رۇسىيە ساياھەت ئىشلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دمىترىي گورىن، بۇ يىل تەخمىنەن 30 مىليون رۇسنىڭ چەت ئەلگە ساياھەت قىلىدىغانلىقىنى، 2024 – يىلى رۇسلارنىڭ ئەڭ كۆپ تۈركىيەگە ساياھەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
گورىن پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ بۇ يىلقى ساياھەت ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئۇ، رۇسلارنىڭ چەت ئەلگە ساياھەت قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«رۇسلارنىڭ خەلقئارالىق ساياھەت قىلىشىغا قارىتىلغان نۆۋەتتىكى چەكلىمىلەرگە قارىماي، پۇقرالىرىمىزنىڭ چەت ئەلگە ساياھەت قىلىش نىسبىتى 20 پىرسەنت ئاشتى. رۇسلار ئەڭ كۆپ بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىغا ئىگە، ۋىزا تەلەپ قىلمايدىغان ياكى ئاددىيلاشتۇرۇلغان ۋىزا تۈزۈمىگە ئىگە دۆلەتلەرگە ساياھەت قىلماقتا.»
گورىن رۇسىيەدىن ھازىر 36 دۆلەتكە بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تەخمىنەن 29-30 مىليون پۇقرامىزنىڭ شەخسىي، خىزمەت ۋە ساياھەت قاتارلىق ھەر خىل مەقسەتلەر بىلەن چەت ئەللەردە زىيارەتتە بولۇشىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز.»
ئۇ يەنە، بۇ يىل تەخمىنەن 6 مىليون 700 مىڭ رۇسنىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ ساھەدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.