كەركىدانلار دۇبۇلغىغا ئوخشاش تېرىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى 3500 كىلوگىرامغىچە يېتىدىغان، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، سائىتىگە 54 كىلومېتىردىن ئارتۇق تېزلىكتە يۈگۈرەلەيدىغان چاققان ۋە كۈچلۈك ھايۋانلاردۇر.
ھەجىم ۋە تېزلىكنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان قوش تەسىر، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاپتوموبىل ۋەقەسىنىڭ تەسىرىگە باراۋەر كېلىدىغان كۈچكە، تېخىمۇ ئېنىق قىلپ ئېيتقاندا، 3.5 توننىدىن ئارتۇق كۈچكە ئايلىنىدۇ.
ياۋايى تەبىئەت سىستېمىسىدا كەركىدانلار، شىرلاردىن ئون ھەسسە كۈچلۈك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ھەيران قالارلىق گېنېتىكىلىق تۈزۈلۈشكە ئىگە ھايۋاننى قوغدىلىدىغان جانلىقلار مۇھىتلىرىدىكى قانۇنسىز ئوۋچىلىق ئالدىدا ئەڭ مۇداپىئەسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغىنى زادى نېمە؟
كەركىدان مۈڭگۈزى قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانات بازىرىدىكى قىممەت باھالىق بۇيۇم بولغاچقا، تەشكىللىك قانۇنسىز ئوۋچىلىق تورلىرى بۇ ئاجايىپ ھايۋانلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن قوغداش تەدبىرلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈش جەھەتتە ماھىرلاشماقتا.
كېنىيەدىكى كەركىدان نوپۇسىنىڭ %30 ىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە بىر ياۋايى ھايۋانات قوغداش رايونىدىكى قانۇنسىز ئوۋچىلىققا قارشى كۈرەش ھازىر تېخنىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋە كۆپ قوللىنىشلىق قورالى بولغان سۈنئىي ئەقىلنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلماقتا.
دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش فوندى نەسلى تۈگەش گىردابىغا كېلىپ قالغان قارا كەركىدانلارنى قوغداش ئۈچۈن كېنىيە تېغىنىڭ ئېگىز يانباغرى بىلەن ئابېردارې تاغ تىزمىلىرىنىڭ چوققىلىرى ئارىسىدىكى جىلغىغا جايلاشقان سولىيوغا سۈنئىي ئەقىل سەپلەنگەن يىراقنى كۆرۈش ئۈسكۈنىسى بولغان لازىر نۇرلۇق تېرمال كامېرالىرىنى ئورناتتى.
بۇ ئۈسكۈنىلەر، قانۇنسىز ئوۋچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارالغان 49 مىڭ مولۇق قوغداش رايونى قاشا سىزىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
لازىر نۇرى دولقۇنلۇق تېرمال كامېرالىرى، شەيئىلەردىن تارقالغان لازىر نۇرى دولقۇنىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى سۈرەتكە ئايلاندۇرىدۇ.
بۇ ئارقىلىق كامېرالار قاراڭغۇدا، ئىس-تۈتەك، تۇمان ۋە قويۇق ئۆسۈملۈك قاتلىمى قاتارلىق ھەر خىل مۇھىت شارائىتلىرىدىكى تېمپېراتۇرا پەرقلىرىنى بايقىيالايدۇ.
دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش فوندى-كېنىيە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئاۋېر: «بۇ تېخنىكا كېنىيەدىكى كەركىدانلارنى قوغداشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئورۇنلاۋاتقان قوغدىغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرماقتا» دېدى.
قوغدىغۇچىلار سانى يېتەرلىك ئەمەس
دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش فوندىنىڭ ياۋايى ھايۋانات پىروگراممىسى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ياۋايى ھايۋانات تېخنىكىسى يېڭىلىق لابوراتورىيەسى مۇدىرى كولبى لوئۇكسنىڭ قارىشىچە، دۇنيا مىقياسىدىكى قوغدىغۇچىلار دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ سانىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ئىكەن.
«بۇ تېخنىكا ئارقىلىق 24 سائەت داۋامىدا بىر قانچە كىلومېتىرلىق رايون كۆزىتىلىۋاتىدۇ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ قوغدىغۇچىغا ئېھتىياجىمىز بار» دەيدۇ ئۇ.
تېخنىكىنىڭ تۆھپىسى بىلەن، ناچار ھاۋارايى شارائىتلىرىدا ۋە ئويمان-چوڭقۇر يەرلەردە چارلاش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىۋاتقان قوغدىغۇچىلار ئۈستىدىكى بېسىم زور دەرىجىدە ئازايدى.
لوئۇكس: «تېرمال كامېرالىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىر پۈتۈنلەشتۈرۈلگەن سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىغا ئىگە بولۇپ، سىزگە يېقىن ئەتراپتا ئىنسان بارمۇ ياكى ھايۋان بارمۇ، بۇنى دەپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، قوغدىغۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئەۋەتىدۇ» دېدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سولىيودا ئىككى نازارەت ئۆيى قۇرۇلغان بولۇپ، قوغدىغۇچىلار بۇ يەردىكى كامېرالاردىن كەلگەن نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىنى ھەپتىدە يەتتە كۈن، كۈنىگە 24 سائەت كۆزىتىدىكەن
سولىيو قوغداش رايونىنىڭ باشقۇرغۇچى مۇدىرى كېۋىن كارر-ھارتلېي: «لازىر نۇرى دولقۇنلۇق تېرمال كامېرالىرى ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىن سىرت، قوغدىغۇچىلارنىڭ ھاياتىنى قوغداشقىمۇ ياردەم قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇلارغا نېمە بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىدۇ» دېدى.
قەتئىيلىك ۋە جاسارەت
كېنىيە ياۋايى ھايۋانات مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ باش دىرېكتورى دوكتور ئېرۇستۇس كاڭگا، قوغداشنىڭ كوللېكتىپ تىرىشچانلىققا باغلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
«ئاخىرقى ئالتە يىلدىن بۇيان بۇ قوغداش رايونىدا بىرمۇ كەركىدان يوقاتمىدۇق. بۇ سولىيودىكى قەتئىي ئىرادە ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ» دېدى.
سۈنئىي ئەقىل ياردىمىدىكى كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ 2023-يىلى ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدىن باشلاپ، قوغداش رايونىدىكى قاشا سىزىقى بويىچە قانۇنسىز ئوۋچىلىققا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىق خاتىرىلەنمىدى.
دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش فوندى-كېنىيەدىكى كەركىدان پىروگراممىسىنىڭ كوئوردىناتورى جېفرى چېگې: «سولىيو، بىز لازىر نۇرى دولقۇنلۇق تېرمال كامېراسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللىغان كېنىيەدىكى ئۈچىنچى كەركىدان قوغداش رايونىدۇر. تۇنجى رايون 2016-يىلى ناكۇرۇ كۆلى دۆلەت باغچىسى بولغان ئىدى، ئاندىن 2020-يىلى ئول پېجېتا قوغداش رايونى قۇرۇلدى» دېدى.
مېرۇ دۆلەت باغچىسىنىڭ تۆتىنچى رايون بولۇشى كۈتۈلمەكتە. بۇ سىستېما قۇرۇلۇشقا باشلىغان سەككىز يىلدىن بۇيان قانۇنسىز ئوۋچىلىققا قارشى كۈرەش گۇرۇپپىلىرى بەزى ساۋاقلارنى ئالدى.
ئەڭ مۇھىم ساۋاقلارنىڭ بىرى، لازىر نۇرى دولقۇنلۇق تېرمال كامېرالىرىنىڭ ئۈچ كۈندىن ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىيەلىشى ئۈچۈن ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى ئەڭ مۇۋاپىق ھالەتكە كەلتۈرۈش كېرەكلىكى ئىدى.
چېگې «ت ر ت ئافرىقا» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «سولىيودا لازىر نۇرى دولقۇنلۇق تېرمال كامېرالىرىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىۋاتىمىز» دېدى.
.كەركىدانلارنى قوغداش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشماقتا
خەلقئارا تەبىئەتنى قوغداش بىرلەشمىسى شەرق قارا كەركىدانىنى ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ ئاستىدىكى تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزىدۇ.
1983-يىلى كېنىيەنىڭ قارا كەركىدان ھەرىكەت پىلانى تۈزۈلگەن چاغدا، 1000 كەركىداننى قوغداش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ كېتىش مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنەتتى.
چېگې: «شەرقىي ئافرىقا دۆلىتى 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 400 دىن ئاز بولغان قارا كەركىدان نوپۇسىنى ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيتىپ، مەزكۇر <مۇمكىن ئەمەسلىك>نى ئالاھىدە بىر ھەقىقەتكە ئايلاندۇردى» دېدى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «كېنىيەنىڭ 2037-يىلىغا قەدەر 2000 قارا كەركىدانغا يېتىش يولىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك غايىسىنىڭ يېرىمىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. 22-سېنتەبىر دۇنيا كەركىدان كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا، مەن بۇ مۇۋەپپەقىيەتنى دۆلەت مىقياسىدىكى بارلىق كەركىدان قوغداش گۇرۇپپىلىرىغا بېغىشلايمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.