سىياسەت
5 مىنۇت ئوقۇش
يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى: ئىنسانىيەت ۋە يەر شارى ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى
يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ 1.5 گىرادۇستىن ئۆرلىشى ھەل قىلغۇچ چەك نۇقتىسىغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى: ئىنسانىيەت ۋە يەر شارى ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى
يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى: ئىنسانىيەت ۋە يەر شارى ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى
2025年2月25日

بۇ ئاپەتلەرنى دېڭىز سەۋىيەسىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى ۋە ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ بۇزۇلۇشىنى تېزلەشتۈرىدۇ. ئەجىبا بىز قايتۇرغىلى بولمايدىغان نۇقتىغا يېقىنلىشىۋاتامدۇق؟

2024-يىلى 29-ئۆكتەبىردە، ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىي-شەرقىدىكى ئاھالىلەر 220 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە ئاساسىي قۇرۇلمىلارغا كەڭ كۆلەملىك زىيان يەتكۈزگەن ۋەيران قىلغۇچى كەلكۈن بىلەن ئويغاندى.

بىر يىللىق يامغۇرغا تەڭ كەلگۈدەك قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ كەلكۈنلەر ياۋروپادا تۇنجى قېتىملىق ئەمەس، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئىسسىشى بىلەن يەر شارىغا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ۋە پات-پات زەربە بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈنمۇ ئاخىرقى قېتىمقىسى ئەمەس.

يەر شارىمىز مۇتەخەسسىلەر ئۇزۇندىن بۇيان ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ھەل قىلغۇچ چەك نۇقتىسىدىن ھالقىغان، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىقلىم ئۆزگىرىشلىرىنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە. يېقىنقى دوكلاتلار دۇنيا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنىڭ سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇنقى مەزگىل (1850-1900) گە سېلىشتۇرغاندا 1.5 گىرادۇستىن ئاشقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

بۇ ئۆرلەش ئاممىغا كىچىك كۆرۈنۈشى مۇمكىن، ئەمما دېڭىز يۈزى سەۋىيەسىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، تېخىمۇ كۆپ ۋە قاتتىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى شۇنداقلا زور كۆلەملىك بىيولوگىيەلىك خىلمۇخىللىقنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىقلىم كىرىزىسىنى تېزلىتىپ، ئىنسانىيەت ۋە يەر شارىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسىنىڭ كەلگۈسىنى تەھدىتكە ئۇچرىتىدىغان بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتى، پارنىك گاز مىقدارىنىڭ 2023-يىلى رېكورت سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ كەلگۈسى يىللاردا دۇنيا تېمپېراتۇرىسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بولغان كاربون قىش ئوكسىدى، ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان تېزلىكتە ئاتموسفېرادا توپلانماقتا ۋە پەقەت يىگىرمە يىل ئىچىدىلا 10 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاشقانلىقىنى نامايەن قىلماقتا.

بۇ ئېشىش ئاساسلىقى قېزىلما يېقىلغۇ چىقىندىلىرىدىن كېلىپ چىقماقتا. بۇ ئەندىشىلىك مەيىل يەر شارىمىزنىڭ قايتۇرغىلى بولمايدىغان نۇقتىغا يەتكەنلىكىنى ۋە يېقىنلىشىۋاتقان ئىقلىم ئاپىتىگە قاراپ تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە 2024-يىل ئەڭ ئىسسىق يىل بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كوپېرنىك پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئىقلىم ئۆزگىرىشى مۇلازىمىتى، 2024-يىلى 22-ئىيۇلنىڭ دۇنيا ئوتتۇرىچە كۈنلۈك تېمپېراتۇرىسىنىڭ رېكورت يېڭىلاپ 17.15 گىرادۇسقا يېتىشى بىلەن زامانىۋى تارىختىكى ئەڭ ئىسسىق كۈن بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا پەقەت يۇقىرى ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەڭ ئېغىر ھاۋارايى ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىيىش ئېھتىماللىقىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىدۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بەزى رايونلىرىدىكى بۇ يازلىق ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى، جەنۇبىي ياۋروپادىكى ۋەيران قىلغۇچى كەلكۈنلەر ۋە جەنۇبىي ئامېرىكادىكى قاتتىق ئورمان ئوت ئاپەتلىرى بار.

دۇنيادىكى ئىنسانلار بۇ ھاۋارايى ھادىسىلىرىنىڭ ئېغىر بەدىلىنى تۆلەۋاتىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەسىرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۈستىگە ئالماقتا. ئىمپېرىيال كوللېژ لوندوننىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقاتى، 2004-يىلدىن بۇيان 10 قېتىملىق ئىقلىم ئاپىتىدە 570 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يۇقىرى تېمپېراتۇرا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن 258 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغان 2011-يىللىق سومالى قۇرغاقچىلىقى بۇنىڭ جانلىق مىسالدۇر، ئەلۋەتتە.

يوقالغان دۆلەتلەر

مۇتەخەسسىلەر سانائەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى ۋە كونترول قىلىنمىغان گاز چىقىندىلىرىنىڭ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە دۇنيا تېمپېراتۇرىسىدا 2.7 گىرادۇسلۇق ئۆرلەشكە سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەمپىكىر.

بۇ ۋەھىمىلىك سېنارىيە دېڭىز سەۋىيەسىنىڭ كۆتۈرۈلىشى سەۋەبىدىن باڭلادېش، مالدىۋ ئاراللىرى ۋە مىسىرنىڭ ساھىل شەھىرى ئىسكەندەرىيە قاتارلىق پۈتۈن دۆلەتلەر ۋە ئاراللارنىڭ سۇ ئاستىدا قېلىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىلارنى بۇزىدۇ ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

ئەپسۇسكى، مۇھىت مەنبەلىرىنىڭ خاتا ئىشلىتىلىشى ۋە ئىنسان پائالىيەتلىرى تۈپەيلىدىن بۇ ئېغىر ھاۋارايى ھادىسىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىنسانلارغا مەنسۇپ.

مۇتەخەسسىلەر بۇ ھاۋارايى ھادىسىلىرىنىڭ تېزلىشىشىنى ئاتموسفېرادىكى پارنىك گاز مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىگە باغلىماقتا، بۇ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىدا روشەن كۆتۈرۈلۈشكە سەۋەب بولماقتا.

بۇ خەتەرلىك ئەھۋال، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېسنى يەر شارىمىزنىڭ قايتۇرغىلى بولمايدىغان نۇقتىغا يېقىنلاشقانلىقى ھەققىدە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇشقا ۋە بۇنى «ئىقلىم دوزىخى» غا ئوخشىتىشقا ئۈندىدى.

ئۇ يېشىل ئىقتىسادقا - تۆۋەن كاربونلۇق، ئۈنۈملۈك ۋە مۇھىت جەھەتتىن داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئىقتىسادقا - تېخىمۇ تېز ئۆتۈش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەرەققىي قىلغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر  ئارىسىدا، قېزىلما يېقىلغۇدىن ئۆتۈشنى تېزلىتىشقا مەركەزلەشكەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە نامرات دۆلەتلەرنىڭ چىقىندىنى ئازايتىشىغا ۋە دۇنيانىڭ ئىسسىشىنىڭ مۇقەررەر تەسىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش چاقىرىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋەدىلەر ۋە سىياسەتلەر

دۆلەتلەرنىڭ ئىقلىم ئۆزگىرىشىنىڭ ئەڭ ناچار تەسىرلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىسسىشنى 1.5 گىرادۇستىن تۆۋەن تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان پارىژ كېلىشىمى ۋەدىسىگە قارىماي، ۋەدىلەر بىلەن رېئال سىياسەتلەر ئارىسىدىكى ھاڭ يىلمۇ-يىل چوڭايماقتا. خەلقئارالىق ئىنكاسلار ئادەتتە قىيىنچىلىقنىڭ كۆلىمىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈمىدسىزلەندۈرگۈچى ۋە يېتەرسىز دەپ قارالماقتا.

يېقىندىكى بىر ئۈمىدسىزلىك، ئەزەربەيجاندىكى COP29 رەئىسلىكى تەكلىپ قىلغان مالىيە كېلىشىمى لايىھەسى بولدى. كېلىشىم سانائەت پائالىيەتلىرى تۈپەيلىدىن ئىقلىم كىرىزىسىدىن تارىخىي جەھەتتىن مەسئۇل بولغان باي دۆلەتلەرنى نامرات دۆلەتلەرنىڭ ئىقلىم ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 2035-يىلىغىچە يىللىق 250 مىليارد دوللار تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.

ئەمما بۇ تەكلىپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى، چۈنكى نىشان ئىقلىمغا ماسلىشىش ئۈچۈن ھەر يىلى زۆرۈر بولغان مۆلچەرلەنگەن 400 مىليارد دوللاردىن تۆۋەن ئىدى.

 

بۇ سىياسەتلەر پەقەت ئادالەتسىزلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بولۇپمۇ ئافرىقا ۋە كىچىك ئارال دۆلەتلىرى قاتارلىق قوغدىنىشقا ئامالسىز رايونلاردىكى مىليونلىغان كىشىنىڭ ھاياتى بىلەن قىمار ئوينىماقتا.

ئۈمىدلىك ھەل قىلىش چارىلىرى

ئىقلىم كىرىزىسىنىڭ ئەڭ ناچار تەسىرلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھازىرمۇ ئۈمىد بار. ب د ت نۆۋەتتىكى تېخنىكىلارنىڭ 2030 - ۋە 2035-يىلىغىچە چىقىندىلارنى زور دەرىجىدە ئازايتالايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر دۇنيا كاربون چىقىندىسىنىڭ 2030-يىلىغىچە 45 پىرسەنت تۆۋەنلىشى ۋە 2050-يىلىغىچە نۆلگە چۈشۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ئاساسلىق ھەرىكەتلەر دۆلەتلىك ماسلىشىش پىلانلىرىنى يولغا قويۇش، يېڭى قېزىلما يېقىلغۇ قۇرۇلۇشلىرىنى توختىتىش، قېزىلما يېقىلغۇ ئىشلىتىشنى 2030-يىلىغىچە 30 پىرسەنت ئازايتىش، تاش كۆمۈرنى 2040-يىلىغىچە باسقۇچلۇق بىكار قىلىش ۋە باي دۆلەتلەرنىڭ زۆرۈر بولغان مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەل قىلىش چارىلىرى يەنە كۆچەت تىكىش، قوغدىنىشقا ئامالسىز نوپۇسلارنى قوغداش، بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىلىرىنى ياخشىلاش ۋە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تونۇشنى ئاشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ نىشانلارغا يېتىش شەخسلەرنىڭ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە تەشكىلاتلارنىڭ كۈچلۈك ۋەدىسىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئىقلىم كىرىزىسى پەقەت بىر مۇھىت كىرىزىسىلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىنسانىيىتىمىز ۋە ھەمكارلىشىش ھەمدە كوللېكتىپ خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىمىزنىڭ بىر سىنىقىدۇر. بۈگۈن گۇۋاھچى بولۇۋاتقان ئاپەتلەر جىددىي ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ئويغىنىش چاقىرىقى بولۇشى كېرەك. ئەمدى سوئال مۇنداق:

بىز بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تەييارمۇ ياكى يەر شارىمىز قايتۇرغىلى بولمايدىغان نۇقتىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقاندا پاسسىپ كۆزەتكۈچىلەر بولۇپ قالامدۇق؟

TRT Global'ni bir nazar bilan qarang. Fikrlaringizni bo'lishing!
Contact us