تۈركىيەنىڭ بۇ چاقىرىقىنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى پۈتكۈل جاھانغا جاكارلىماقتا.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى دۇنيا تەرتىپىنى قايتا ئىسلاھ قىلىش دىيالوگىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە 20 دۆلەتتە زەنجىرسىمان خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇردى.
«تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىن» تېمىسى ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنلار، تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاممىۋى ئۇچۇر - ئالاقە مۇنبىرى پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئاۋىستىرىيە، شىۋېيتسارىيە، ۋېنگىرىيە، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كېيىن، سەيشەنبە كۈنى رىمدا داۋاملاشتى. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە بولسا ياۋروپانىڭ مۇھىم پايتەختلىرىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋىدېيولۇق بىر باياناتىدا، «جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغاننىڭ ‹دۇنيا بەشتىنمۇ چوڭ› دېگەن سۆزى، خەلقئارالىق تەرتىپنى ئادالەت ئاساسىدا قايتا ئورنىتىش نىشان قىلىنغان ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە سىگنالدۇر.»
بۇ يەردىكى ‹بەش›، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە خىتاينى كۆرسىتىدۇ.
بۇ تەشەببۇس تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى قايتا ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسىدە دۇنياۋى دىپلوماتىك باياناتلارغا تەسىر كۆرسىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يېتەكچىلىكىدە خەلقئارا ئورگانلارنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قايتا تەرتىپكە سېلىشنى ئىزچىل تۈردە تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.
ئەمدى قانداق قەدەملەر تاشلىنىدۇ؟
زەنجىرسىمان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىلىرى فېۋرال ئېيى بويىچە ئەنگلىيە، پولشا، بېلگىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە داۋاملىشىدۇ.
ئالتۇن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئورگانلىرى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ ئورنىتىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بىز پەقەت ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە پۈتۈن دىققىتىمىزنى بۇ مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرىنى تېپىشقىمۇ مەركەزلەشتۈرۈۋاتىمىز.
تۈركىيەنىڭ <كوللېكتىپ خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا بەرپا قىلىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىگە چىن دىلىدىن ئىشەنمەكتە.»
تۈركىيەنىڭ بۇ تەشەببۇسى، كۆپ تەرەپلىك ئورگانلارنىڭ دۇنيا مەسىلىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىشى – قىلالماسلىقىغا قارىتا تەنقىدلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بىر دەۋردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا.