بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرى مەسىلەن، « New York Times گېزىتى» OpenAI شىركىتىنىڭ ماقالىلىرىنى سۆھبەت پىروگراممىلىرىنى تەربىيەلەشتە پايدىلانغانلىقى سەۋەبىدىن، OpenAI شىركىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى. Axel Springer، Associated Press ۋە News C قاتارلىق باشقا شىركەتلەر بۇ سۈنئىي ئەقىل شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى.
ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە رادىيو-تېلېزىيە ئورگانلىرى قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدى — ئۇلار يا سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ، ياكى مەزمۇنلىرىنىڭ باشقا يوللار بىلەن سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.
مۇردوك ئائىلىسىنىڭ كۆپ دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاستىلىرى شىركىتى News Corp OpenAI شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى شىركەت بولدى ھەمدە OpenAI شىركىتىنىڭ ChatGPT دە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب سۈپىتىدە خەۋەر مەزمۇنلىرىنى كۆرسىتىشىگە رۇخسەت قىلدى.
بۇ كېلىشىم ChatGPT ۋە باشقا سۈنئىي ئەقىل پىروگراممىلىرى، مەسىلەن تېكىست كۆرسەتمىلىرى ئارقىلىق رېئال ۋە ئىجادىي سىن ھاسىل قىلالايدىغان سۈنئىي ئەقىل مودېلى Sora نىڭ News Corp نىڭ كەڭ دائىرىلىك مەزمۇنلىرىدىن ئەڭ يېڭى ۋە ئارخىپلانغان مەزمۇنلارغا ئېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرى ۋە تېخنولوگىيە ماگناتلىرى بىلەن مۇخبىرلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش خەۋەرنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قانداق نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
OpenAI شىركىتىنىڭ يېڭى شېرىكلىكى ھەققىدە سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتى رەقەملىك ئالاقە ۋە مەدەنىيەت پىروفېسسورى ھەم ئاۋىستىرالىيە تەتقىقات كېڭىشى ئەزاسى تېررى فلېۋ «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«بۇ كېلىشىم News Corp نىڭ مەزمۇنلىرىنى سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئىشلىتىپ كىرىم قىلىشىنى چوقۇم كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، ئەمما OpenAI شىركىتىنىڭ بۇ كېلىشىم دائىرىسىدە تۆلىگەن پۇلى سانلىق مەلۇماتنىڭ قىممىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئانچە يۇقىرى ئەمەس.
OpenAI ۋە Google قاتارلىق باشقا شىركەتلەر ئۈچۈن، قانۇنىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش مەسىلىسى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن بىر خىزمەت مودېلىغا بولغان ئېھتىياج ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا.»
ھەر ئىككى شىركەتمۇ OpenAI شىركىتىنىڭ يېڭى كېلىشىمىنىڭ كىرىم – چىقىم مەسىلىسى جەھەتتىكى تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىمىدى، ئەمما News Corp قا تەۋە « Wall Street Journal گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، بۇ كېلىشىم بەش يىل ئىچىدە 250 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كېتىشى ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەسىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن نەق پۇل ۋە قەرز شەكلىدىكى تۆلەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
News Corp يەنە ئامېرىكادا MarketWatch ۋە « New York Post گېزىتى» نى؛ ئاۋىستىرالىيەدە The Daily Telegraph، news.com.au ۋە The Australian نى؛ ئەنگلىيەدە The Sun، The Sunday Times ۋە The Times نى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېزىتلەر ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرىنىڭ ساھىبىدۇر.
ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان كۆپ يىللىق كېلىشىم بۇ سۈنئىي ئەقىل شىركىتىنىڭ 29-ئاپرېلدىكى مەركىزى لوندونغا جايلاشقان « Financial Times گېزىتى» بىلەن سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەزمۇن ئىشلىتىش ھوقۇقى كېلىشىمى ئىمزالىشىدىن كېيىن تۈزۈلدى. باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرى Politico گۇرۇھىنىڭ باش شىركىتى بولغان Associated Press، ئىسپانىيەدىن Prisa Media ۋە فىرانسىيەدىن Le Monde مۇ ئوخشاش كېلىشىملەرنى تۈزدى.
كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ژۇرنالىستلىق مەكتىپىدىن سانلىق مەلۇمات ژۇرنالىستلىقى پىروفېسسورى جوناتان سوما «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«خەۋەر بىر سۈنئىي ئەقىل شىركىتىگە نىسبەتەن ساپ ئالتۇنغا ئوخشايدۇ. دەرۋەقە، خەۋەر ئىنسانلار تەرىپىدىن يېزىلىدۇ، سۆھبەت پىروگراممىلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالىدىغان ئۇچۇرلىرىدىنمۇ يېڭىدۇر، ھەمدە ئىشلەتكۈچىلىرى بىلمەكچى بولغان قىممەتلىك نەرسىلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرى بۇنداق قىممەتلىك بىر نەرسىنى ساتماقچى بولسا، چوقۇم باھانى بەك يۇقىرى بەلگىلىشى كېرەك.»
جوناتان سومانىڭ قارىشىچە، سۈنئىي ئەقىل مۇخبىرلىقنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغان، ئەمما مۇخبىرلىققا چاپلىشىۋالغان بىر پارازىتتۇر.
مۇخبىرلار بولمىسا كۈندىلىك ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت پىروگراممىلىرىنىڭ يازىدىغان نەرسىلىرى، ئېلان قىلىدىغان نەرسىلىرى ۋە جاۋاب بېرىدىغان نەرسىلىرى بولمايدۇ.
بۇ يەردىكى مەسىلە، بۇ شېرىكلىكلەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرىغا خەۋەر تەييارلاپ بېرىش ئۈچۈن كېتىدىغان تىرىشچانلىققا ماس كېلىدىغان كىرىمنى قولغا كەلتۈرۈپ-كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىدۇر. News Corp ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ دەپ ئويلىمايمەن، OpenAI شىركىتىنىڭ بۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى تۆلىگۈسى يوق دەپ قارايمەن.»
« New York Times گېزىتى» ۋە « Chicago Tribune گېزىتى» قاتارلىق نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى شىركەتلىرى ماقالىلىرىنى سۈنئىي ئەقىل تەربىيەلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبىدىن OpenAI شىركىتى بىلەن Microsoft شىركىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى.
ChatGPT غا ئوخشىغان سۈنئىي ئەقىل پىروگراممىلىرى، Microsoft شىركىتىنىڭ Copilot ۋە Google شىركىتىنىڭ Gemini پىروگراممىلىرى چوڭ تىل مودېللىرى (LLMler) نى ئىشلىتىپ، زور مىقداردىكى ئىنتېرنېت تېكىستلىرىنى ئانالىز قىلىدۇ ۋە بىر جۈملىدىكى كېيىنكى سۆزنى مۆلچەرلەيدۇ، بۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ پاراڭلىشىشى ۋە يېزىشىنى دوراش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ.
مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىلىرى تەتقىقات ۋە سىياسىي تەپەككۇر ئورگىنى بولغان مېدىيا ۋە ژۇرنالىستلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى مارىيۇس دراگومىر، سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان رادىيو-تېلېزىيە ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرى ئۈچۈن تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ، شۇنداقلا بۇنداق ھەمكارلىقلارنىڭ سودا جەھەتتىن مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلىگەن بولسىمۇ، بارلىق مەزمۇنلارنىڭ يۇقىرى سۈپەت ۋە توغرىلىق ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
دراگومىر «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا، ئاخبارات ۋاستىلىرى كەسپىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم تەڭسىزلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇنىڭ بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى بازارلىرىدا «ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان» تېخىمۇ كۆپ بىر تەرەپلىمە خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«مەزمۇنلارنىڭ بەزىلىرى چوڭ كۈچكە ئىگە بولسا، يەنە بەزىلىرى ھۆكۈمەت قوللىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تارقاتقان تەشۋىقات ۋە ساختا ئۇچۇرلار بىلەن كونترول قىلىنىدۇ.
مەسىلەن، News Corp نىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەمىشە توغرا بولمىغان تۆۋەن باھالىق ۋە تۆۋەن سۈپەتلىك مەزمۇنلار بىلەن تونۇلغان. شۇڭا مۇنداق سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: بۇ مەزمۇنلار كىشىلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىلدىن سورىغان ھەر خىل سوئاللىرىغا ‹توغرا› جاۋابلار سۈپىتىدە سۇنۇشقا مۇۋاپىقمۇ؟»
كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ژۇرنالىستلىق مەكتىپى پىروفېسسورى سوما، سۆھبەت پىروگراممىلىرىنىڭمۇ تەھرىرلەش جەھەتتىن خاتالىق سادىر قىلىشقا مايىل كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ:
«سۈنئىي ئەقىلنىڭ بىر ماقالىنى ئانالىز قىلىپ، پۈتۈنلەي خاتا خۇلاسە چىقىرىشى ئاسان — Google نىڭ ھاسىل قىلىش - ئىزدەش نەتىجىلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان يېقىنقى پاجىئەگە قاراڭ. بۇ سۈنئىي ئەقىل نەتىجىلىرى رېئاللىقنى چۈشىنەلمەيدىغان ۋە خاتا ئۇچۇر ھاسىل قىلالايدىغان بىر مۇھىت بولۇشى مۇمكىن.»
Medya CoPilot نىڭ قۇرغۇچىسى پىت پاچال OpenAI بىلەن News Corp ئوتتۇرىسىدىكى شېرىكلىكنىڭ «بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئوخشاش» تۇيغۇ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ:
« New York Times گېزىتى دېكابىر ئېيىدا OpenAI شىركىتى ئۈستىدىن نەشىر ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى تۈپەيلى سوتقا ئەرز سۇنغاندا خەۋەرنىڭ كېلەچىكى نامەلۇم ئىدى.
ئەمما AP ۋە Axel Springer قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەر ۋە ئەڭ ئاخىرىدا News Corp بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمدىن قاراپ، مەزمۇن كېلىشىملىرى كەلگۈسىدە نورمال ئەھۋالغا ئايلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
New York Times گېزىتى سوتقا ئەرز سۇنۇش مەسىلىسىدە ئۆزىگە بىرقانچە كىچىك ئىتتىپاقداش تاپتى، ئەمما كۆپ ئەمەس. بىراق New York Times گېزىتىنىڭ پايدىسىغا چىقىرىلىدىغان قارار پۈتۈن مەنزىرىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ.
ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ كېلىشىملەر ئەقىلگە مۇۋاپىقتۇر، چۈنكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرى قىسقا مۇددەتتە ئېھتىياجلىق بولغان كىرىملەرگە ئېرىشەلەيدۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتتە بىر خاتالىق بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرىگە ‹سۈنئىي ئەقىل خۇلاسىلىرى ئۈچۈن خېرىدار مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش› رۇخسىتى بېرىلگەن بولىدۇ.»
پاچالنىڭ قارىشىچە، Google بۇ ئىشنىڭ جىددىيلىكى ئۈستىدە چوڭ بىر ئويۇنچىدۇر. تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل بىلەن ھاسىل قىلىنغان خۇلاسىلەرنىڭ، ئىزدەش موتۇرىنىڭ ئۈستى قىسمىدا نورمال ئەھۋالغا ئايلىنىشى بىلەن تەڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرى زىيارەتچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
پاچال قاراشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
«Google بىلەن مەزمۇن ئۈستىدە كېلىشىملەرنىڭ تۈزۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى Google توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن، سۈنئىي ئەقىل خۇلاسىلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تور كۆزىتىش مەشغۇلاتىنىڭ داۋامى دەپ قارايدۇ.
OpenAI شىركىتى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل بىلەن ئىزدەشنىڭ كەلگۈسىدىكى نەتىجىسى توغرىسىدىكى ئۇرۇشتا OpenAI شىركىتىنى قوللاشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىغانلىقىدۇر. چۈنكى Google ئۇتۇپ چىقسا پۈتۈن پۇللار تېزلا قۇرۇپ كېتىدۇ.»
ئوتتۇراھال ئىشلەتكۈچىلەر ئىنسان ژۇرنالىستلار ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى شىركەتلىرىنىڭ ئورنىغا بىۋاسىتە كىشىلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىغان چوڭ تېخنولوگىيە سۆھبەت پىروگراممىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئىشىنىشكە باشلىغان ھامان، خەۋەرنىڭ كېلەچىكى ئۈستىدە ئەندىشىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
British Columbia كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ژۇرنالىستلىق مەكتىپىدىن ئالفرېد خېرمىدا ، خەۋەر تور بەتلىرىنىڭ تېز خەۋەر يېڭىلانمىلىرىنى خالايدىغان ئادەتتىكى زىيارەتچىلىرىنى يوقىتىپ قويۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە زىيارەتچىلەر سانىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«خەۋەر ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك كىرىم مەنبەسىدۇر، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتتە زىيان يەتكۈزەلەيدۇ، چۈنكى سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرى ژۇرنالىستلىق مەزمۇنلىرى بىلەن تەربىيەلىنەلەيدۇ.
News Corp بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ OpenAI شىركىتى ئۈچۈن مۇھىمدۇر، چۈنكى سۈنئىي ئەقىل شىركىتىنى داۋاملىق تەربىيەلەش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
نېمە بولىدىغانلىقى نامەلۇم بولغىنى ChatGPT غا ئوخشاش سىستېمىلار يېتەرلىك دەرىجىدە ياخشى خەۋەر دوكلاتلىرىنى تەييارلاشنى ئۆگىنىۋالسا، خەۋەر ئاخباراتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىدۇر.
شېرىكلىك News Corp نىڭ كۆرۈرمەنلىرىنى ئادەتتە خەۋەر تارقاتقۇچى ئورگانلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتەلەيدۇ. ئەمما، بۇنىڭ ماركىلارنىڭ ئوقۇرمەنلەر سانىنى ئاشۇرۇپ-ئاشۇرالمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەستۇر.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئېلىنغان ئىسپاتلار، خەۋەر مەنبەسىنى ئىزدىگەن كىشىلەرنىڭ، مەسىلەن Facebook قاتارلىقلار ۋاسىتىچى دەپ بەلگىلەنگەندە ماركىلارغا ئاداققىچە ساداقەتمەن بولالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خەۋەر تارقاتقۇچى ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەر گويا ئىككى بىسلىق قىلىچتۇر.
بۇ يەردىكى خەۋپ - خەتەر خەۋەر تارقاتقۇچى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرىنىڭ خۇددى Facebook تىن قۇتۇلۇپ سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرىگە تايىنىدىغان ھالغا كېلىپ قېلىشىدۇر.»
بۇ يۈكۈنلەرنىڭ سۈپىتى ۋە سۈنئىي ئەقىل تەرىپىدىن ھاسىل قىلىنغان خەۋەر سوئاللىرىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي تەجرىبىسى ئۇلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاساسلىق مەنبەگە ئايلىنىپ-ئايلانمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
ئامستېردام ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئېرىك بوررا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خەۋەر مەزمۇنلىرىغا قانداق ئېرىشىش ۋە قانداق ئىشلىتىش جەھەتتە بىر ئۆزگىرىشكە تەييار ھالەتتە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئىشلەتكۈچىلەر بەلكىم ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرىنىڭ تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلمايدىغان بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرىنىڭ قايسى خەۋەرنىڭ ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆزىتىشى تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ، ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن ئېلان بېرەلمەيدۇ (ئادەتتە تېخىمۇ كۆپ زىيارەتچى تېخىمۇ كۆپ كىرىم مەنبەسىدۇر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرىنىڭ ئابونتلىرىنىڭ سانىمۇ ئازىيىپ كېتىدۇ.»
(يۇقىرى سۈپەتلىك رەسىملەرنى AssetHQ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ماقالىدىكى رەسىملەرنىڭ ئىزاھاتلىرىغا ئاساسەن ئىزدەشكە بولىدۇ.)