زۇلال سەما
ياش بىر بالا ئىستانبۇلنىڭ قەلبىدىكى يېپىق بازارنىڭ تارىخىي كارىدورلىرىدا، كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرىدىغان مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، ئاۋازلارنى ئاڭلاپ، پۇراقلارنى پۇراپ ئۆسمەكتە ئىدى. سومكا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىشخانىلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن تېرە پۇرىقى ھاۋانى قاپلاپ، ئىسرىق ۋە دورا-دەرمەكلەرنىڭ ئىپارسىمان پۇراقلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتەتتى. ھەر قەدەمدە سودىگەر ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ سەمىمىي سالاملىرى ياڭراپ، مېھماندوست ۋە سەمىمىي مۇھىت شەكىللەندۈرەتتى.
ھاقان ئۇغۇر ئەنئەنىلەرگە تولغان بۇ دۇنيا بىلەن تونۇشقاندا ئەمدىلا 10 ياشتا ئىدى. ئىستانبۇلنىڭ ھەر بىر دۇكىنى ۋە كوچىسىنىڭ بايقىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر ھېكايىسى بار ئىدى. 26 ياشتىكى ئۇغۇر TRT World غا: «مەقسىتىم كىشىلەرنىڭ بىر ئاز توختاپ ئويلىنىشىنى، سەنئەت ۋە سەنئەتنىڭ ئارقىسىدىكى تۇيغۇلارنىڭ قىممىتىنى بىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان بىر نەرسە ياساش ئىدى» دەيدۇ.
بىر زامانلار ئىستانبۇلدا يۈزلىگەن ئەنئەنىۋى ھۈنەرۋەن بار ئىدى؛ ھازىر يېپىق بازاردىكى ئىشخانىلار بىر زامانلاردىكى قايناق سودىنىڭ پەقەت سايىسىدىنلا ئىبارەت. مۇرەككەپ ۋە ئىنچىكە قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ ئورنىنى زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان روھسىز مەھسۇلاتلار ئىگىلىۋالدى. ئۇغۇرنىڭ ئەسەرلىرى «تىرىلىش: ئەرتۇغرۇل» ۋە «قۇددۇس فاتىھى سالاھىددىن ئەييۇبى» قاتارلىق مەشھۇر تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بىلەن دىققەتنى تارتتى. ئۇ بۇ تارىخىي تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۈچۈن 14-ئەسىرگە ئائىت قالقان، دۇبۇلغا ۋە قىلىچلارنىڭ مودېللىرىنى لايىھەلەشكە ياردەملەشتى.
ئەنئەنىۋى نەقىشلەش ھۈنىرىنىڭ ئۇستىسى بولغان ئۇغۇر، بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن، يۈز يىللار بۇرۇنقى چاغلاردىن داۋاملىشىپ كەلگەن ھۈنەرۋەنچىلىكنى ياشىتىشقا تىرىشىۋاتقان بىر ئوچۇم سەنئەتكارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇستىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ باشقا شەھەرلەرگە كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا يېپىق بازاردا ۋە ئەمىنئۆنۈنىڭ جەنۇبىدىكى چاقماقچىلار يوقۇشىدىكى 17-ئەسىردىن قالغان تارىخىي سودا سارىيى بولغان بۈيۈك يېڭى ساراي (Büyük Yeni Han) دا بۇ ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەڭ ياش سەنئەتكار ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
كونا شەھەرنىڭ قوينىدا
ئۇغۇر ھۈنەرۋەنچىلىككە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان بىر ئائىلىدىن كەلگەن. ئۇنىڭ سەنئەتكە قاراپ قىلغان سەپىرى بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئەكسىچە، بىر يېتەكچىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بىر سەپەر. ئۇ ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ھېكايىسى بىلەن داڭلىق ئۇرفادا تۇغۇلغان ۋە ھاياتىنىڭ دەسلەپكى بىر قانچە يىلىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. ئائىلىسى 2008-يىلى ئىستانبۇلغا كۆچكەندە، ئۇغۇر تەڭتۇشلىرىغا ئوخشاش ۋاقتىنى ئورتاكۆيدىن ئىستانبۇل بوغۇزىغا قاراش ياكى چاملىجا تۆپىلىكىدە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزمەي، دەرھال يېپىق بازارنى ماكان تۇتتى.
ئۇغۇر «ئىستانبۇلدىكى ئۈچىنچى كۈنۈمدىلا بازارغا بېرىپ بولغان ئىدىم» دەيدۇ؛ ئۇ ھېلىھەم شۇنچە ياش كۆرۈنىدۇكى، كىشىنى ئۇنى بىر يىگىت دەپ ئويلاپ قالىدۇ. قېيىن ئاكىسى ئىسمائىل بۈلبۈل ماھىر ھۈنەرۋەن ئىدى ۋە ئۇغۇرنى ئۆز سىخىغا ئالدى. ئۇغۇر ئۇ يەردە نەقىشلەش ۋە قىممەتلىك تاش-ياقۇتلارنى ئىشلەش قاتارلىق ئىنچىكە ۋە ئىنتايىن ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان ھۈنەرلەر بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشۇپ، سەنئەت سەپىرىنىڭ ئاساسلىرىنى سالدى.
تەڭتۇشلىرى سائەتلەپ پۇتبول ياكى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلارنى ئويناۋاتقاندا، ئۇغۇر مۇرەككەپ لايىھەلەر بىلەن چىن دىلىدىن بېرىلىپ مەشغۇل بولماقتا ۋە ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تەجرىبىلىك ھۈنەرۋەنلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى باشلىغانىدى. ئۇنىڭ سەنئەت سەپىرى يېپىق بازاردىكى بۇ دەسلەپكى كۈنلىرى يۈز يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تېخنىكىلارنىڭ ئۇستىلىرى ئارىسىدا باشلاندى.
يېپىق بازار ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بازاردىن تېخىمۇ كۆپ مەنىنى ئىپادىلەيتتى؛ بۇ يەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشاۋاتقان، نەپەس ئېلىۋاتقان بىر سىنىپقا ئوخشايتتى. ئۇغۇر: «ئۇ قاينام-تاشقىن كوچىلاردا خۇددى بىر ھېكايىنىڭ باش قەھرىمانىدەك مېڭىۋاتقانلىقىمنى ئەسلەيمەن. ھەر بىر سودىگەر، ھەر بىر دۇكان ئىگىسى مېنى تونۇيتتى. پەرى چۆچىكىدەك بىر مۇھىت بار ئىدى. يېڭى تېرە پۇرىقى، دېرىزىلەردىكى ئالتۇن رەڭلىك پارقىراشلار، بولقا ۋە ئىسكىنە ئاۋازلىرى... بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىگە ئىلھام بەخش ئېتىدىغان نەرسىلەر ئىدى» دەيدۇ.
ئۇغۇرنىڭ تۇتقان يولى ئادەتتىكىدىن سەل باشقىچە ئىدى. بالىلىق چاغلىرىنى سىرتتا ئويناپ ئۆتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا ماھىر ھۈنەرۋەن بولغان قېيىن ئاكىسىدىن ھۈنەر ئۆگىنىۋاتاتتى. ئەنئەنىۋى نەقىشلەش ھۈنىرى بىلەنمۇ ئۇنىڭ ياردىمىدە تونۇشقانىدى.
ئەنئەنە ۋە سەنئەتنى بىرلەشتۈرۈش
ئۇغۇرنىڭ ھەقىقىي قىزغىنلىقى ئوسمانلى مېتال نەقىشلەش سەنئىتىدىكى ماھارىتىدە نامايان بولدى. ئىسلام ئەنئەنىسىگە ئاساسلانغان بۇ ھۈنەر، ئىنچىكىلىك ۋە ئىجادچانلىق تەلەپ قىلاتتى. بۇ ھۈنەر، ئادەتتە تەبىئەت ۋە مەنىۋىيەتتىن ئىلھام ئېلىپ، گېئومېتىرىيەلىك شەكىللەر ياكى گۈل نۇسخىلىرىنى مېتال يۈزىگە نەقىشلەپ، مۇرەككەپ لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇغۇرنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرى ئاددىي بولسىمۇ، ئۆزى يۈز يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىلەرنى زامانىۋى چۈشەنچە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بۇ باي، مۇرەككەپ لايىھەلەرنى تېزلا تەجرىبىسىگە قوشۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئۇ يۈز يىللارغا سوزۇلغان تۈرك ۋە ئىسلام ھۈنەرۋەنچىلىك جەمئىيىتى ئەنئەنىسى بولغان ۋە ھۈنەرۋەنچىلىكتە ئەخلاقنى تەكىتلەيدىغان ئاھىلىك تەشكىلاتىنىڭ روھىدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئۇغۇر، ئۇستىسىنىڭ ئۆزىگە «ھۈنەرنىڭ 90 پىرسەنتى ئەخلاق، پەقەت 10 پىرسەنتىلا ئەجىر» دېگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ، ئۇ قەتئىي رىئايە قىلىدىغان بىر دەستۇر. بۇ پەلسەپە، ئۇنىڭغا نىسبەتەن نەقىشچىلىككە يۈزلىنىشىنىڭ ئۇل تېشى بولدى. ئۇ خىزمەت ئورنىدا، ھەرقانداق بىر پارچىنىڭ قىممىتىنىڭ پەقەت ئۇ پارچىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئىشلەپچىقارغان سەنئەتكارنىڭ خاراكتېرىدىمۇ ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ جەريان، تېخنىكىلىق ماھارەت بىلەن مەنىۋى ئىپادە ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ئورنىتىش جەريانى بولۇپ، ھەر سەنئەت ئەسىرىگە ئەخلاقىي مەقسەت تۇيغۇسى سىڭدۈرۈلىدۇ.
ئۇغۇرنىڭ سەنئىتى، پەقەت بىر ساھە بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇ ئۆزىنى مېتاللار مۇرەككەپ نۇسخىلار بىلەن بېزىلىدىغان بىر ھۈنەر بولغان قىممەتلىك تاش-ياقۇتچىلىق ساھەسىدىمۇ يېتىلدۈرگەن. ئۇ نەقىشلەش ۋە بېزەش ئىشلىرىنى بۇ شەكىلدە بىرلەشتۈرۈپ، زىننەت بۇيۇملىرى ۋە بېزەك پارچىلىرى قاتارلىق كۈندىلىك نەرسىلەرگە جان كىرگۈزەلەيدۇ.
ئۇغۇرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، پەقەت تېخنىكىلىق ماھارەتتىلا ئەمەس، بەلكى ھەر بىر ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىگە يوشۇرۇنغان. مەيلى تەپسىلاتى كۆپ بىر ئۈزۈك بولسۇن، ياكى مۇراسىم قىلىچى بولسۇن، ئۇ ھەر بىر تۈرگە تارىخ ۋە مەنىۋىيەت تۇيغۇسى بىلەن يۈزلىنىدۇ. كۆپىنچە رۇمى ۋە چىنتامانى قاتارلىق ئوسمانلى نەقىشلىرىدىن ئىلھام ئالىدۇ.
«ئەڭ تەسىرلىك ئەسەرلىرىم، لايىھەلىرى رېئاللىقتىن بەكرەك سىمۋوللۇق بولغان ئەسەرلەردۇر» دەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئوسمانلى لايىھە پىرىنسىپلىرىنىڭ، مۇكەممەللىكنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ساقلىنىشىنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئەنئەنىمىزدە، مۇكەممەلنى پەقەت ئاللاھنىڭلا يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز سەنئەتكارلار، ئۇ مۇكەممەللىكنى تېخىمۇ ئاددىي شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلىدۇ.
ئۇغۇر: «نەقىشلەش پەقەت ئاخىرقى 300 ياكى 500 يىلدىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىر ھۈنەر ئەمەس. ئۇنى ئىنسانىيەت تارىخى بىلەن تەڭداش دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ھۈنەرنىڭ يىلتىزلىرىنى قەدىمكى ئۆڭكۈر رەسىملىرى، تاش نەقىشلىرى ۋە ھەتتا مىسىر يازمىلىرىدا كۆرەلەيسىز. ئىز قالدۇرۇش، بىر نەرسىنى خاتىرىلەش تەبىئىتىمىزدە بار. مەن ئىشلىتىدىغان قوراللارمۇ مىڭ يىل بۇرۇنقىدەك ناھايىتى ئاددىي. پەقەت بىر بولقا ۋە ئىسكىنە ئىشلىتىمەن، زامانىۋى تېخنىكا يوق. بەزىدە ئىشنىڭ مۇرەككەپلىكىگە باغلىق ھالدا بىر چىش چۆپىمۇ قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ» دەيدۇ.
بۇ پەلسەپە، بولۇپمۇ باشقا دۇنيالارغا تەۋە قىلىپ كۆرسىتىلگەن قۇشلار، گۈللەر ۋە ساماۋى لايىھەلەر قاتارلىق قەدىمىي سەنئەت شەكىللىرى ئىشلەنگەن ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇغۇر يەنە بۇ پەلسەپە تۈپەيلى دۇنيانىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى.
ئىستانبۇلنىڭ ھۈنەرۋەنچىلىك ئەنئەنىسى
ئۇغۇر، داڭلىق مىنا زىننەت بۇيۇملىرى لايىھەلىگۈچىسى بەرنا تۇرانجى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 300 يىلدىن بېرى جىمجىت ھالەتتە ساقلىنىپ كەلگەن سۈلەيمانىيە نەقىشچىلىك سەنئىتىگە قايتىدىن جان كىرگۈزدى. بۇ سەنئەت، ۋىيېنا ۋە ئوسمانلى گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئۆزگىچە يۇغۇرۇلۇشى سۈپىتىدە سۈلەيمانىيەدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى. بىر زامانلار سۈلەيمانىيەنىڭ قەلبىدە تەرەققىي قىلغان بۇ ھۈنەر، ئىستانبۇلنىڭ جانلىق ھاياتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى.
ئەمما سىخلارنىڭ 1970-يىللاردا رامى سانائەت رايونىغا كۆچۈپ كېتىشى بىلەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ ھۈنەر ئۇنتۇلغانىدى. بۇ يەردىكى تۇنجى تۈر بولغان قاپاقلىق مىس تەخسە، بىر دەۋرنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئەسەر ئىدى. تەخسىنىڭ قارىغاي كوزىكى شەكلىدە لايىھەلەنگەن تۇچ تۇتقۇچى قۇم قۇيۇش ئۇسۇلى بىلەن شەكىللەندۈرۈلۈپ، 24 ئايار ئالتۇن بىلەن قاپلانغان. سىر بىلەن ئىنچىكىلىك بىلەن قاپلىنىپ 900 گىرادۇستا پىشۇرۇلغان مىس يۈزى، تارىختا بۇرۇن ياسالغان ئوخشاش مەھسۇلاتلارنىڭ ئىنچىكىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەينەككە ئوخشاش چاقناپ تۇرىدىغان بىر پارقىراقلىققا ئېرىشكەن. ئۇغۇر: «300 يىلدىن بېرى ھېچكىم بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالمىدى. بىز، ئەسلىدىكى ھالىتى بىلەن قايتا جانلاندۇردۇق» دەيدۇ.
داۋىنچىدىن سەزگىنگە ئىلھام مەنبەلىرى
ئۇغۇرنىڭ ئەڭ دىققەت تارتقان ئەسەرلىرىدىن بىرى، ئىستانبۇل پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 250 يىللىقى ئۈچۈن لايىھەلىگەن چوڭ كۆلەملىك ئاسترولابىيە بولدى. «ئاسترولابىيە پەقەت بىر قورال ئەمەس؛ پەن ۋە سەنئەت ئارىسىدىكى بىر كۆۋرۈك ۋە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ئوقۇلغان بىر مەدھىيەدۇر» دەيدۇ ئۇ. 950 يىللىق بىر لايىھەنى ئىنچىكىلىك بىلەن قايتا ياسىغان ئۇغۇرنىڭ بۇ ئاسترولابىيەسى، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يېڭى مەنزىرە رايونىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسىرىگە ئايلاندى.
ئۇغۇر، ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچۈن ياسىغان ئەسەرلىرىنىڭ سىرتىدا، فۇئات سەزگىن يىلى ئۈچۈن 2019-يىلى كۇۋەيت تۈرك بانكىسى نامىدا چەكلىك ساندىكى بىر تۈركۈم ئاسترولابىيە لايىھەلىدى. بۇ ئەسەرلەر، ئىسلام پەن-تېخنىكا تارىخى ساھەسىدىكى داڭلىق ئاكادېمىك فۇئات سەزگىننىڭ خاتىرىسىنى ياد ئېتىش مەقسىتىدە ياسالدى. ئۇنىڭ كۇۋەيت تۈرك بانكىسىنىڭ ئابرۇيلۇق خېرىدارلىرى ئۈچۈن ئىشلەپچىقارغان 150 قول ھۈنەر ئەسىرىنىڭ ھەر بىرى، ئىسلام ئەنئەنىسىنىڭ ئىلمىي مىراسىنى زامانىۋى ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن بىرلەشتۈردى.
ئۇغۇر: «بۇ ئەسەرلەر بىلەن، ئۆتمۈشكە ھۆرمەت بىلدۈرۈشنىڭ يېنىدا، بىلىمىمنى زامانىۋى ھۈنەرۋەنچىلىككىمۇ سىڭدۈرۈشنى خالىدىم» دەيدۇ. ئۇ، كەسپىي ھاياتىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان بۇ تۈر ئارقىلىق، ئىسلام مىراسىغا بولغان قىزغىنلىقىنى زامانىۋى سەنئەت بىلەن بىرلەشتۈردى.
ئىلھامىنى لېئوناردو دا ۋىنچى ۋە ۋىنسېنت ۋان گوگنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن ئالغان ئۇغۇر، كىلاسسىك ئۈنۈملەر (ئېففېكت) زامانىۋى ئىپادىلەر بىلەن مۇكەممەل شەكىلدە بىرلەشتۈرگەن بىر كۆز قاراشنى سۇنىدۇ. «دا ۋىنچىنىڭ ئەسەرلىرىگە قەۋەتمۇقەۋەت مەنە سىغدۇرۇش ئىقتىدارى، مەنمۇ ئەسەرلىرىمدە ئەكس ئەتتۈرۈشنى نىشان قىلغان بىر نەرسە» دەيدۇ ئۇغۇر.
بۇ پەلسەپە، ئۇنىڭ رېنېسسانس سەنئىتىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ماھىيىتىدىكى 'كۆزلەر يالغان سۆزلىمەيدۇ' توپلىمىنىڭمۇ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەنئەنىۋى تېخنىكىلارنى زامانىۋى گۈزەللىك قارىشى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئۇغۇر، كۈمۈش، مىس ۋە ئالتۇن قاتارلىق قىممەتلىك مېتاللار ئۈستىگە ماي بوياق بىلەن كۆز شەكىللىرىنى ئىشلەپ، ئۇلارنى سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئايلاندۇردى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھەر پارچە پەقەت بىر گۆھەرلا ئەمەس؛ بىر تۇيغۇنىڭ، بايان قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر ھېكايىنىڭ ئەكس ئېتىشى» دەيدۇ.
مىراسنى كەلگۈسىگە يەتكۈزۈش
26 ياشلىق ھاقان ئۇغۇر سىخىنى 2024-يىلى بۈيۈك ۋالىدە سارىيىدا ئاچتى. بىراق ئۇنىڭ WM Design ئىسىملىك سېخىغا بېرىش ئۈچۈن ئاۋۋال يېپىق بازارنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇغۇر ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇپ: «ساراي، ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن بىرىگە قارايدۇ» دەيدۇ.
تاش تاملار ۋە ئەگمە تاملارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتكەچ يەنە: «بەزىدە بۇ يەردە مەندىن بۇرۇن ئىشلىگەن ھۈنەرۋەنلەرنى ۋە مۇھىم شەخسلەرنى ئويلايمەن. ئۆزۈمنى ۋاقىت تونىلىدا سەپەر قىلىۋاتقان بىر نەقىشكاردەك ھېس قىلىمەن» دەپ قوشۇپ قويىدۇ. بۈيۈك ۋالىدە سارىيى ئىستانبۇلدىكى ئەڭ چوڭ سودا سارايلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىرەنە مۇنارى، سىرلىق بىر مۇھىت ۋە تارىخىي چوڭقۇرلۇق تەقدىم قىلىدۇ.
ئۇغۇر، ماكاننىڭ ئىمپېراتورلۇق تارىخىغا دائىر قىزىقارلىق بىر تەپسىلاتنى ئورتاقلىشىدۇ: «ئوسمانلى تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئاياللاردىن بىرى بولغان كۆسەم سۇلتاننىڭ بۇ يەردە، يىگىرمە ساندۇق ئالتۇنىنى يوشۇرغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بۇ چوڭ بايلىق دۆلەتكە قالغان.»
ئۇغۇر، تۇنجى خەلقئارالىق نەقىشلەش كۆرگەزمىسىنى 2017-يىلى ئەسكىشەھىردە ئۆتكۈزدى. 2019-يىلى ئىستانبۇلدىكى 350 يىللىق ھۆكۈمدار سارىيىدا ئىككىنچى كۆرگەزمىسىنى ئېچىپ، ئۆزى ياسىغان بۇيۇملارنى زىيارەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى. كېيىنكى كۆرگەزمىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئۇغۇر، پەقەت ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنىلا ئەمەس، ئۆگەنگەنلىرىنى قانداق يەتكۈزىدىغانلىقى ئۈستىدىمۇ ئويلانماقتا.
ئۇغۇر: «ھازىر 15 ئوقۇغۇچۇم بار، ئەمما تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بۇ ھۈنەرنى ئۆگىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ سەنئەت يۈز يىللاردىن بۇيان ھايات قالدى. بىزمۇ ئۇنى كەلگۈسى يۈز يىللارغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك» دەيدۇ.