سۇدان ئاۋغۇست ئېيىنىڭ باشلىرىدا «خولېرا يۇقۇمى» نى رەسمىي ھالدا «ۋابا» دەپ جاكارلىدى.
سۇدان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ دۆلەتتە ئاۋغۇست ئېيىدىن بۇيان 1205 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 44 مىڭ 729 ئادەم «خولېرا يۇقۇمى» بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
مىنىستىرلىق سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەرقايسى ئۆلكىلەردە 43 كىشىنىڭ «خولېرا يۇقۇمى» بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈردى.
«خولېرا يۇقۇمى» خارتۇم، ئەلجەزىرە، ئەلقادارىف، كاسسالا، نىل دەرياسى، شىمالىي ئۆلكە، ئاق نىل ۋە سەننار قاتارلىق سۇداننىڭ 18 ئۆلكىسىدىن 11 ىگە تەسىر كۆرسەتتى.
سۇدان ئاۋغۇست ئېيىنىڭ باشلىرىدا «خولېرا يۇقۇمى» نى رەسمىي ھالدا «ۋابا» دەپ جاكارلىدى. ئادەتتە بۇلغانغان سۇ ئارقىلىق تارقىلىدىغان باكتېرىيەلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان «خولېرا يۇقۇمى»، ئېغىر ئىچ سۈرۈش ۋە ئۇساشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر دەرھال داۋالانمىسا بىرقانچە سائەت ئىچىدە ئۆلۈم خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
«خولېرا يۇقۇمى» سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار قوزغىغان تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرىغا چىقتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە سۇدان دائىرىلىرىنىڭ مۆلچەرلىرىگە قارىغاندا، 2023-يىلى ئاپرېلدا باشلانغان زوراۋانلىق 20000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە 14 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.