تۈرك مەدەنىيىتى ۋە مىراس ۋەخپىسى بايانات ئېلان قىلىپ، مەھمۇد كاشغەرىي تەرىپىدىن 11 -ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئەرەبلەرگە تۈركچە ئۆگىتىش مەقسىتىدە يېزىلغان ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى «دىۋانۇ لۇغاتىت-تۈرك» ناملىق ئەسىرىنىڭ 950 يىللىق خاتىرە كۈنىنىڭ يۇنېسكونىڭ 2024-2025-يىللىق خاتىرە كۈنلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، مەزكۇر قارارنىڭ تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئورتاق تەكلىپى، ۋېنگىرىيە، ماۋرىتانىيە، ماراكەش، قاتار ۋە تاجىكىستاننىڭ قوللىشى بىلەن چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
تۈرك مەدەنىيىتى ۋە مىراس ۋەخپىسى رەئىسى ئاكتوتى رايىمقۇلوۋا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ: «دىۋانۇ لۇغاتىت-تۈرك پەقەت بىر لۇغەتلا ئەمەس، تۈرك تىللىرىنىڭ بايلىقىنىڭ، تۈرك ئەنئەنىلىرىدىكى ھېكمەتنىڭ ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ جانلىقلىقىنىڭ يەكۈنىدۇر. دىۋانۇ لۇغاتىت-تۈركنىڭ 950 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەقەت بىر خاتىرىلەش پائالىيىتىلا بولماستىن، مىسلىسىز تۈرك مىراسلىرىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچەيتىش چاقىرىقىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.