پۇتىن ئۇكرائىنادا يادرو قوراللىرىنىڭ «ئوتتۇرىغا چىقىشىنى» توسۇشقا ۋەدە بەردى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن پەيشەنبە كۈنى قاتتىق ئۇسلۇبتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەرب ئەللىرى ئۇكرائىناغا يادرو قوراللىرى يۆتكىگەن ئەھۋال ئاستىدا، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا قول ئىلكىدىكى بارلىق قورال – ياراغلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پۇتىن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇكرائىنادا يادرو قوراللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئەگەر ئۇكرائىنا غەربتىن يادرو قوراللىرى سېتىۋالسا، رۇسىيەنىڭ قول ئىلكىدىدىكى بارلىق كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قورال – ياراغلارنىڭ ھەممىسىنى – ئىشلىتىمىز، چۈنكى بىز ئۇكرائىنانىڭ بۇ پىلانىغا ھەرگىز يول قويمايمىز.»
ئۇ، كىيېۋ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولغان تەقدىردە، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىن قىلچە ئايانمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ بايانات، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان، ھەمدە بەزى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دائىرىلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى يادرو قوراللىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن خەۋەرلىرىدىن كېيىن كەلدى.
بۇ ئۆزگىرىش، رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشى توغرىسىدا ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە ۋە شەرقىي ياۋروپادا يادرو قوراللىرى بىلەن قوراللىنىشنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا خەۋپلىك بىر بىخەتەرلىك مەنزىرىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.