سەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا نەچچە مىىڭ مولۇق دۆلەت باغچىسى كۆيۈپ كەتتى، بىر دېھقانچىلىك رايونى ئاھالىسى تارقاقلاشتۇرۇلدى. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بولسا، تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان ئوت يالقۇنىنى تىزگىنلەشكە تىرىشماقتا.
دۈشەنبە كۈنى كەچتە چۈشكەن چاقماقلار، ۋىكتورىيە ئىشتاتىنىڭ پايتەختى مېلبورننىڭ تەخمىنەن 300 كىلومېتىر (186 مىل) غەربىدىكى ئورمانلىق بىر تاغ تىزمىسى بولغان گرامپىئانس دۆلەت باغچىسىنىڭ بىر قانچە يېرىدە ئوت پائىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش دائىرىلىرى، ئىشتاتنىڭ غەربىدىكى لىتتلې دېسېرت دۆلەت باغچىسىدا تېز تارقىلىۋاتقان ئايرىم بىر ئوت ئاپىتىنىڭ 24 سائەتتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەخمىنەن 65,000 گېكتار (160,000 مو) يەرنى، باشقىچە ئېيتقاندا، چوڭلۇقى سىنگاپۇرغا تەڭ كېلىدىغان بىر رايوننى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ئوت، سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن تەھدىت دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىشتىن بۇرۇن دىمبولا يېزىسى ئاھالىسىنى تارقاقلىشىشقا مەجبۇرلىغانىدى.
جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى كومىسسارى رىك نۇگېنت مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ: «ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى ۋە يارىلىنىش ۋەقەسى مەلۇم قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدارمەن» دېدى.
ۋىكتورىيە دالا ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىدىن كىرىس ھاردمان، يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ھاۋارايىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ كېڭىيىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «ھازىر ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئاممىنى قوغداش ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەن بارلىق ئىشلارنى قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ» دېدى.
ۋىكتورىيەنىڭ ئۈستىدە ئىسسىق گۈمبەز
مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مۇتەخەسسىسلىرىدىن كېۋىن پاركىن، نەپەس ئېلىشنى قىيىنلاشتۇرىدىغان ئىسسىق ھاۋا دولقۇنىنىڭ شەنبە كۈنى ۋىكتورىيەنىڭ بەزى رايونلىرىغا كېڭىيىپ، ئوت ئاپىتى خەۋپىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «يېقىنقى يەتتە بىلەنئون كۈنگە قارىغىنىمىزدا، ئاساسلىق ئۇچۇرنىڭ ۋىكتورىيە ئۈستىدە ئىسسىق بىر گۈمبەزنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقىدۇر... ھەپتە ئاخىرىغا كىرگىنىمىزدە، پۈتۈن ئىشتات بويىچە ئىسسىق ھاۋا دولقۇنىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ كېلەر ھەپتە بويىچە داۋاملىق كۈچىيىدىغانلىقىنى كۆرسەك ھەيران قالماڭلار... زېمىن قۇرۇق ۋە بۇ ئىسسىق ھاۋا شارائىتى داۋاملاشسا، زېمىننى تېخىمۇ قۇرۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
تەتقىقاتچىلار يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ ئاۋسترالىيە مىقياسىدا بارغانسېرى ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بايقىدى؛ ئالىملار بۇ دائىرىدە، 1950-يىللاردىن تارتىپ دۆلەت مىقياسىدىكى ئوت ئاپەتلىرى سانىدا ھەددىدىن زىيادە ئېشىش بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
2019-2020-يىللىرىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن «قارا ياز» دالا ئوت ئاپەتلىرى 33 كىشىنىڭ ۋە مىليونلىغان ھايۋاننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان، كەڭ كەتكەن ئورمانلىق رايونلارنى ۋەيران قىلغان ۋە چوڭ شەھەرلەرنى قويۇق ئىس-تۈتەك قاپلىغان ئىدى.