جەھەتتىن ئۇرۇشقا قارشى پوزىتسىيە تۇتۇشىغا قارىماي، بىرقانچە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا تونى بلەيرنىڭ 2003-يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىراق ئىشغالىيىتىنى قوللىغىنىغا ئوخشاش ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان رەھىمسىز ئۇرۇشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تەرىپلەشتىن باش تارتماقتا.
Ipsos شىركىتى ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى راي سىناش تەكشۈرۈشىگە كۆرە، ستارمېر ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ 73 پىرسەنتىنىڭ شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشنى قوللايدىغانلىقى ۋە خەلقنىڭ 60 پىرسەنتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشتا ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئويلىشىغا قارىماي، ئاممىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كۆز قارىشىنى نەزەرگە ئالماي بلەير دەۋرى سىياسەتلىرىنى تەكرارلىماقتا.
جامائەت پىكرى بىلەن ھۆكۈمەت سىياسىتى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ روشەن پەرق، بىرىتانىيەنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلامدۇ ياكى چەت ئەللىك ئاكتىيورلارنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلامدۇ دېگەن مەسىلىدە جىددىي گۇمان پەيدا قىلماقتا.
جامائەت پىكرى: ساغلام پىكىرنىڭ ياڭراق ئاۋازى
ئىشچىلار پارتىيەسى سايلىغۇچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ستارمېر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىيانەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلىشماقتا. YouGov شىركىتىنىڭ فېۋرال ئېيدا ئېلان قىلغان دوكلاتىغا كۆرە، ئىشچىلار پارتىيەسى سايلىغۇچىلىرىنىڭ 83 پىرسەنتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى خالايتتى.
ئىشچىلار پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ پارلامېنتتا ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى قوللاشنى رەت قىلىشى ۋە ئارقىدىنلا 2023-يىلى نويابىردا بىرقاتار پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى سايلىغۇچىلارنى ئۆزىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋەتتى.
ستارمېر رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئىسرائىلىيەگە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىدىغان جاسارەتتىن مەھرۇم بولۇشى، بىرىتانىيەلىكلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى بارغانسېرى كۆپرەك تونۇپ يېتىشىگە ۋە خەلقنىڭ 40 پىرسەنتىنىڭ ستارمېر ۋە ئىشچىلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئوتتۇراھال دەپ باھالىشىغا سەۋەب بولماقتا.
خەلقنىڭ 35 پىرسەنتى ستارمېرنىڭ خىزمىتىدە ناچار ئىكەنلىكىنى ئويلىغاچقا، نارازىلىقلار بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا.
يىغىپ ئېيتقاندا، دۆلەت يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارغا سەھنە بولدى. كوچىلاردىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن شوئارلار «<ئىسرائىلىيەگە) قورال سېتىش توختىتىلسۇن»، «ھازىرلا ئۇرۇش توختىتىلسۇن» ۋە «پەلەستىندە ئادالەت بەرپا قىلىنسۇن» دىن ئىبارەت ئىدى.
بۇ نامايىشلار ئېغىشنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە ئوخشىمىغان سىياسىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت تەجرىبىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تەستىقىنىڭ نامايەندىسى ئىدى.
ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەسى: خەلق بىلەن ئەمەس، ئىتتىپاقداشلار بىلەن ماسلىشىش سىياسەتلىرى
ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ خىتابنامىسىدە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ «ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان ھوقۇقى» ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. پارتىيە يەنە كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئارقىلىق ھەل قىلىش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.
ئەمەلىيەتتە بولسا ئىشچىلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتى ب د ت دا دىپلوماتىك بىتەرەپلىك، قورال سېتىش ۋە نۇرغۇن خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تەرىپلىگەن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن قورشاۋ ئاستىدىكى پەلەستىنلىكلەردىنمۇ بەكرەك ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش ماشىنىسىنى قوللايدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويدى.
ئەنگلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا ئۇرۇش توختىتىش قارارلىرى ھەققىدە داۋاملىق بىتەرەپ تۇرۇشى، دۇنيا مىقياسىدا ئادالەت نىدالىرى كۈچەيگەندە دۆلەتنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىن چەتكە قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا.
ئىسرائىلىيەنىڭ «ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن كۆپلىگەن پۇقرالارنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ» شەكلىدىكى ئورۇنسىز دىپلوماتىك چۈشەنچىسى ھەممە يەردە رەت قىلىندى. ئەنگلىيە پۇقرالىرىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دەيۋىد لاممى ئىسرائىلىيەگە 350 قورال سېتىش رۇخسىتىدىن 30 نىڭ توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما بۇ قەدەم ئاممىنى قايىل قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىدى. چۈنكى بۇ، كۆز بويامچىلىق، دەپ قارالدى.
ئىختىلاپ ھالىتىدىكى پارلامېنت
غەززەدە ئېقىۋاتقان قاننىڭ قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلىرى نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە سىياسەتلىرى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا تۈرتكە بولدى. ئىسپانىيە، نورۋېگىيە ۋە ئىرېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى، ھەمدە ئامېرىكا بىلەن سادىق ئىسرائىلىيە تەرەپدارى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى مۇرەسسەلىشىشنى خالىمايدىغان ئېڭىغا بويسۇنۇشنىڭ ئورنىغا، پەلەستىن ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىدىغان دۇنياۋى نىدالارغا ماسلىشىدىغان باشقا بىر يولنى تاللىدى.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى تۈپەيلى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە غەززەگە قاراتقان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان دۇنياۋى تىرىشچانلىقلارغا ھەمدەم بولۇش جەھەتتىكى ئىستەكسىزلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەم ئىچكى جەھەتتە ھەم تاشقى جەھەتتە ئابرويىغا زىيان يەتكۈزمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، تۈرلۈك توقۇنۇشلاردا بىتەرەپ ۋاسىتىچى سۈپىتىدە ئوينىيالايدىغان مۇرەسسەچىلىك رولىمۇ گۇمانلىق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.
YouGov EuroTrack شىركىتىنىڭ 2024-يىلى 10-ئايدا ئېلىپ بارغان راي سىناش تەكشۈرۈشى نەتىجىسى، غەربىي ياۋروپالىقلارنىڭ ئىران بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ھالىتىدىمۇ ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەم قىلىشقا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئەنگلىيە خەلقىمۇ بۇ ھەقتە ئوخشاش ھېس-تۇيغۇلارنى نامايان قىلدى. بۇ مۇھىم ئۆزگىرىش ئىسرائىلىيەنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئادالەتنى قوغدىيالمايدىغان ۋە ئىسرائىلىيەدەك ئاسىي كۈچنى تىزگىنلىيەلمەيدىغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنىمۇ ئاشكارىلاپ قويدى.
ئەنگلىيەدە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچ خەۋپ ئىچىدە تۇرماقتا، ستارمېرنىڭ ھەرىكەتسىزلىكى ئۇنى خۇددى جاھىللارچە مۇسۇلمانلاردىن نەپرەتلىنىدىغان ۋە دۈشمەنلىك قىلىدىغان رادىكال زىيونىست ۋە ئەسەبىي ئوڭچىل كۈچلەرنى خالىمىغان ھالدا بىر يەرگە جەم قىلغانلىقتىن، تېخىمۇ كۆپ ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلماسلىق جەمئىيەت پۈتۈنلۈكىگە ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان شەكىلدە ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
ھازىرچە ستارمېر ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە سادىق خان ۋە ئەندى بۇرنھام قاتارلىق شەھەر باشلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشچىلار پارتىيەسى ئەزاسى شەخسلەردىن باشقا، يەنە شوتلاندىيە ئىشچىلار پارتىيەسى رەھبىرى ئەنەس سارۋار قاتارلىق 50 پارلامېنت ئەزاسى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن رەھبەرلەرمۇ ئالدىنقى يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان تېلېفونلىرىمىزدا داۋاملىق نەق مەيداندىن تارقىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆرۈنۈشلىرى ئالدىدا غەزەپلىنىپ، ئۆزىنى بىچارە ۋە ئاجىز ھېس قىلماقتا.