قازاقىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدىن رۇسىيەگە قاراشلىق چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى گروزنىيغا قاراپ ئۇچۇۋاتقان يولۇچىلار ئايروپىلانى قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ شەھىرى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايروپىلان قازاسىدا ھايات قالغانلارمۇ بار ئىكەن.
ئەزەربەيجان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يولۇچىلار ئايروپىلانى ھازار دېڭىزى ئۈستىدە جىددىي ئەھۋال سىگنالى بەرگەن، كېيىن قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ ئايرودۇرۇمىغا جىددىي قونماقچى بولغاندا چۈشۈپ كەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، كۆپ ساندىكى ئەزەربەيجان پۇقرالىرىدىن باشقا، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە رۇسىيە پۇقرالىرىدىن تەشكىل تاپقان 72 يولۇچى ئولتۇرغان ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان 25 كىشىدىن بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.