پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدا مەسجىدى ئەقسادا ئىبادەت قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ سانىنى چەكلەش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىشغالىيەتچى كۈچلەرنى رامىزان ئېيىدا ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدى ئەقساغا كىرمەكچى بولغان كىشىلەرگە ھەر قانداق چەكلىمە قويماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
باياناتتا: «بۇ چەكلەش تەدبىرلىرى پۇقرالارنىڭ ئىبادەت ئورۇنلىرىغا كىرىش ھوقۇقى ۋە ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىق ۋە ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ.» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە: «بۇ تەدبىر ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ خەلقىمىزگە قىلغان تاجاۋۇزىنىڭ داۋامى ۋە ئىشغال قىلىنغان زېمىنلاردىكى، بولۇپمۇ مەسجىدى ئەقسادىكى مەۋجۇت سىياسىي، تارىخىي ۋە قانۇنىي ۋەزىيەتنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىدۇر. ئاخىرقى نىشان ئاۋۋال مەسجىدى ئەقسانى بۆلۈش، ئاخىرىدا ئۇنى ۋەيران قىلىپ، ئورنىغا ياسالما بىر ئىبادەتخانا سېلىشتۇر» دېگەنلەرنى قوشۇمچە قىلدى.
باياناتتا يەنە، پەلەستىنلىك پۇقرالارنىڭ ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋە ھىمايە قىلىش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ بۇ ئىشقا دەرھال ئارىلىشىشى تەلەپ قىلىندى.
12 -قانال تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ساقچى ئىدارىسى، شىن-بېت (شاباك) ئىچكى ئىستىخبارات مۇلازىمىتى ۋە ئىسرائىلىيە تۈرمە باشقارمىسى يىغىن چاقىرىپ، رامىزان ئېيىدا مەسجىدى ئەقسادا ناماز ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنى بىر قانچە مىڭ بىلەن چەكلەشنى قارار قىلغان.
قارارغا ئاساسەن، رامىزان ئېيىدا مەسجىدى ئەقسادا جۈمە نامىزىغا قاتنىشالايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 10 مىڭ كىشى بىلەن چەكلىنىدىكەن.
بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ ھەقتىكى ئاخىرقى قارارىنى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.