ت ر ت گىلوبالنىڭ سىزگە تەقدىم قىلغانلىرىدىن پايدىلىنىڭ. پىكىر بېرىشىڭىزنى ۋە ئانالىزلىرىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
مەدەنىيەت
4 مىنۇت ئوقۇش
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
دىنىي ۋە مەدەنىي مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك يىللىق مۇنازىرىلەر، 1924-يىلى خەلىپىلىك دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن خەلىپىلىك تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنىشىغىچە بولغان بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئوسمانلى پادىشاھلىرىنىڭ ھۇزۇرىدا ئېلىپ بېرىلغان.
دىنىي ۋە مەدەنىي مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك يىللىق مۇنازىرىلەر، 1924-يىلى خەلىپىلىك دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن خەلىپىلىك تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنىشىغىچە بولغان بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئوسمانلى پادىشاھلىرىنىڭ ھۇزۇرىدا ئېلىپ بېرىلغان.
Maqolani ijro etish
Your browser does not support the audio element.
ھەمبەھرىلەڭ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
سىياسەت
تۈركىيە
مەدەنىيەت
تەپسىلىي خەۋەر
پىكىر-مۇلاھىزىلەر
تۈرك دۇنياسى
خەلقئارا
ئىقتىساد
ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيە
تەنتەربىيە
7 saat əvvəl
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ 600 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرۈشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىن بىرى، ئىمپېرىيەنىڭ ئىسلام دىنىنى دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى سۈپىتىدە قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشى ئىدى. تۈرك ھۆكۈمدارنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تېررىتورىيەسى 1517-يىلى ئابباسىيلار سۇلالىسىدىن خەلىپىلىكىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە كېڭەيدى، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي مەسىلىلەردە ئۆلىمالارنىڭ بىردەك قارىشىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەردى.
شۇنداق قىلىپ، 1759-يىلىغا كەلگەندە «ھۇزۇر-ى ھۇمايۇن مۇنازىرىلىرى» دەپ ئاتالغان ئىلمىي مۇنازىرىلەر كەڭ ئومۇملاشتى. رامىزان ئېيىدا ئوسمانلى پادىشاھىنىڭ ھۇزۇرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ مۇنازىرىلەر، ئۆلىمالار ھەر خىل قۇرئان ئايەتلىرىنى تەپسىر قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا ئاڭلىغۇچىلار ئۆلىمالاردىن سوئاللارنى سورايدىغان ئىلمىي سورۇن ئىدى.
يىللىق ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى ئادەتتە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي مەركىزى بولغان توپقاپى سارىيىدا ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇ ئەنئەنە تاكى 1924-يىلى خەلىپىلىك تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانغا قەدەر ئۇدا 165 يىل داۋاملاشتى.
سەزگۈر دىنىي مەسىلىلەردە مۇنازىرىلەرنى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىش پىكرىنىڭ تارىخى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىگىچە سوزۇلىدۇ. پادىشاھلار ئىلمىي ۋە دىنىي ھاياتنى جانلاندۇرۇش، دۆلەت ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىسلامىي قىممەت-قاراشلارنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆلىمالار ۋە دىنىي يېتەكچىلەر بىلەن تۈرلۈك يىغىنلارنى ئۆتكۈزەتتى.
شۇ ۋەجىدىن، ئوسمانلى پادىشاھلىرى ئۆز دەۋرلىرىدىكى مەشھۇر ئۆلىمالارنى سارايلىرىغا تەكلىپ قىلىشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرەتتى. ھەتتا بەزىلىرىنى خۇسۇسىي ئۇستاز سۈپىتىدە قوبۇل قىلاتتى.
1451 - 1481-يىللىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى مىسلىسىز ھەربىي زەپەرلەر بىلەن باشقۇرغان فاتىھ سۇلتان مەھمەد (2-مەھمەد)، ئۆلىمالار ئارا مۇنازىرىلىشىش ئەنئەنىسىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە يەتكۈزدى، بۇ مۇنازىرىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئىشتىراكچىلارنىڭ قاتنىشىشىنى كاپالەت ئاستىغا ئالدى، ھەمدە ئوسمانلى جەمئىيىتىدە دىنىي ۋە ئىلمىي پىكىرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەردى.
ئۇنداقتا، ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى قانداق ئېلىپ بېرىلاتتى؟
پېشىن ۋە ئەسىر نامازلىرى ئارىلىقىدا بىرىنچى مۇنازىرىگە كەم دېگەندە ئالتە ئۆلىما قاتنىشاتتى.
بۇ مۇنازىرىلەر پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن «ھۇزۇر-ى ھۇمايۇن مۇنازىرىلىرى» دەپ ئاتىلاتتى.
تارىخ مابەينىدە بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىق ۋە رەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەر ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.
ھۇزۇر مۇنازىرىلىرىدە دەرس ئۆتىدىغان ئۆلىمالار «مۇقەررىر» (بىر تېمىنى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرگۈچى ئالىم) دەپ ئاتىلاتتى، مۇنازىرىلەرنىڭ پايدىلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، مۇنازىرە قىلىدىغان ئۆلىملار بولسا «مۇخاتەب» دەپ ئاتىلاتتى. ھەر بىر مۇقەررىر ئۈچۈن بەش مۇخاتەب بولاتتى. ئەمما، مۇنازىرىلەرنىڭ سانى، كۈنلىرى، سائەتلىرى ۋە داۋاملىشىش ۋاقتى بەزىدە كۆپىيىپ، بەزىدە ئازىياتتى.
بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى پەتىۋا چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەڭ ئالىي ئىسلام قانۇن ئورگىنى بولغان شەيخۇلئىسلام مەھكىمىسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلاتتى. يىللىق مۇنازىرە پائالىيىتىدە تەپسىر قىلىنىدىغان سۈرىلەر ۋە ئايەتلەر، رامىزاندىن 15 كۈن بۇرۇن شەيخۇلئىسلام مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىناتتى. ئاندىن، ئۆلىمالار مۇنازىرە پائالىيىتىدە سورايدىغان سوئاللىرىنى تەييارلايتتى.
مۇنازىرىلەر پۈتۈنلەي ئىلمىي ئەركىنلىك مۇھىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلاتتى. بىر ئايەت مۇقەررىر تەرىپىدىن ئوقۇلۇپ، تەپسىر قىلىناتتى، ئاندىن مۇخاتەبلەرنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلەتتى. پادىشاھ دەرسلەردىن تارتىپ مۇنازىرىلەرگىچە ھەممىنى ئاڭلايتتى. نۇرغۇن ئۆلىمالار دەرس بېرىش ۋە مۇنازىرە قىلىشتا 13-ئەسىردىكى پارس قانۇنشۇناسى، تېئولوگ ۋە تەپسىرشۇناس ئۆلىما قازى بەيزاۋىنىڭ ئەسەرلىرىگە ئاساسلىناتتى.
بۇ پائالىيەتنى بۇنچىلىك مۇھىم قىلغان ئامىل بولسا، ئۆلىملارنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنى ھەدىس (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى)، فىقىھ (ئىسلام دىنىنىڭ كۈندىلىك ھاياتتتىكى دىنىي، ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي بەلگىلىمىلىرى) نى تارىخىي ۋە جۇغراپىيەلىك مۇھىتقا ئاساسەن تەپسىر قىلىشى ئىدى. بۇ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە ھەم ئەقلىي ھەم روھىي پىكىرلىشىشنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرغان سەمىمىي ۋە زېھنىي جەھەتتىكى سەزگۈر بىر پائالىيەت ئىدى.
ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى ئۆلىمالىرىنىڭ پادىشاھتىن سوۋغا-سالاملار بىلەن مۇكاپاتلىنىشى كەڭ ئومۇملاشقان ئادەت ئىدى.
مۇنازىرىلىشىش – دەرس ئۆتۈش سورۇنلىرى بىۋاسىتە پادىشاھ تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى. بۇ سورۇنلاردا مۇقەررىر پادىشاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇراتتى، مۇخاتەبلەر بولسا مۇقەررىرنىڭ يېنىدا يېرىم چەمبەر شەكلىدە ئولتۇراتتى.
مۇنازىرە – دەرس ئاڭلاش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا قالىدىغان ئەر – ئاياللارنىڭ ئىسىملىرى پادىشاھ تەرىپىدىن تەستىقلىناتتى.
پادىشاھ 2 - ئابدۇلھەمىد خان دەۋرىدە، مۇنازىرىلەر رامىزان ئېيىدا ھەپتىدە ئىككى كۈن يىلدىز سارىيىدا ئېلىپ بېرىلاتتى. بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سىياسەتچىلەرمۇ مۇنازىرىگە تەكلىپ قىلىناتتى.
سۇلتان ۋاھدەتتىن ۋە خەلىپە ئابدۇلمەجىد ئەپەندى دەۋرىدە مۇنازىرىلەر دولمابەھچە سارىيىدا داۋاملاشقان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى مۇنازىرە 1923-يىلى ماي ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا يىلدىز سارىيى كۇتۇپخانىسىدىن قالغان 20 دىن ئارتۇق مۇكەممەل قول يازما ۋە بېزەكلىك «ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى خاتىرىلىرى» بار.
بۈگۈنكى كۈندە، ماراكەش سۇلتانىنىڭ ھۇزۇرىدا رامىزان ئېيىدا ئۇسۇل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن خۇددى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى ھۇزۇر مۇنازىرىلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ مۇنازىرىلەر «ئەددۇرۇس ئەلھەسانىيە» نامى ئاستىدا ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا نەشر قىلىنماقتا. تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ئۆلىمالار بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنماقتا.
TRT Global'ni bir nazar bilan qarang. Fikrlaringizni bo'lishing!